|
ياسىن سىيىت ئارچىن
تاشتىن – تاشقا ئۇرۇپ ئۆزىنى، تاغنى يېرىپ ئاققان تاغ سۈيى. ۋادىلارنىڭ رىشتىنى مەھكەم، بىر – بىرىگە چاتقان تاغ سۈيى.
شاۋقۇنىدىن جىرا – سايلارنىڭ تىنىقلىرى ئويناق تاغ سۈيى. بويلىرىدىن كېتەلمەس ھېچكىم، دىلدا ھەۋەس، ئويغاق تاغ سۈيى.
خۇش ھاۋالىق، ئېتەكلىرى گۈل، ئاشىقلارغا ماكان تاغ سۈيى. سېھىرلەنگەن ئايدىڭ كېچىلەر سۈكۈناتتا جاھان، تاغ سۈيى.
كۆز يەتكۈسىز ئېدىر ۋە دالا شەربىتىڭدە بوستان تاغ سۈيى. توقايلىرى جەننەت مىسالى، ئەھلى ئىنسان ھەيران، تاغ سۈيى.
مەمۇرچىلىق بىلەن ئەل خۇشال، سەن بارلىكى يەردە تاغ سۈيى. ئېقىنىڭدا تامچە بوپ ئاقسام، نېمە ئارمان مەندە تاغ سۈيى.
|