|
(ھېكايە)
ئوبۇل ھاشىم
—ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاداش ئىبراھىم، بەلەن تۇردۇڭمۇ؟
—ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، غالىب، خۇش كەپسەن، قېنى، سافاغا كەل.
—ئىشىكنى چەكمەي، ئۈسۈپلا كىردىم، خاپا بولمىغانسەن؟
—ياقەي، نېمىگە خاپا بولاتتىم، ئاران بىر كەلگىنىڭدە خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالمايۋاتىمەن، قېنى چايغا باق.
—رەھمەت، رەھمەت، ئىشخاناڭغا كىرگەنلەردىن قولۇڭدىن چاي ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشىدىغانلار كۆپ ئەمەستۇ؟
—نېمە دەيسەنوي، ئىشخانامغا كىرگەن مېھمانغا ئۆز قولۇم بىلەن چاي تۇتىمەن، نېمە، قارىغاندا مېنى بەك ھاكاۋۇر چاغلايدىغان ئوخشىمامسەن؟
—دەيمىنا ئەمدى، كاتتا باشلىق تۇرساڭ...
—نېمە كاتتا باشلىقكەن ئۇ، سەن بىلەن مەن ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيگەن چاغلىرىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلار تۇرساق، ھېلىغۇ ئانچىكى ئەمەلكەن، سۇلتانلىق تەختىدە بولساممۇ ساڭا چاي قۇيسام ئەرزىيدۇ...
—ھا ھا ھا...، گېپىڭ بەك تاتلىق جۇمۇ سېنىڭ...
—ھە، ئەزەلدىن ئىشخانامغا كەلمەيتتىڭ، بۈگۈن قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى؟
—قانداق شامال بولاتتى، ئاچچىق شامال، زەھەردەك ئاچچىق...ئىچىم دەردكە توشۇپ كەتتى ئاداش، بۈگۈن ئىچىمنى بوشىتىۋالمىسام يېرىلىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، ئويلاپ باقسام دوستلىرىمنىڭ ئىچىدە سەنلا مېنى ئەڭ چۈشىنىسەن، دەردىمنى بىر تۆكۈۋالاي دەپ كەلدىم. خىزمىتىڭگە كاشىلا قىلمىغاندىمەن - ھە؟
—ياقەي، سەن مېنى ئۆز بىلىپ كەلگەن تۇرساڭ، ئەمىسە ئىشىكنى تاقىۋەتتىم، قېنى سۆزلە، ھازىردىن باشلاپ تاكى سەن خوش! ، دېگىچە بارلىق ۋاقتىم ساڭا ھېساب.
—نېمىسىنى دەي ئاداش، قېرىنداشنىڭ دەردى بەك يامان بولىدىكەن، ئىچىڭگە سىغدۇراي دېسەڭ سىغمىغان، شۇنىڭ بىلەن سەندەك قەدىناسلارنى ئىزدەپ، دەرد تۆككىسى كېلىدىكەن كىشىنىڭ...
—ئۆيۈڭدىكىلەر تىنچلىققۇ، ئاغىنىلەر بىلەنمۇ ئوبدان ئۆتۈۋاتىسەن...ھېچ بىلەلمىدىم، كىم رەنجىتتى سېنى؟
—كىم بولاتتى، چوڭام بولمامدۇ، شىشە كۆز، مۇتتەھەم، تەرسا...
—مەتتۇرسۇننى دەۋاتمايدىغانسەن؟
—مەتتۇرسۇن بولماي يەنە كىم بولاتتى، بەك مۇتتەھەملىشىپ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتى، بەك، بەك...
—قارىغاندا چىشىڭغا تەگدىمۇ نېمە؟ سەن ئۇنى ماختىساڭ ماختايتىڭكى، ئالدىراپ تىللىمايتىڭ.
—چىشىمغا تەگسە مەيلى ئىدىغۇ، يۈرىكىمگە نەشتەر ئۇردى، ئۇ.
—نېمە دەيسەن – ھوي، ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتىمەنغۇ؟
—مەتتۇرسۇن ھازىر سەن بىلەن مەن بىلىدىغان مەتتۇرسۇن ئەمەس، باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى، ھالىنى تۆت ئاتلىق ھارۋىمۇ تارتالمايدۇ...
—زادى نېمە بولدى، ئوچۇق دېگىنە، ئادەمنى بىتاقەت قىلماي؟
—مەن ئەزەلدىن ئاغىنىلەرگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ باققانمۇ؟
—ياق، سەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس.
— ھەببەللى، ئۇنداقتا مەتتۇرسۇن نېمانداق قىلىدۇ، نېمىشقا ئادەم بار – يوق دېمەي ماڭا تەنبىھ بېرىدۇ، بولۇپمۇ رەقىبىمنىڭ ئالدىدا بوزەك ئەتسە ‹‹مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن›› بولمامدۇ؟
—گەپنىڭ پوس كاللىسىنى دېگىنە؟
—بىر ھەپتە بۇرۇن مەتتۇرسۇن مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ئىدارىنىڭ بۇ يىللىق نامراتلىقنى يۆلەش نۇقتىسىغا ياردەم بېرىلگەن نەق پۇل، ماددىي بۇيۇم، تۈر قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ستاتىستىكىسىنى تەپسىلىي يەتكۈزۈپ بېرىشىمنى، شۇ كۈنى كەچتىن كېيىن قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن چۈشتىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن سوراپ سانلارنى تۈرلەر بويىچە جەملەپ مەتتۇرسۇننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم، ئۇ يوق. كەچتە سورۇن بولۇپ قالدى، يانفونۇمنى ئىتىۋېتىپ، كەچرەك قايتتىم. ئۆيگە كىرىشىمگىلا تېلېفون جىرىڭشىپ كەتتى، ئالدىم، مەتتۇرسۇن ئىكەن، ‹‹ۋەي›› دېيىشىمگىلا قايناپ كەتتى، نېمە دەيدۇ دېمەمسەن، ‹‹قانداق مەسئۇلىيەتسىز ئادەم سەنۇي، بۈگۈن كەچتىن قالمىسۇن دېگەن ماتېرىيالنىڭ ھازىرغىچە سايىسىمۇ يوق، يانفونىڭنى ئېتىۋاپسەن، دەرھال ئىدارىگە كەل، مەن ئىشخانامدا...››. ئويلاپ باقە، شۇمۇ دوستقا دەيدىغان گەپلەرمۇ؟ سەككىز سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدىن كېيىن تېلېفوننى ئېتىۋېتىش ياكى ئوچۇق قويۇش ھەركىمنىڭ ئەركىنلىكى ئەمەسمۇ؟...ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، مەتتۇرسۇننىڭ ئىشخانىسىگە باردىم، خىيالىمدا مەتتۇرسۇنغا تازا قايناپ ماڭا ئاچچىقلىغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتەي دەپ ئويلىغانىدىم، قارىسام قاپاقلىرى ئەسكى تاغاردەك ساڭگىلاپ، چىرايى كونا كىگىزدەك قارىداپ كېتىپتۇ، ھەرقانچە يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ، باشلىق دېگەننىڭ سۈر، ھەيۋىسى بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ھېچنېمە دېيەلمىدىم، ئۇ قولۇمدىن ماتېرىياللارنى ئېلىپ ‹‹ۋىلايەت رەھبەرلىرى چاقىرتىپتۇ›› دەپلا پىكاپىغا چىقىپ كېتىپ قالدى. نېمىشقىكىن، شۇ كېچىسى دادىسىدىن دەشنام يېگەن ئوغۇلدەك ئازابلىنىپ، ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى ئىدارىگە بارمىدىم، چۈش بولاي دېگەندە ‹‹باشلىق چاقىرىدۇ›› دەپ ئۆيۈمگە تېلېفون بېرىشتى، ئىشخانىغا كىرسەم مەتتۇرسۇن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ھېزىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ساڭا بۇرۇن دەپ بەرگەن ئىدىمغۇ، ھېزىم بىلەن ئەزەلدىن خوشۇم يوق ئىدى، ئۇ مېنىڭ باشلىقنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاشكارا – مەخپىي سورۇنلاردا خىزمىتىمدىن قۇسۇر چىقىرىپ، ماڭا نەشتىرىنى سانجىيتتى...مېنى كۆرۈپلا مەتتۇرسۇننىڭ چىرايى ئۆڭدى. ‹‹تۈنۈگۈنكى ماتېرىيالنى قانداق يوللىغانىدىڭ؟›› دەپ سورىدى ئۇ، باشقىلاردىن سورىغىنىم بويىچە جەملىگىنىمنى ئېيتىشىمغىلا، ئۈستەلگە مۇشتلاپ كەتتى، ‹‹ھەي قاپاقباش، ساڭا بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقىلى قانچە يىل بولدى، بۇ باشقىلاردىن سوراپ، جەملەپ قويسىلا بولىدىغان سانمۇ؟ مېنى ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئالدىدا مات قىلدىڭ، ئىست ساڭا شۇنچە ئىشەنگىنىم! بىزىرىپ تۇرماي راست گېپىڭنى ئېيت، ئىشلىيەلىسەڭ تۈزۈك ئىشلە، بولمىسا ئورنۇڭنى بوشات، بۇ ئىدارىدە سەندەك مەسئۇلىيەتسىز كادىرنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشىراق...››. ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى، ماڭا ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق ئىدى، ئىشخانىدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا قارىسام شەھەر چېتىدىكى قاۋاقخانىدا ئىچىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مانا، ھەپتە بولدى، كۈندە ئىچىۋاتىمەن، مەتتۇرسۇننى ئەمدى كۆرەرگە كۆزۈم يوق ئاداش...باشقا ئىدارىگە يۆتكىلىپ كېتەيمىكىن دەيمەن، سنېىڭ يولۇڭ بار، مېنى يۆتكەپ قوي ئاداش...
—بولغان ئىشنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟
— شۇ...
—مەتتۇرسۇن مېنىڭمۇ ئاغىنەم سېنى باشقا ئىدارىگە يۆتكەپ قويسام سېنىڭچە بولارمۇ؟ ئويلاپ باقمامسەن، سەن مەتتۇرسۇننىڭ ئاغىنىسى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى باشقىلاردىنمۇ بەكرەك قوللىشىڭ كېرەكقۇ؟ شۇنداق مۇھىم دوكلاتنى تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ ئاندىن بەرسەڭ بولمامدۇ؟
—نېمە، يەنىلا مەن گۇناھكاركەنمەن – دە، مەن ئۇنىڭدىن ئىلتىپات تەلەپ قىلمىدىم، كۆڭلۈمنى ئاغرىتىپ دۈشمەنگە ئويۇن قىلىپ بەرمىسە بولمامدۇ، دەيمەن.
ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئالالىغان كىشى ھەقىقىي ئەركەك، باشقىلاردىن رەنجىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ نېمە قىلغىنىڭنى ئويلىشىڭ كېرەك. مەن ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئاغىنىسى، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلا، توغرا بولسا قوبۇل قىلارسەن، بولمىسا ئۆزۈڭ بىل.
—قېنى ئېيتە.
—مەتتۇرسۇن ئىدارە باشلىقى بولۇپ سېنىڭ غېمىڭدىلا يۈردى، سېنى ۋەيران بولغان كارخانىدىن ئۆز ئىدارىسىگە يۆتكىدى، ئىدارىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا قويدى، بۇنىڭغىمۇ ئون يىلچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن؟
—توققۇز يىلدىن ئاشتى.
—ھەببەللى، قارا، ھەپتە ئىلگىرىلا ئۇنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى سۆزلەپ يۈرەتتىڭ،...يېقىندا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئۆستۈڭ، ياخشى ئۆي، ياخشى تۇرمۇش قارنىڭنى ئېسىۋاتامدۇ؟
—ياق.
—ئەمىسە ئۇ سەندىن بىر نەرسە تەمە قىلامدۇ؟
—ياق.
—ھەببەللى، ھەقىقىي دوستلۇق دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ، ئەمما مەتتۇرسۇنمۇ توغرا قىلماپتۇ. سېنى ئادەم بار يەردە تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداق، سەن ئۇنىڭ دوستى بولغانكەنسەن، ئۇنىڭ مىجەزىگە ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك. ئىككى ئېغىز گەپ ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرىنى، ئەڭ مۇھىمى، دوستلۇق مېھرىنى يوققا چىقىرىۋەتسەڭ بولمايدۇ.
—مەن، مەن...
—ئېسىڭدە بولسۇن، مەتتۇرسۇن دوستلار ئىچىدە ساڭا ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدۇ.
—ھە...شۇ...مەنمۇ ئۇنى ئۆز قېرىندىشىمدەك كۆرۈپ...
—بىرسى ئىشىك چېكىۋاتامدۇ نېمە؟
— شۇنداق، مەن بېرىپ ئاچاي.
—ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
—ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، زامان ئاخىر بولدىمۇ – نېمە؟ گېپىڭنى قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق، گەپ ئۈستگىلا كەلدىڭ، قېنى مەتتۇرسۇن يۇقىرى ئۆت.
—ھە، غالىبنىڭمۇ مۇشۇ يەردىلىكىنى پەملىگەنىدىم.
—ھېلىلا، ھېلىلا كەلگەن...
— مەتتۇرسۇن ئاداش، غالىبنىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىشىدىن قىزغانمايدىغانسەن؟
— قىزغانمايچۇ، بىر ھەپتە بولدى، كۆزۈمدىن ئۇچتى. بۇ كاساپەتنىڭ مېنى خاپا قىلىشلىرىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، نەچچە قېتىم تېلېفون بەرسەم ئالمىدى. نەق ئۈستىگىلا چۈشۈپتىمەن.
— غالىبنى دېمىسەڭ كەلمەيدىكەنسەن - دە؟
— ئۇنداق ئەمەس، مەن خىزمەتنى دەپ غالىبنى رەنجىتىپ قويدۇم...ھە، غالىب ئاداش، مەندىن تېخىچە خاپا ئوخشىمامسەن، مەن سېنىڭ باشلىقىڭ بولۇپ قاپتىمەن، خىزمەت دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، مەندىن خاپا بولما. سەن مېنى شۇنداق چوڭ بىلەتتىڭ، ماڭا تاغدەك ئىشىنەتتىڭ، كۆڭلۈڭنىڭ نازۇكلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ رەنجىتتىم...ھەي ئىبراھىم، چېيىڭ بارمۇ؟ مەن غالىبقا ئۆز قولۇم بىلەن چاي تۇتۇپ كەچۈرۈم سوراي، سەن گۇۋاھ بول. — مانا چاي، خۇددى بىزنىڭ دوستلىقىمىزدەك ئىسسىق.
— مېنى كەچۈر غالىب!
...
— گەپ قىلە غالىب، تالاق بولغان مەزلۇمدەك باتناپ ئولتۇرماي.
— مەن...چاينى مەن تۇتاي، مەتتۇرسۇننى خاتا چۈشىنىپ يۈرۈپتىمەن.
— ھا، ھا، ھا...ئىشخانام چايخانىغا ئايلىنىپ قالدىغۇ ئەمدى...
—قېنى، ئاغىنىدارچىلىقىمىز ئۈچۈن، خاپىلىقلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى ئۈچۈن بۇ چاينى ئىچىۋېتەيلى.
— بولىدۇ، قېنى ئىچەيلى.
—مەن باشقا ۋىلايەتكە ۋەزىپىگە تەيىنلەندىم، چۈشتىن كېيىن ماڭىمەن، غالىبنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئىبراھىم، ئۇنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق كۆپ، سەنمۇ خېلى چوڭ ئەمەلدار بولغاندىكىن، غالىبتىن ئوبدان خەۋەر ئال! غالىب، سەنمۇ ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا. كۆڭلۈمدىكى سۆزنى ئېيتسام، خىزمەتتە ئەستايىدىل، پۇختا بول، ھە، راست، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىڭنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنسەن، مەن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە دەپ يۈرۈپ، 3000 يۈەن ھەل قىلدىم، مانا ئالە بۇ پۇلنى، ۋاقتىدا بالىلىرىڭغا ئەۋەتىپ بەر. كەم قالغان يەرلىرى بولسا ئىبراھىم بىلەن باشقا دوستلار بولغاندىكىن قاراپ تۇرمايمىز... بولدى خوش ئاغىنىلەر، مەن ئەمدى ماڭاي، ئەتە ئىشقا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالما غالىب...
— بۇ...بۇ...
— مەن سېنى ئۇزىتىپ قوياي...
— بولدى، مېنى ئالغىلى كېلىدىغانلارمۇ كېلىپ قالدى.
— غالىب، نېمىگە يىغلايسەن، ئادىشوي، يانچۇققا سالە پۇلنى، بىكار مەن ئېلىپ خەجلىۋالىمەن.
— مەن، مەن...مېنى كەچۈر ئاداش...
— خوش.
— خوش.
— ئامان بول ئاداش!...
|