|
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد
بىر تىلەمچى بىر قورۇغا كىرىپ ئايال خوجايىندىن سەدىقە سوراپتۇ. ئۇنىڭ سول قولى مۈرىسىدىن يوق بولۇپ، كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىكەن. بىراق ئايال تۈزۈت قىلمايلا، ئۇنىڭغا ئىشىك ئالدىدىكى خىشلارنى كۆرسىتىپ:
ماڭا ياردەملىشىپ بۇ خىشلارنى ئارقىغا يۆتكىشىپ بەرسىڭىز، دەپتۇ.
تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ:
بىر قولۇم يوق تۇرسا، ماڭا خىش توشۇتماقچى بولۇۋاتامسىز؟ ئادەمنى مۇشۇنداق ئەخمەق قىلسىڭىز بولامدۇ؟ دەپتۇ.
ئايال تىلەمچىگە قاراپ قويۇپ بىر قولىدا خىشنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە:
كۆرگەنسىز، مەن بىر قولدا قىلالىغان ئىشنى سىز نېمىشقا قىلالمايسىز؟ دەپتۇ.
تىلەمچى ئوڭايسىزلىنىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قولىدا خىشنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ. ئۇ توپتوغرا ئىككى سائەت ئىشلەپ خىشنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ بولغىنىدا، پۈتۈن ئەزايى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپتۇ. ئايال ئۇنىڭغا ئاپئاق لۆڭگىنى ئۇزىتىپتۇ. ئۇ يۈز – كۆزلىرىنى سۈرتكەن ئىكەن، لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ. ئايال ئۇنىڭغا يەنە 20 يۈەن بېرىپتۇ. تىلەمچى پۇلنى ئېلىپ ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ:
رەھمەت!
ماڭا رەھمەت ئېيتماڭ، دەپتۇ ئايال، بۇ ئەمگىكىڭىزنىڭ ھەققى.
مەن سىزنى ئۇنتۇمايمەن، دەپتۇ تىلەمچى، بۇ لۆڭگىنى ماڭا خاتىرە ئۈچۈن بەرگەن بولسىڭىز.
تىلەمچى گېپىنى تۈگىتىپ ئىگىلىپ تەزىم قىلغاندىن كېيىن قورۇدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ يەنە بىر تىلەمچى بۇ قورۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئايال ئۇنىڭغا خىشنى ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە يۆتكەپ بەرسە، 20 يۈەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تەندۇرۇس بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ غۇدۇرىغىنىچە كېتىپ قاپتۇ. ئانىسىنىڭ ئىشىنى چۈشىنەلمىگەن ئوغلى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
ئۆتكەنكى قېتىمدا سىز بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىدىن كەينىگە يۆتكىگۈزگەنتىڭىز، بۇ قېتىم بۇ ئادەمگە ئۇنى يەنە ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكە دەۋاتىسىز، خىش زادى نەدە تۇرسا بولاتتى؟
خىشنىڭ نەدە تۇرۇشى مەن ئۈچۈن ئوخشاش، دەپتۇ ئانىسى، بىراق ئۇنى يۆتكەش – يۆتكىمەسلىك تىلەمچىلەرگە نىسبەتەن ئوخشىمايدۇ.
كېيىن يەنە بىر نەچچە تىلەمچى ئۇ خىشلارنى ئۇياندىن بۇيانغا توشۇپتۇ.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، كېلىشكەن بىر ئادەم بۇ قورۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. پوزۇر كىيىنگەن بۇ ئادەم شۇنچىلىك مەغرۇر ئىكەن، بىراق ئۇنىڭ بىرلا قولى بار ئىكەن. ئۇ بېشىنى ئەدەب بىلەن ئىگىپ ئايالغا دەپتۇ:
ئەگەر سىز بىلەن ئۇچراشمىغان بولسام، مەن تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈۋەرگەن بولاتتىم. ھازىر بىر شىركەتنىڭ لىدىرى بولۇپ قالدىم.
بۇ ئۆز ئەمگىكىڭىزدىن كەلگەن، دەپتۇ ئايال.
بۇ مېيىپ لىدىر ئايالغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى شەھەرگە كۆچۈرۈپ كېتىپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
تەلىپىڭىزگە قوشۇلالمايمىز، دەپتۇ ئايال.
نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەننىڭ ئىككىدىن قولى بار.
لىدىر ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
خانىم، سىز ماڭا نېمىنىڭ ئادەم بولۇش، نېمىنىڭ ئادىمىيلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇتتىڭىز، مېنى تەربىيىلىگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! دەپتۇ.
ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ:
ئۇنداقتا، بىزنى شەھەرگە ئاپىرىپ تۇرغۇزماقچى بولغان ئۆينى بىرمۇ قولى يوق ئادەملەرگە بېرىۋېتىڭ، دەپتۇ.
شۇنداق، بىز كۆپ ھاللاردا ئىنساننىڭ تەبىئىتى تۇغما بولىدۇ ياكى ئۇنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارايمىز. لېكىن مەلۇم سەۋەب ياكى ۋاسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، ئەمما بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە، پۇرسەتنى قانداق تۇتۇش ۋە ئۇسۇلنى قانداق تاللاش
|