|
ئوسمان قاۋۇل
بۇلبۇلنىڭ كۈيىگە چۆمۈلدۈم بۈگۈن، ھاياجان قىيانى قەلبىمدە پەۋەس. يېشىلدى دىلدىكى مىڭلىغان تۈگۈن، بولماپتۇ ھېچقاچان ئارمانلىرىم خەس!
ئەتراپتىن ئاڭلىنار يېقىملىق ئاۋاز، مۇنۇسى بۇلبۇلغۇ، مۇنۇسى كاككۇك. ناۋاسى ئۆزگىچە، ھەرجان سەرۋىناز، بولالماس جەننەتمۇ بۇ يەردىن ئارتۇق.
يۇلغۇنلار تۇپراقتىن ئالغان قىزىللىق، كۆڭلۈمدە باراقسان قوڭغۇراق تىكەن. تالاشقان بۇ دەريا ‹‹نىل››دىن ئېسىللىق، تولغىنىپ ئېقىشى بىر ئالەم ئىكەن.
يىراقتا بۈك ئورمان، شامىلى سالقىن، نېرىدا قىپقىزىل قىيا لاۋۇلدار. توقايلار كۆركەمدۇر، ساھىللىرىدا پادىچى چالار نەي، پادىلار يايلار.
بالقىيدۇ ئالدىمدا قاردەك سۈزۈك تاڭ، سۈپسۈزۈك يەر، ئاسمان، يېشىل ياپراقلار. مەھلىيا ئېتىدۇ ئىزگۈ ئاھاڭلار، نازغىيدۇ يېنىمدا بەرگى قىياقلار.
يۈرىكىم بۇلبۇلغا ئايلاندى شۇدەم، سەير ئەتتىم بۇ چەكسىز خىلۋەت ماكاننى. بىر پارچە ھالال يەر ئىكەنسەن ئەركەم، ئالامسەن سوۋغات، دەپ بەرگۈم بار جاننى؟!...
|