|
ياقۇپ قۇربان
سالام ئېلىم، ئارزۇنى يورۇقلۇققا چىقارغان كاتتا ئايەم ئولىمپىك مەرىكەڭگە مۇبارەك. پارلىغىچە ئارزۇيۇڭ نى توسقۇننى گۇم قىلغان، كۈچ قۇدرىتىڭ، ئەقىدەڭ، غەلىبەڭگە مۇبارەك.
ئېچىلدى دەپ ئولىمپىك، تارالغاندا خۇش خەۋەر، ھاياجانغا، شادلىققا چۆمۈپ كەتتى ئەل بۈگۈن. ياشا ئېلىم، بېيجىڭ! دەپ، ھۆر بەختىدىن سۆيۈنۈپ، خەندان ئۇرغان بۇلبۇلدەك كۈلۈپ كەتتى ئەل بۈگۈن.
بۇ يۈز يىللىق ئارزۇنىڭ گۈللەپ چېچەك ئېچىشى، گۈزەل، پارلاق ئەتىنىڭ ئۇپۇقىدىن بالقىشى. تەرەققىيات، يۈكسىلىش، ئىسلاھاتتىن سۆيۈنگەن ئەلنىڭ دەۋرىم – زامانغا تەشەككۈرى، ئالقىشى.
قەدرى شۇنچە ئۇلۇغدۇر شۇڭا بىزگە بۇ كۈننىڭ، بولغاچقا ئۇ ئەتىكى بەختىمىزنىڭ بەلگىسى. چۈنكى ئېلىم كۈنسېرى قۇدرەت تاپقاچ يۈكسىلىپ، قۇياش كەبى جۇلالاپ، پارلاپ بارار كەلگۈسى.
بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش، ئەلنىڭ بەختى، ئامىتى، بىر يۈكسىلىش دەۋرىنىڭ چاقناپ يېتىپ كەلگىنى. غەيرەت قىلغىن جۇڭگو دەپ پۈتكۈل خەلقى ئالەمنىڭ ئالقىش چاۋاك ياڭرىتىپ، بىزگە مەدەت بەرگىنى.
ئولىمپىكنىڭ ھەر دېمى ئەسىرگە تەڭ، زەرگە تەڭ، غەيرەت قىلغىن، ئەي، ئېلىم، شۇ دەمدە شان قۇچقىلى. دۇنيا بەرگەن پۇرسەتكە قالتىس جاۋاب قايتۇرۇپ، مىنىپ زەپەر ئېتىغا مەنزىل تامان ئۇچقىلى.
غەيرىتىڭنىڭ يالقۇنى توسقۇنلارنى كۆيدۈرسۇن، تاغدەك شانۇ زەپەرگە داغدام، پارلاق يول ئاچقىن. قۇدرىتىڭدىن ئۇلغايتىپ چىن دوستلۇقنىڭ نۇرىنى، يەنە بۈيۈك شەرقتە قۇياش بولۇپ نۇر چاچقىن!
|