|
ئېلىجان نۇر
ئەنە، گۈزەل جۇڭخۇا ئېلىمنىڭ يولباشچىسى، قۇت ھىماتچىسى پايتەختى بېيجىڭ ھاياجاندىن، زور شەرەپشاندىن خۇشال كۈلمەكتە. رىقابەت دەرياسىدا دولقۇن يېرىپ، غۇلاچ تاشلاپ، ئالغا قاراپ مەغرۇر ئۈزمەكتە. شۇڭلاشقا، ئۇلۇغ جۇڭخۇانىڭ ئارامبەخش ئىللىق قوينىدا پەرزەنتلىرى بارچە مىللەتلەر ئىجىل – ئىناق بولۇشۇپ، ئويۇل تاشتەك ئويۇشۇپ، بەخت بۆشۈكىدە راھەتلىنىپ، ھايات پەيزىنى سۈرمەكتە.
ھەيران قالمىغىن، ئۇلۇغ جۇڭخۇانىڭ بۇ جاراڭلىق شادلىق كۈلكىسىگە. چۈنكى بۇندىن كۆپ زامان بۇرۇن لەنىتى جاھالەتنىڭ، خۇراپاتلىق قاباھەتنىڭ قارا پەردىلىرى توسۇۋالغاچقا جۇڭخۇا كۆزىنى. ئەركىن قەدەم تاشلاپ، ئالغا سىلجىيالمىغاچ، جاھانگىرلار ئاغزىدا ئايلانغانتى ‹‹شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى››گە...
مانا ئەمدى ئۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، قەدەمدە بىر ئويلىنىپ، ئۈمىدۋارلىق، غەيرەت كەمىرىدە بېلىنى مەھكەم باغلاپ، ئۆزىنى تاۋلاپ، ‹‹ئالغا!›› دەپ ئىلگىرىلىمەكتە. ھېلىقى يولسىز نامنى يۇيۇپ ئالدى ئورۇن ھۆرمەت تۆرىدىن، جاھان ئەھلىنىڭ كۆزى بولۇپ. تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئېرىشكەچكە ئىسلاھات ئەڭگۈشتەرىگە، گۈللەنمەكتە، يۈكسەلمەكتە، كۈندىن – كۈنگە كۈچ – قۇۋۋەتلەرگە تولۇپ.
ئەنە كۆيمەكتە پەلەككە ئۆرلەپ، لاۋۇلداپ، يالقۇنجاپ، قېرى – ياش پىدائىيلار قولىدا ئولىمپىكنىڭ ئۆچمەس مەشئىلى. جۇڭخۇانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا، ھەتتا دۇنياغا، ئېلىپ بېيجىڭنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى، خۇش خەۋىرىنى.
جاراڭلىماقتا چوڭ – كىچىكنىڭ ئاغزىدا، ‹‹بېيجىڭ، غەيرەت قىل››
‹‹جۇڭگو غەيرەت قىل!›› دېگەن ياڭراق مەدەت – ئىلھاملار، دۇنيانى لەرزىگە سېلىپ. چاچلىرى كۆمۈشتەك ئاقارغان، يىللار قوينىدا تاۋلانغان، كۆپنى كۆرگەن بوۋاي – مومايلار پەخىرلەنمەكتە بېيجىڭدىن، جۇڭخۇادىن، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ. ‹‹ئورتاق بىر دۇنيا›› ‹‹ئورتاق بىر ئارزۇ›، ئۈچۈن دۇنيادىكى تالماس تۇلپارلار چۈشەر بېيجىڭدىكى بۇ ئولىمپىك بەيگىسىگە. شەرەپ مىداللىرىنى تاقاپ مەيدىگە، ئېرىشىپ زور غەلىبىگە. ئەي سۆيۈملۈك بېيجىڭ! سەن جۇڭگونىڭ يۈرىكى، سەن سائادەت بۆشۈكى، قاقاھلاپ كۈلگىن بۈگۈن پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىپ، ئەي بېيجىڭ! يولباشلا مەڭگۈ بىزگە، يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق مەنزىلگە...!
|