باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
بالام
2008- 08- 18 12:24 شىنجاڭ گېزىتى

  يالقۇن ئۆمەر

ئىجاد، ئەمگەك بابىدا كەلتۈر ئەلگە شان، بالام،
ئىلمۇ ئىرپان ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ يان، بالام.
ئۆز ئەجرىڭدىن رىزىق تاپ، جۈرئىتىڭگە لايىق – باپ،
ھالال تېپىپ يە دائىم، تەرىڭدىن ئاش – نان، بالام.
خالىس قىلغان ئىشلىرىڭ مەنە تاپسۇن يازۇ قىش،
شىجائەتنى شەنىڭگە قىلغىن پۈتمەس كان، بالام.
ھەق ئىشقىدا كۆي دائىم، ئادالەتنى سۆي دائىم،
ۋەتەن ئۈچۈن مەدرلەرچە تېنىڭدىن تۆك قان، بالام.

قوشقىن تۆھپە يۇرت، ئەلگە، ئوق ياغدۇرۇپ ئىللەتكە،
 بولمىغۇر قىلمىشلاردىن ئۈزگىن قولنى، جان، بالام.
ھۆرمەت قىلىپ چوڭلارنى، يۆلەپ يولدا ھارغاننى،
شاپائەتنى سانىغىن دىلدا بۈيۈك سان، بالام.
رىزا قىلىپ بىزلەرنى، نۇرغا ئوراپ يۈزلەرنى،
يۈكسەك ئابرۇي – ئىناۋەت تېپىپ ياشا، جان، بالام.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ