|
غالىپ مۇھەممەد قارلۇق
نۇرغۇن كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئۇلاردا پەۋقۇلئاددە تالانت بار، دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىدىمۇ ئاشۇ كىشىلەرگە ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغۇدەك مۇمكىنچىلىك بارلىقىنى، نەتىجە قازانغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ھەر بىر ئىنسانغا نېسىۋە قىلىنغان ئەڭ چوڭ بايلىق ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى چىڭ تۇتالىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ قويمايدۇ ياكى بۇنى چۈشەنمەيدۇ. كەشپىيات پادىشاھى ئېدىسون ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق دېگەن: ‹‹مۇۋەپپەقىيەت بىر پىرسەنت تالانت بىلەن توقسەن توققۇز پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر››.
ئەتراپىمىزدا يەنە بەزىلەر مەلۇم ئىش – ئوقەتنىڭ پېشىنى تۇتقۇدەك دەسمايە، مەلۇم ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك ئىقتىدار ۋە ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرگۈدەك يولنىڭ يوقلۇقىدىن ھەمىشە ئاغرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاغرىنىش تولىمۇ قىسقا بۇ ھاياتقا نىسبەتەن ئارتۇقچە، يەنە كېلىپ ئۇ دىتسىزلىقنىڭ، ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىكنىڭ بەلگىسىدۇر. ئادەم ئۆزىدىكى ئەۋزەللىككە تايىنىپ دەسمايىنى ئۆزى يارىتىدۇ، ئىقتىدارنى ئۆزى ھازىرلايدۇ، يولنى ئۆزى تاپىدۇ. نېمە ئۈچۈن جىسمانىي جەھەتتە ئاجىز بەزى كىشىلىرىمىز بېجىرىم ئادەملىرىمىزمۇ قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئىشلارنى قىلىپ بىزنى ھەيران قالدۇرۇۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەرنىڭ ھايات يولى پارلاق، بەزى ئادەملەرنىڭ نامۇ – نىشانسىز؟... ئەمەلىيەتتە، بۇلار ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى تونۇش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.
يەنە مۇنداقلارمۇ بار، قارىماققا تولىمۇ ئالدىراش كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە قولىدىن ھېچ ئىش چىقمىغان. تېخى ئالدىراشلىقىدىن ئۇ – بۇ بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرى بىلەن دىدارلىشىپ، سالام – سەھەت قىلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنىشىدۇ. شۇغىنىسى ئۇلار ئۆزىدىكى ئاشۇ ئەۋزەللىكنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇپ يەتمىگەن، شۇڭا قىلغان ئىشى ئۈنۈمسىز. ستۇدېنتلىرىمىز ئارىسىدىمۇ كۈندىلىك ئوقۇشنىڭ ھۆددىسىدىن ئارانلا چىقىپ كېتىۋاتقانلارمۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ھەم سىرتتا قوشۇمچە ئىشلەپ تۇرمۇش راسخوتىنى راسلاۋاتقانلارمۇ بار. ئۇلاردىكى بۇ پەرقمۇ ئوخشاشلا ئۆزىدىكى ئەنە شۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. خوش، ئۇنداقتا ئاشۇ ‹‹سىرلىق›› قۇدرەتكە ئىگە ئەۋزەللىك زادى نېمە؟ ۋاقىت!
شۇنداق، ۋاقىت ئادەمدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك. ئالدىمىزدا ناھايىتى كۆپ داۋانلار تۇرۇپتۇ. داۋانلاردىن ئېشىشقا ۋاقىت ئەسلى كەڭتاشا، ئەمما ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇپ قويساق، داۋانلار بىزگە بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مۈشكۈلات پېتى قېلىۋېرىدۇ. بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈننى غەنىيمەت دەيدىغان قاراشتا ياشايدىغانلار، ھە دېسىلا لاغايلاپ يۈرىدىغان، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلار... ۋاقىتنى ئۇتتۇرغۇچىلار، ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا ئۆزى خىيانەت قىلىپ، ئۇنى بىھۇدە خەجلەۋاتقانلار، نەتىجىدە كەلگۈسىدە ئۆزىنى بەختسىزلىكنىڭ قايناملىرىغا ئاتقۇچىلاردۇر.
ھازىر تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشمىساق بولمايدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن. شۇڭا ھەر بىرىمىزدە ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان روھ بولمىسا بولمايدۇ. بۇنى تونۇشلا ئەمەس، پىلانلىق تەقسىملەپ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك. ئانا تىلدىن سىرت بىر قانچە چەت ئەل تىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقانلار، ھەم ئوقۇپ، ھەم ئىشلەپ ھەر ئىككىلىسىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقانلار، خىزمەتتىن باشقا ئىشلاردىمۇ نەتىجە قازىنىۋاتقانلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئۇلار ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئالدىراش بولسىمۇ، شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كەسىپ، خىزمەت، ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىشلارغا تەڭ يېتىشىپ، نەتىجە – شەرەپ قازىنالىغان. بىزنى ھەۋەس قىلدۇرۇۋاتقان مۆجىزە ئەنە شۇنداق بارلىققا كەلگەن.
بارلىق مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارالغان قىيىن ئىشلارنىڭ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئېسىمىزدە بولسۇن.
|