|
باسىت ئابدۇللا
قەدىمكى زاماندا بىر يۇرتتا قاتتىق تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەچكە ، ئېرى ئاپەتتە قازا قىلغان بىر ئايال ئۈچ بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ھاياتلىق يولى ئىزدەپ نىشانسىزلا سەپەرگە چىقىپتۇ . ئۇلار يولغا چىقىپ ئۇزۇنغا بارماي ، ئېلىۋالغان يېمەكلىكلىرى تۈگەپتۇ . ئۇ ئايال ئەڭ ئاخىرقى بىر قوتۇرماچنى تۆتكە بۆلۈپ بالىلىرى بىلەن يېمەكچى بولۈۋاتقاندا ، ئاچلىقتىن بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ناتونۇش بىر بالا كېلىپ ، ئۇلاردىن نان سوراپتۇ . ئۇ ئايالنىڭ چوڭ بالىسى :
—بىزگە يوق نان ساڭا نەدىكەن؟— دەپتۇ ، بىچارە بالا تىزلىنىپ تۇرۇپ:
—بىر بۇردا نان بېرىپ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قويغان بولساڭلار كەلگۈسىدە ئالەمچە جاۋاب قايتۇراتتىم،—دەپتۇ .
ئايال ئۆز بالىسى دېمەتلىك بۇ بىچارىگە ئىچى ئاغرىپ ئەمدىلا ئاغزىغا سالغان قوتۇرماچنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بېرىپتۇ . بالا خۇددى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك خۇش بولۇپ كېتىپ قاپتۇ .
خېلى كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ، ھېلىقى بالا سودا–سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باي بولۇپ كېتىپتۇ ۋە ھېلىقى جىددىي پەيتتە ئاغزىدىكى ناننى چىقىرىپ بەرگەن شەپقەتچىسىنى ئىزدەپتۇ . گەرچە نۇرغۇن يەرگە بېرىپمۇ ئۇنى تاپالمىغان بولسىمۇ ، ئۆز نىيتىدىن يانماي ، يەنە بىر نەچچە يىل ئىزدەپ ئاخىرى شەپقەتچىسىنى تېپىپتۇ . بۇ چاغدا ھېلىقى ئاق كۆڭۈل ئايالنىڭ بەللىرى مۈكچىيىپ ، چاچلىرى ئاقىرىپ ، تۈرلۈك كېسەللەر چىرمىۋالغان ئىكەن . بالىلىرىنىڭمۇ قولى قىسقا بولغاچقا ، ئانىسىنى داۋالىتالماي ، بېشىنىڭ ئىچىمۇ ، تېشىمۇ قېتىپ تۇرغاندا ، باي بولۇپ كەتكەن ھېلىقى بالا ئۇ ئايالنى داۋالىتىپ ، ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىپ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ .
ھازىرمۇ نۇرغۇن ئادەم بىراۋ قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، ئۇلارغا مېھر–شەپقەت يەتكۈزۈپ ، قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلسا ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەر شارائىتى بولسىمۇ ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ .
تەقدىرنىڭ يەلكىنى ئوڭ كەلگەن ئامەت شامىلى بىلەن بەكمۇ ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ كېتىۋاتقان بىر چاغدا ، كۈتۈلمىگەن شىددەتلىك بوران چىقىپ ، يەلكەننى ئۆرۈۋېتىدىغان ياكى تەبىئىي ئاپەت بولۇپ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قالىدىغان ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ . شۇڭا قول ئىلكىمىزدە بار ۋاقىتتا ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىلساق ، بېشىمىزغا قاتتىق كۈن چۈشكەندە بىزگىمۇ ھەسسىلەپ جاۋاب قايتىدۇ .
|