باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
‹‹يۆلەنچۈكۈڭ بار ئىكەن – دە››دىن ھېس قىلغانلىرىم
2008- 08- 15 12:07 شىنجاڭ گېزىتى

   يېقىندا مەلۇم بىر نەشر ئەپكاردىكى بىر ماقالىنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: مەلۇم يېزىدىكى بىر دېھقان قانۇنلۇق كۆتۈرە ئالغان يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارنىڭ يولسىز ئېگىلىۋالغانلىقىغا نارازى بولۇپ، كەنت  ئاھالە  كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپمۇ ئىشنى ھەل قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ ئەرزىگە جىددىي قاراپ، مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەستىقلاپتۇ. ھېلىقى دېھقان ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن بىرەرسىنى تونۇمىسىمۇ، بۇ تەستىقنى كۆرگەن يېزا رەھبەرلىرى ھېلىقى دېھقانغا‹‹سېنىڭ ۋىلايەتتە يۆلەنچۈكۈڭ بار ئىكەن –  دە؟›› دەپتۇ ۋە ئىشىنى دەرھال ھەل قىلىپ بېرىپتۇ...

   قاراڭ، بۇ، ئاڭلىماققا، كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ئەقىل بىلەن ئويلىسىڭىز، ئۇنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىسىز. چۈنكى ھېلىقى دېھقاننىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا سۇنغان ئەرزى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئۇزاققىچە ھەل بولمىغان، ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ ئورۇنلۇق ئەرزىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ‹‹سېنىڭ ۋىلايەتتە يۆلەنچۈكۈڭ بار ئىكەن...›› دەپ، مەسىلىنى تولىمۇ ئوچۇق چىراي بىلەن ھەل قىلىپ بەرگەن....

   بۇنى ئەكسىچە ئويلاپ كۆرەيلى: ناۋادا ھېلىقى دېھقاننىڭ يەر توغرىسىدىكى ئەرزى ئاساسسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىلايەتتە ھەقىقەتەن‹‹يۆلەنچۈك››ى بولسا، نەتىجە قانداق بولىدۇ؟! بۇ ھەممەيلەنگە ئايان. بەزىلىرىمىز ئىش بېجىرىشتە قۇلاي بولۇشىنى ئويلاپ ‹‹يۆلەنچۈك›› ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن، يەنى قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنۇش، كېسەل كۆرسىتىش، پەرزەنتلىرىمىزنى ئوقۇتۇش... ۋەھاكازالاردا شۇ جايلاردا تونۇش  ‹‹يۆلەنچۈك›› بولۇشىنى ئىستەيمىز. گويا شۇ جايلاردا ‹‹يۆلەنچۈك›› ىمىز بولسىلا، ئورۇنسىز ئىشلىرىمىز ئوڭغا تارتىدىغاندەك. بۇ توغرا ئەمەس! شۇڭا ھەر بىرىمىز ئۇنداق بولمىغۇر ئىدىيىلەردىن قول ئۈزۈپ، ئىشلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق، ئادىل بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز زۆرۈر.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ