|
ئادىل مىجىت غەمخانە
ئەنقەرنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغاچقا بالنېستتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ، ھاياتىغا ھەر قاچان خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بولغاچقا ئەنقەرنىڭ كۈنلىرى ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى .
ئەنقەر شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەم شەھەر بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ، خىزمىتىدە نەتىجە قازىنىپ شان–شەرەپ قۇچقان ياش ، كۆيۈمچان ئوغۇل ، ئىلغار ، تەلەپچان دادا ئىدى . ئانىسى دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ ئوغلىغا :
— بالام ، مەن 70 يىل ياشاپ ، يەيدىغىنىمنى يەپ ، كىيىدىغىنىمنى كىيىپ بولدۇم ، ئەمدى بىر كۈن ئارتۇق ياشىسام سىلەرنى بىر كۈن ئاۋارە قىلىمەن ، شۇڭا مېنى داۋالىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار،—دەپ ئاجىز كۆز نۇرلىرى ئارقىلىق خىجىللىقىنى بىلدۈرەتتى . ئەنقەر ئانىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە نارازى بولۇپ :
— پۈتۈن مال–بىساتىمنى ساتساممۇ سىلىنى داۋالىتىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن ،—دەپ ئانىسىنى خاتىرجەم داۋالىنىشقا ئۈندەيتتى . ئەنقەرنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ ئانىسىنى داۋالىتىشقا يار بېرەتتى .
ئەنقەر ئانىسىنى يوقلاش ، دوختۇر بىلەن سۆزلىشىش ۋە خىزمەتلەرنى ئۆز يولىدا بىر ياقلىق قىلىش بىلەن تولىمۇ ئالدىراش يۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۇيۇقسىز بېلى تېلىپ ئاغرىپ تولغىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى . شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنمەستىن ‹‹بىر قانچە كۈن ياخشىراق ئارام ئالساملا چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن ، ئوغۇل بالا دېگەن چىداملىق بولۇشى كېرەك . بۇ چارچاپ كەتكەنلىكىمدىن بولدى ھەقىچان ، مەندە چوڭ چاتاق يوق ، بەرداشلىق بەرسەم ئۆتۈپ كېتىدۇ›› دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەردى .
بىر كۈنى ئۇ ئەمدىلا ئىشخانىغا كىرىپ تۇرۇشىغا ئىشخانا مۇدىرى ئۇنىڭغا :
— ئىدارىدىكىلەرنى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەشكىللىگەن ، سىزنىمۇ تەكشۈرتۈپ كېلەمدىكىن دەپ يېنىڭىزغا كىرىشىم ، ئۆزىڭىزنى چوقۇم بىر تەكشۈرتۈپ بېقىڭ ،—دېدى .
مۇشۇ كۈنلەردە ئەنقەرنىڭ روھىي كەيپىياتى تۆۋەن ، ئۆزى ھارغىن بولغاچقا ئىشخانا مۇدىرىنىڭ سۆزىنى كەسكىنلىك بىلەن بۆلۈپلا :
—بولدى ، مەن ساغلام ، تەكشۈرتمىسەممۇ بولىدۇ،—دېدى .
—يەنىلا تەكشۈرتۈپ باققىنىڭىز تۈزۈك ، ھىچقانداق كېسەللىك بولمىسا تېخى ياخشى ، لېكىن كېسەل بايقىلىپ قالسا بالدۇرراق داۋالاتسىڭىز خاتىرجەم بولىسىز ئەمەسمۇ ؟!—ئىشخانا مۇدىرى شۇنداق دېگىنىچە ئەنقەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى ئىشخانىدىن ئېلىپ چىقتى .
ئەنقەر ئامالسىزلىقتىن سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى باردى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئايالىغا ئاپىرىپ بېرىشكە تاپىلاپ ، يېرىم كۈن رۇخسەت سوراپ ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئانىسىنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى .
شۇ كۈنى يولدا ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باشلىقى ئۇچراپ قالغاچقا ئۇ ھايال بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كەچرەك باردى . ئۇ بالنېستقا كىرگەندە ئايالى يىغىدىن كۆزلىرى قىزارغان ھالدا ئولتۇراتتى .
— نېمە ئىش بولدى ؟—دەپ سورىدى ئەنقەر ئايالىدىن . ئايالى چىرايىغا زورمۇ–زور كۈلكە يۈگۈرتۈپ :
— ئانامنىڭ كېسىلىدىن ئەنسىرەپ قالدىم ،—دەپ جاۋاپ بەردى . ئانىسى بولسا ئەنقەرنىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ :
—دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە ، مېنىڭ كېسىلىمنى ئۈزۈل–كېسىل داۋالاش ئۈچۈن بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىكەن ، مېنىڭ بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغان ، بۆرەك ئالماشتۇرۇپ نېمە قىلاي؟ بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟ مەنمۇ خېلى ياخشىلىنىپ قالدىم ، مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىڭ بالام ، ھېلىمۇ سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىپ كەتتىم بالام ،—دېگىنچە كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشەلدى ، ئەنقەر ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن :
— ھەرگىز كېتىمەن دېگەن خىيالدا بولمىسىلا ئانا ، مەن سىلىنىڭ ساقايماي تۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشلىرىگە قاراپ تۇرالمايمەن ، مەن ئانا بىلەن بالىنىڭ بۆرىكىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ، خاتىرجەم بولسىلا ئانا ، مەن ھازىرلا دوختۇرنى ئىزدەپ تاپاي ، بۆرىكىمنى سىلىگە كۆچۈرەيلى ، بۇنداق بولغاندا سىلىگە ماس كېلىدىغان بۆرەك تەقدىم قىلغۇچى ئىزدەپ يۈرمەيمىز ، سىلىمۇ تېزلا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىلا ، شۇندىلا ھەممەيلەننىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشىدۇ ، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن خۇشاللىق ئەمەسمۇ جېنىم ئانا !—دەپ ئانىسىنىڭ پۇت–قوللىرىنى سىيلىغاچ يوتقاننى يېپىپ قويدى . لىكىن ئانا قەتئىيلىك بىلەن :
—ياق بالام ، ياق ، بۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ ، چۈنكى سىز تېخى ياش ، مەن بىر ياشىنىپ قالغان ئايال ، مۇشۇنچىلىك ياشىغىنىممۇ يېتىپ ئاشىدۇ . سىلەرنى قاتارغا قوشۇپ ، نەۋرىمۇ كۆردۈم ، ئارزۇ–ئارمانلىرىمغىمۇ يەتتىم ،— دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى .
بىراق ئەنقەر قارار قىلىپ بولغاچقا ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ، تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەسئۇل دوختۇرغا ئېيتتى . دوختۇر سەل جىددىيلىشىپ :
— بۇ ئادەتتىكى ئوپېراتسىيە ئەمەس ، سىز ھەم ئانىڭىز تولۇق ئويلانغاندىن كېيىن قارار قىلمىساڭلار بولمايدۇ ،— دېدى . ئەنقەر ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن :
— ئويلانغۇدەك ھېچ يىرى يوق ، ئانامنى ساقايتىش ئۈچۈن ھېلىغۇ بىر بۆرىكىمنى ئالىدىكەنسىز ، جېنىمنى ئالسىڭىزمۇ پىكرىم يوق ،—دېدى ، دوختۇر قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ كۈلۈپ قويدى ، ئەمما كۈلكىسى ئاللىقانداق بىر مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك قىلاتتى . بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، ئەنقەر دوختۇرلار بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىدىغان كونكرېتنى ۋاقىت ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى . دوختۇر ئۇنى بەك ئالدىراپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىپ :
— گەرچە ئانا–بالا ئىككىڭلار ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلغان بولساڭلارمۇ ، يەنە سىلەرگە بىر قاتار تەكشۈرۈش ۋە بېكىتىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ، بۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ، تېخى ئانا–بالا ئىككىڭلارنىڭ بۆرىكى ئۆز–ئارا ماس كېلەمدۇ يوق ، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم ،— دېدى .
ئەنقەرنىڭ ئانىسىنىڭ مىجەزىدىن ئالغاندا ئەنقەرنىڭ بۇ يولنى تاللىشىغا بار كۈچى بىلەن قارشى تۇراتتى . بىراق ئەمدى ئۇ دوختۇر بىلەن ئوغلىنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۆلەكچە خوش بولۇپ ، دوختۇرلارنى تېزرەك ئوپېراتسىيە قىلىشقا سۈيلەيدىغان بولدى . ئۇ پات–پات چېھرىدىن ئىللىق تەبەسسۇم پارلىتىپ :
— ئەمدى بىر نەچچە يىل بولسىمۇ ئۇزاق ياشىيالايدىغان بولدۇم ، ئۆيگە قايتىپ نەۋرىلىرىمنى ئوينىتالايدىغان بولدۇم ،— دەپ ئەنقەرنىڭ باش–كۆزلىرىنى سىيلاپ كېتەتتى .
بۇنى ئاڭلىغان ئەنقەرنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي قالاتتى ۋە دوختۇرلاردىن تېزرەك ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئۆتۈنەتتى .
ئۇزاق تەكشۈرۈشتىن كېيىن ، دوختۇرلار ئاخىرى ئانا–بالا ئىككىسىنىڭ بۆرىكىنىڭ بىر–بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . ئەنقەر بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز–ئۆزىگە :‹‹ ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسىلا ئانامنىڭ يەنە 20 يىل ئۆمۈر كۆرەلىشىدە گەپ يوق ›› دەپ پىچىرلاپ ئالەمچە خۇشاللىقىدىن يېنىك ئاۋازدا كۈلۈپ تاشلىدى .
لېكىن ئەنقەرنىڭ ئايالى نېمىشقىدۇر پەرىشان كۆرۈنەتتى ، ئۇ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ياساش ۋە كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن :
— ئانام مېنى نۇرغۇن جاپا–مۇشەققەت بىلەن بېقىپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ، ئۇ ھازىر ماڭا مۇھتاج ، بۇنداق ئەھۋالدا مەن ياندا قاراپ تۇرسام بولماس ، بىلىمەن ، سەن كېيىن ئەنقەردە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلەر ، دەپ ئەنسىرەۋاتىسەن . خاتىرجەم بول ، مەن دوختۇردىن سورىدىم ، بىر بۆرىكىمنى ئانامغا كۆچۈرگەندىن كېيىن يەنە بىر بۆرىكىم مېنىڭ سالامەت ياشىشىمغا تامامەن تېرەك بولالايدىكەن....—دەپ ئۇنى قەيسەر بولۇشقا دەۋەت قىلدى .
ئايالى نېمىگىدۇر قىيالمايۋاتقاندەك ، ئەنسىرەۋاتقاندەك دېلىغۇل بىر خىل ھالەتتە بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپلا ئەنقەرگە دۈمبىسىنى قىلىپ يىغلاپ كەتتى .
دوختۇرلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدى ۋە ئەنقەرگە ئوپېراتسىينىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئېيتتى . ئەنقەر چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى .
ھەيران قالارلىق يېرى ، ئەھۋالدا تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ئوپېراتسىيدىن كېيىن ئەنقەرنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ساقىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، كۈندىن–كۈنگە ئېغىرلىشىپ ، ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .
ئەنقەر بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ كىمنى كۆرسە ۋارقىراپ–جارقىراپ دوختۇرخانىنى بېشىغا كەيدى . دوختۇرلار پەقەت ئامال قىلالماي ئۇنى ئىشخانىغا چاقىرىپ ، بىر پارچە كېلىشمنامىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ :
— بۇنى تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭ ،— دەپ چىقىپ كەتتى . ئەنقەر ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى . بۇ ئانىسى بىلەن دوختۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنامە بولۇپ ، ئانىسىنىڭ ئىمزاسى ۋە بارماق ئىزى بار ئىدى . بۇ كېلىشىمنامىگە : ‹‹ ئوغلۇم ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بوپتۇ ، بۆرەك كۆچۈرگەندە ئاندىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن ، مەن ئۆز بۆرىكىمنى ئوغلۇمغا كۆچۈرۈشكە رازى ، ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم . مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئوغلۇمغا ئېيتماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن . پەقەت ئوغلۇم ساقىيىدىغانلا بولسا ، مەن بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشساممۇ قىلچە ئۆكۈنمەيمەن ›› دەپ يېزىلغان ئىدى .
كېلىشىمنامىنى كۆرگەن ئەنقەر چەكسىز ئازاب ، ئېچىنىش ، ئەجەبلىنىش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سورىۋىدى ، ئايالى ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ :
— بانكا تەشكىللىگەن ئۆتكەنكى قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ، سىزنىڭ تېز خاراكتىرلىك سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بولغانلىقىڭىز ، ئەگەر تېزدىن بۆرەك ئالماشتۇرمىسا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى دېئاگنوزنى ئىشخانا مۇدىرى ماڭا ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى . مەن ئىشخانا مۇدىرىغا بۇ ئىشنى سىزدىن مەخپى تۇتۇشنى ، ئەگەر بۇ كېسەلگە گېرىپتار بولغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىز ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ ئانامغا بۇ ئەھۋالنى دېدىم . ئانام ئۆزىنى بېسىۋالالماي ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى ھەمدە دوختۇرلارنى چاقىرىپ سىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز بۆرىكىنى سىزگە كۆچۈرۈشنى ئېيتتى ، مەن بۇ ئىشقا پەقەتلا قوشۇلمىدىم ، يىغلاپ يالۋۇردۇم . ئانام بولدى قىلماي دوختۇرلارنى يەنە چاقىرتىپ ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ يەنە ئېيتتى ، ئانام ‹‹مېنىڭ كېسىلىم ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى ، مۇشۇ ئاخىرقى مىنۇتلاردا بولسىمۇ ئۆز يۈرەك پارەم ئۈچۈن بىر ئىش قىلىۋالاي ›› دەپ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرىۋالدى ، دوختۇرخانا باشلىقى قاتتىق تەسىرلىنىپ ئامالسىز دوختۇرلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى . دوختۇرلار كېيىن سىزنىڭ توغرا چۈشەنمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ ئانام بىلەن سىز كۆرگەن ئاشۇ كېلىشىمنامىنى ئىمزالىدى ،— دەپ بارلىق جەريانلارنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى .
مانا شۇ ۋاقىتتا ئەنقەر مەرھۇم ئانىسىنڭ نېمىشقا ئوپېراتسىيىگە شۇنچە ئالدىراپ كەتكەنلىكىنى ، ئايالىنىڭ نورمالسىز كەيپىياتتا تۇرغانلىقىنى ، ئايالى بىلەن ئانىسىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تولىمۇ سىرلىق بولغانلىقىنى.... ھەممە ، ھەممىسىنى چۈشەندى .
ئانا بىلەن بالا ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ۋەھىمىلىك ئىشقا يۈزلەنگەندە ، ئانا يەنىلا ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئوغلىنى قۇتقۇزدى ، بۇنداق قۇربان بېرىش پەقەت ئۇلۇغ ئانىلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ .
ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ، ئۇنىڭ چەكسىز مېھر–مۇھەببىتى ، ئېسىل پەزىلىتى ، ئالىيجانابلىقى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان خىسلىتىنى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ يارقىن ، ئەڭ ئوتلۇق ھەم ئەڭ تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ ، مەدھىيىلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ .
|