باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
غەزەللەر
2008- 08- 11 12:15 شىنجاڭ گېزىتى

  ۋاھىتجان غوپۇر

ئەخلاق ئۆمۈر چىرىغى

بولسا ھەركىمنىڭ ئەدەپ، ئەخلاق، ھايا دىل سەمىدە،
ئۆتكۈسى ئۆمرى خۇشال، قايماق، ھەسەلنىڭ تەمىدە.

بولسا كىمدە سەبرى، تاقەت ھەم قانائەت، توق ياشار،
نەپسىگە خەنجەر ئۇرۇپ، گەر تۇتسىمۇ ئۆي گەمىدە.

سۆيسە ئەمگەكنى، ھۈنەرنى، ئىلمۇ پەننى بىر ئۆمۈر،
تولدۇرار ئالەمنى گۈلگە، ئىختىراسى، پەمىدە.

بولسا گەر كىمنىڭ دىلى پاكلىق، دىيانەتتىن يىراق،
سۆزىدە بولماس ئىناۋەت، توختىماس ئۆتكەمىدە.

بولسا يالقاۋ ھەم تەمەخور، جۈرئىتى يوق، تەۋرىمەس،
يۈزىگە ئۇرغاي زامان قاتتىق ئۆتۈكنىڭ چەمىدە.

ئەر ئاتالماققا كېرەك مەردلىك، سېخىيلىق، ھۇش، ئەقىل،
ياخشىلىق، تۈزلىك، ئوچۇقلۇق...مىسلى زەر بۇ مەنىدە.

مۇقامچى قىزغا

گۈللەرنى ئۆپتى شوخ شامال، سوقتى چىمەنزاردىن ھاۋا،
تارقالدى باغدىن خۇش پۇراق، ياڭراپ يېقىملىق كۈي – ناۋا.

دۇتار قولۇڭدا تۆكتى مۇڭ، تەن تىترىدى ياپراقسىمان،
ئېيتتىڭ مۇقام، ئالتۇن مەسەل، تاپتىم ئۇنىڭدىن مەن شىپا.

ئاڭلاپ كۈيۈڭنى توختىدى بۇلبۇلمۇ سايراشتىن شۇئان،
تىڭشاپ ئاجايىپ شادلىنىپ، ئېيتتى: مۇبارەك، مەرھابا!

چايقالدى رەيھانلار يېشىل شاخلاردا تەۋرەپ، جانلىنىپ،
سالدى ھەۋەستە شاد قۇلاق، ئۇچتى سېھىرلىك شوخ سادا.

كۆچتى تىلىڭدىن دىلغا بۇ زۇمرەت بۇلاقتەك كۈيلىرىڭ،
بولدۇم چىرايلىق سەرۋىدەك زىلۋا بويۇڭغا مەھلىيا.

ناخشا  مۇھەببەت، ناخشا  گۈل، ناخشا  ھۇزۇر، ناخشا  ئۈمىد،
تۇرمۇش بىمەززە، مەنسىز گەر بولمىسا ئۇ دىلرەبا.

كۈيلە نىگارىم توختىما، كۈيلە ھاياتنى، ئېيت مۇقام،
تاپسۇن ئۇنىڭغا ئىنتىزار، سادىق كۆڭۈل مەلھەم، شىپا.

دادا، دىلدا ئۆچمەس چىراغسەن

تاڭدىكى گۈلگۈن شەپەقنىڭ جىلۋىسى چېھرىڭ گويا،
جۇش ئۇرۇپ ئاققان ئەزىم دەريا سۈيى مېھرىڭ گويا.

كۈچ، ئەقىل، ئىدراك چېچىپ تۇرغان گۆھەر، قاينار بۇلاق،
پاك، ئېسىل خىسلەتكە پۈركەنگەن سېزىم،  زېھنىڭ گويا.

جۇش ئۇرار پەرزەنتلىرىڭنىڭ قانلىرىدا ئۆكسىمەي،
ياخشىلىق، ئېزگۈ، پاراسەت ئوخچىغان ئىشقىڭ گويا.

بىر ئىمارەت بولسا ياشلىق ئۆمرىمىز، ئەي، جان دادا،
ئۇل ئۇنىڭغا بىزگە بولغان كۆيۈمىڭ، رىشتىڭ دادا.

كەيدۈرۈپ كەيمەي، يىدۈردۈڭ سەن يېمەي، تارتىپ جاپا،
مول مېۋە تۇرغان پىشىپ باغدۇر كۆڭۈل، ئىلكىڭ گويا.

جاننى بەر پەرزەنت ئۈچۈن دەپ قىلسا گەر كىم ئىمتىھان،
‹‹ئال مانا!›› دەيسەن ئايانماي، كۆيسىمۇ جىسمىڭ گويا.

مەن خىجىلمەن قايتۇرالماي قىلغىنىڭنى بىر ئۆمۈر،
دىلدا ئۆچمەس نۇر چىراغدۇر، خىسلىتىڭ، ئىسمىڭ گويا.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ