|
تەلئەتجان مۇھەممىدى
تۇرىمەن ياپيېشىل قىرغاقتا مەغرۇر، ئاقىدۇ ئالدىمدا تىنىمسىز دەريا. شاۋقۇنى ھاياتنىڭ ناخشىسى گويا، تىڭشايمەن مەن ئۇنى مەست بولۇپ، تەنھا.
توختىماس دەريانىڭ ئوخچۇپ دولقۇنى، چېپىشار تايچاقتەك چىمەنزار ئارا. ياشنىتىپ بىپايان قىرغاقلىرىنى، يۇرتۇمغا گۈزەللىك قىلىدۇ ئاتا.
شارقىراپ ئاقىدۇ ئۇزاق – ئۇزاققا، كەڭ تارىم قوينىنى باغاشلاپ قانماي. بەئەينى مەرۋايىت ئۈنچىلىرىنى زېمىنغا بەخش ئېتەر قىلچە ئايانماي.
ئويلايمەن ئۆمرۈممۇ ئۆتسە دەريادەك، بىر ئۆمۈر دولقۇنلاپ، توختىماي ئاقسام. قۇيۇلسام زېمىنغا ئانا زېمىنغا، ئەجرىمدىن ۋەتەنگە تۆھپىلەر قاتسام.
|