باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
‹‹مۇلازىمەتسىز›› بانكا
2008- 08- 11 12:20 شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

ماخمۇت مۇھەممەد

   شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى دوقمۇشتا ھەشەمەتلىك بىنالار ئاز ئەمەس. شۇ بىنالارنىڭ بىرى بانكا بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بانكا بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىرايلىق بىر ۋىۋىسكا ئېسىلدى. ۋىۋىسكىغا چوڭ ھەم چىرايلىق قىلىپ ‹‹ 24 سائەت خىزمەت قىلىدىغان مۇلازىمەتسىز بانكا ›› دېگەن خەتلەر يېزىلدى. بۇ ھېكايە، ھەم بۇ ھەقتىكى غوۋغالار شۇ ۋىۋىسكىدىن كېلىپ چىقتى.

    بۇ ۋىۋىسكىنىڭ ئېسىلغانلىقى ئىلىم – پەن ۋە بانكا مۇلازىمىتى  يېڭى تەرەققىياتىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ۋىۋىسكىنىڭ ئاستىدا تەسىس قىلىنغان بىر نەچچە ئېغىز ئەينەك ئىشىكلىك خانىلاردا بانكا مۇلازىمەتچىلىرى ئەمەس، بىر قانچە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى خېرىدارلارغا كېچە – كۈندۈز  ھارماي – تالماي، ئۈن – تىنسىز، ئادىل، خالىس مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى. پۇل ئېلىش شۇنچىلىك ئوڭاي، سىز شۇ ماشىنىنىڭ تىلىنى بىلىۋالسىڭىزلا بەس! پۇل كارتىڭىزنى تېگىشلىك يوچۇقتىن كىرگۈزۈپلا، مەخپىي نومۇرىڭىزنى باسىسىڭىز، كېرەكلىك سومما سانىنى سىپىر ئارقىلىق ئېيتىپ بەرسىڭىز كۇپايە، ھايالشىمايلا  سىزگە كېرەكلىك پۇل قولىڭىزغا ‹‹تاراققىدە›› چۈشىدۇ.

    ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن ياخشى ئىنكاسلار بولدى. بەزىلەر ھەتتا ئالايىتەن كۆرۈپ بېقىشقىمۇ كېلىشتى. شۇ بەزىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر باشلىرىنى قىڭغايتىپ ھېلىقى ۋىۋىسكىدىكى خەتلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەنە بەزىلەر چىرايىنى ھىڭ يەۋالغاندەك پۈرۈشتى...

    نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ چوڭ شەھەرنىڭ جاي جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ سورۇنلىرىدا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ تەرىپى ۋە ھېلىقى ۋىۋىسكىنىڭ غەيۋىتى بولۇندى، ياق، توغرىسى، بولۇنۇشقا باشلىدى. بەزىلەر ئۇنداق دەيتتى، بەزىلەر مۇنداق دەيتتى. تىلشۇناسلار تىل نۇقتىسىدىن، تەرجىمانلار تەرجىمە توغرىسىدىن ۋىۋىسكىدا كەتكەن خاتالىقلار ھەققىدە سۆزلىشەتتى، مۇلاھىزە قىلاتتى. ئەتراپتا مايلىق پولۇغا قول ئۇزىتىپ ياكى نۆۋەتتىكى رومكىسىنى قولىغا ئېلىپ تۇرغانلار  بىلىمدارلار دەۋاتقان بۇ گەپلەرگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئوڭ تەرىپىدىكى باققالغا ياكى سول تەرىپىدىكى شوپۇرغا ‹‹مانا قاراڭ، ئاجايىپ ئىشلار بار – ھە! ›› ياكى ‹‹ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلار ماڭدامدا بىرغۇ، تۈزەت دەيدىغان ئورۇن يوقمىكىن تاڭ!›› دەپ قويۇپ، ھايال ئۆتمەيلا بۈگۈنكى ھاۋا رايىغا ياكى پەمىدۇرنىڭ مەزى بېزى يەللىكىگە بولغان شىپاسى ھەققىدىكى پاراڭغا يۆتكىلىپ كېتىشەتتى.

   ھېلىقى ۋىۋىسكا شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا قاراپ سوزۇلغان زامانىۋى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، ھەممىنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان جايىدا مىدىر – سىدىر قىلماي تۇراتتى. موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ھەرخىل ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچىدە ئەمەلدارلارمۇ، شائىرلارمۇ، چەت ئەلدىن ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن تىجارەتچىلەرمۇ، ساقلارمۇ، مەستلەرمۇ بار ئىدى. ھەممە كۆزلەر ۋىۋىسكىغا ئالاڭ – بۇلۇڭ چۈشۈپ قالاتتى. گاھىلىرى ئېرەنسىز قاراپ قوياتتى، گاھىلىرى تولۇق ئوقۇپ چىقاتتى، ئوقۇغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز باش چايقايتتى. ‹‹قاراڭ ئاۋۇ ۋىۋىسكىدىكى خەتكە، قىپقىزىللا خاتاغۇ! ›› دەپ مەسخىرە بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغانلارمۇ بولاتتى. يېنىدىكىلەرمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ‹‹ھەي...›› دېيىش بىلەن كۇپايىلىنەتتى.

    بىر مۇخبىر يىگىت ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېتىۋېتىپ ھېلىقى ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ قالدى – دە، ‹‹ۋاھ...ئاۋۇنى كۆرمەمدىغان››، دەپ قالدى. خىيالىغا نېمىلەرنىدۇر قىلىش كەلدى  يۇ، لېكىن ئۇمۇ ئالدىراش، يۇرتىغا ئاغرىق ئانىسىنى كۆرگىلى ماڭغانىدى.

    ئەمدى تىل – يېزىق كومىتېتىغىمۇ ئىنكاس كەلدى. بۇ يەردىمۇ بىر مۇنچە گەپلەر بولۇندى. ئىدارە باشلىقى كىمگىدۇر بۇ ئىش ھەققىدە تاپشۇرما يۈكلىدى. كېيىنچە ئۆزىمۇ يىغىنغا كېتىۋېتىپ، ھېلىقى  ۋىۋىسكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. قىزىق يېرى شۇكى، باشلىق يىغىندىن ياناشىدا باشقا يول بىلەن مېڭىۋېدى، باشقا بىر بانكىنىڭ ماڭلىيىدىمۇ نەق ھېلىقىدەك خاتا يېزىلغان ۋىۋىسكا كۆزىگە چېلىقتى.

    بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان باشلىق ئىشخانىسىغا كېلىپلا باش بانكىنىڭ مەلۇم بىر ئالاقىدار ئەمەلدارىغا تېلېفون بەردى. ئىككىسى تونۇش ئىدى. ئىككى ئەپەندى ھېلىقى ۋىۋىسكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا سەۋەنلىكلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشتى. ۋەدىلەر بېرىلدى، ئېلىندى. باش بانكىدىكى خادىممۇ ھېلىقى ۋىۋىسكىدىن خەۋەردار ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئەھۋالنى، پىكرىنى يەتكۈزگەنىدى. قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ۋە تەئەججۈپ بىلەن ئاڭلاپ ‹‹راست خاتا يېزىلىپ قاپتىمۇ؟›› دېگەن ۋە دەرھال تۈزىتىشكە ۋەدە بەرگەنىدى. لېكىن ھېلىقى ۋىۋىسكا ھامان ھەيۋەتلىك بىنانىڭ چوققىسىدا چوقچىيىپ تۇراتتى. بانكىدا ئىشلار ئالدىراش ئىدى، ھەممە ئادەم ئالدىراش ئىدى.

   ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى.  ھېلىقى ۋىۋىسكا ھەققىدىكى غەيۋت – شىكايەتلەر ئەمدىلىكتە كىشىلەرنىڭ مۇقىم سۆھبەت تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. كىشىلەر سورۇنلاردا قۇشقاچنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە سۆزلىشىۋېتىپ، خاتا يېزىلغان ھېلىقى ۋىۋىسكىنى تىلغا ئېلىپ قوياتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا گۆشنىڭ بۈگۈنكى باھاسى ھەققىدىكى گەپلەرگە چۈشۈپ كېتەتتى. شۇ ئارىدا ھېلىقى خاتا يېزىلغان ۋىۋىسكىنىڭ نۇسخىلىرى شەھەرنىڭ خېلى يېرىگە يامراپ ئۈلگۈردى. چۈنكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىلىرى بانكىلارنىڭ شەھەر خەلقىگە يارىتىپ بەرگەن قۇلايلىقلىقى سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتاتتى.

   تىل – يېزىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى تېلېفون بەرگەن، باش بانكىدىكى ھېلىقى باشلىق مەسئۇلىيەتچان ئادەم ئىدى. يەنە كېلىپ بانكا ئىشلىرىدىن باشقا ساھەلەر بويىچىمۇ ئۇنىۋېرسال بىلىمگە ئىگە كىتاب ئاشىناسى ئىدى. خېتى خاتا تەرجىمە قىلىنىپ يېزىلغان ھېلىقى ۋىۋىسكىدىن ئۇنىڭمۇ ئىچى سىقىلىپ يۈرەتتى.  بىر كۈنى باش بانكىدىكى خادىم خىزمەت تۈپەيلى ھېلىقى ۋىۋىسكا ئېسىلغان ھەيۋەت بىناغا بېرىپ قالدى. ئۇ قايتارىدا ئاشۇ بانكىنىڭ ھېلىقى ۋىۋىسكا بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار مەلۇم مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا مەخسۇس شۇ ئىش ئۈچۈن كىردى. ئىشخانا ئېگىسىنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن خەۋىرى بار ئىدى.
  باشلىق مەركىزىي بانكىغا يىغىنغا كەتكەن، كەلسە بۇ ئىشنى دوكلات قىلاي، بىردەم ئولتۇرۇپ كەتمەمسىز،   دېدى ئۇ.

   باش بانكىدىن كەلگەن خادىم ھەيرانلىق ئىلكىدە بېشىنى چايقاپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ كۈنى قايسىدۇر بىر گېزىتخانا ئىچى پۇشقان بىرسىنىڭ ھېلىقى ۋىۋىسكا توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغانىدى. بۇ ئىنكاس گېزىتقا بېسىلدىمۇ يوق، بىزگە نامەلۇم، بەلكىم بىر كۈنلىرى بېسىلىپمۇ قالار...

    ھېلىقى ۋىۋىسكا تېخىچىلا شۇ يەردە بورانلاردا يىقىلماي، يامغۇر سۈيىدە يۇيۇلماي تۇرۇۋاتىدۇ. ھەركۈنى يېڭىدىن يېڭى ئادەملەرنىڭ بۇ ۋىۋىسكىغا كۆزى چۈشۈپ، ئىچى پۇشۇۋاتىدۇ. سورۇنلاردا بۇ ھەقتە ھەقلىق  تەنقىدلەر، تەئەددىلەر، شۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇشۇ كۈنلەردە ئىش قىلماق، ئىش پۈتتۈرمەكنىڭ تەسلىكى، مەسىلەن، ئاشۇ خاتا يېزىلغانلىقى ئايدىڭدىكى يالغۇز تېرەكتەك ئاپئاشكارا ئىشىنى تۈزىتىش، تۈزەش، توغرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ شۇنچىلىك سوزۇلۇپ، مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ بىر ياخشى، تىپىك، ئەڭ ئاددىي مىسالى  ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەر ئۈزۈلمەي بولۇنۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. كىشىلەر سۆزلىشەتتى، ئاۋاممۇ سۆزلەيتتى، ئەمەلدارلارمۇ سۆزلەيتتى. مەسئۇل خادىممۇ سۆزلەيتتى، جاۋابكارلارمۇ سۆزلەيتتى...لېكىن ھېلىقى خاتا يېزىلغان ۋىۋىسكا چىدام – غەيرەت بىلەن ئاشۇ يەردە ئۆز پېتىچە تۇراتتى. بەلكىم ئۇ ۋىۋىسكىدىكى سەۋەنلىكنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىر كۈنلىرى بىرەر يىغىن ئېچىلار... بۇ كىچىككىنە ۋىۋىسكا ئىنتايىن ئاددىي ۋە ئوڭايلا بىر تەرىزدە، تىۋىشسىزلا، بىر پەستە ئوڭشىلىپ كېتەر، پەقەت مەسئۇلىيەتچان بىرەر خادىم ئالاقىدار بىرەر رەھبەرگە بۇ سەۋەنلىكنى ھەم ئۇ تۈپەيلىدىن بولۇۋاتقان تەنقىد، كىسىر – كىسىرلارنى مۇنداقلا پۇراتسا ۋە ئۇ ئالاقىدار جاناپمۇ ‹‹سىز مەسئۇل بولۇپ ئوڭشىتىۋېتەمسىز؟، ئەتە ئازراقتىن ئىچىشىپ قويارمىز –  ھە!›› دەپلا قويسا، شۇنىڭ بىلەن بىر شوتا، بىر تۇڭ سىر، بىر چوتكا بولسا ۋە ئىككى ئىشچى تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىگەچ بىر سائەتكە قالمايلا ھېلىقى ‹‹مۇلازىمەتسىز›› دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹‹مۇلازىمسىز›› دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ  قويسىلا ئىش پۈتەتتى. شۇنچىلا غوۋغالارغىمۇ ئورۇن قالمايتتى.  تىل – يېزىق كومىتېتىدىكىلەر شۇ تۈپەيلى ھېلىدىن – ھېلىغا تېلېفونلارنى قوبۇل قىلىپ، ھەربىر ئىنكاسچىغا بىردىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ يۈرمەيتتى. باش بانكىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارمۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاپا – تەنىلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالار ئىدى. جاھاندىكى ئىشلار ئەسلىدە شۇنچىلىكلا ئاددىي ئىدى!

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ