|
ئانا قولى ئەڭگۈشتەرىمىز
ئانا قولى پەرۋىشكارىمىز، ئانا قولى ئىپتىخارىمىز. سۆيەلمىسەك ئالقانلىرىغا، بولغاي قانداق ئېتىبارىمىز؟
ئانا قولى تەلەي چاچقان قول، بوينىمىزغا تۇمار ئاسقان قول. كۈمۈش چويلا تەۋەررۈك مۈلكى، قازانلىرى قايناپ تاشقان قول.
يەڭگۈشلەندى يۈزلەپ سۈپۈرگە، بىللە كەلدى پۈتكۈل ئۆمۈرگە. ئەلمىساقتىن ئانا قولىدۇر بارچىمىزنى چىقارغان تۆرگە.
ئانا قولى ئەڭگۈشتەرىمىز، ئانا قولى ھەسەل ھەرىمىز. ئەرزىگەيمۇ ئانا ئەجرىگە، ئۆمۈر بويى تۆككەن تەرىمىز.
ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق
كۆك مايسىدۇر يازدا قورايلىق، يېشىل چىمەن باھاردا سايلىق؛ قىز – يىگىتلەر كەتمەڭ كۆرەڭلەپ، ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق.
كىيگەنلىرى يارىشىپ تۇرار، ئايدىن ئۇزلۇق تالىشىپ تۇرار، باققان كۆزلەر قامىشىپ تۇرار، ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق.
تەلىيىدۇر تالدەك سۇمباتى، ئەگىپ يۈرەر گۈزەللەر زاتى؛ بىراق ياشلىق ئەمەستۇر باقىي، ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق.
ئەللىك ياشتا قىڭغىيار قامەت، ھۆسنىڭدىنمۇ كېتىدۇ ئامەت. ئاتمىش يېشىڭ باشلار نادامەت، ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق.
|