باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
رۇبائىيلار
2008- 08- 18 12:27 شىنجاڭ گېزىتى

  ئابدۇرەھىم ھەكىمى

1

قول ئۈزگىن بۇرادەر تىلەشتىن  – ‹‹بەر››دىن،
رىسقىڭنى ئىزدىگىن ئەجرىڭدىن – تەردىن.
تەل بولماس توققۇزى تىلەمچىلەرنىڭ،
ئىشلىسەڭ بوسۇغاڭ بولىدۇ زەردىن.

 2

كېلىمىز، كېتىمىز، بۇ بىر ئىرادە،
ئەزرائىل ئىچكۈزەر ھەممىگە بادە.
ئالىمنىڭ ئەمگىكى كۆمۈلمەس ھەرگىز،
ياشايدۇ ئۆمرىدىن نامى زىيادە.

 3

بۇ دۇنيا بىزلەرگە قونالغۇ – ئۆتەڭ،
ئۆتەڭنى تالىشىپ قىلىشمايلى جەڭ.
كېتىمىز قۇرۇق قول، قالىدۇ دۇنيا،
نەپسىڭنى يىغىپ يۈر، كۆڭلۈڭنى تۇت كەڭ.

 4

كۆچەتكە سۇ كېرەك، ئادەمگە غايە،
كۆچەت تىك، كۆكەرسۇن، تاشلىسۇن سايە.
چۆللەرنى باغ قىلىش ئارزۇيىڭ بولسۇن،
بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ، ئاشۇ كۇپايە.

 5

تۇغۇلماق ھەم ئۆلمەك بۇ بىر ھەقىقەت،
شۇ قىسقا ئۆمۈرنى بىلەيلى قىممەت.
كەتسەكمۇ قالىدۇ ياخشى نامىمىز،
قىلساق بىز ئاۋامغا ياخشىلىق، خىزمەت.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ