|
جېلىل ئۈلپەت
مېنىڭ دادام جۇغى كىچىك ، ئوتتۇرا بوي ، ساددا ھەم مېھرىبان ، تولىمۇ ئويچان ئادەم . ئېسىمنى بىلسەم ، ئۇ نەشرىياتتا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەچكە ، ھەر كۈنى ئاخشاملىرى دېگۈدەك ئۈستەل چىرىغىنى سۇس يورىتىپ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەيتتى ياكى ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىناتتى . بۇنداق چاغلاردا بىز ھېچقايسىمىز ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنىڭغا دەخلى قىلىشقا پېتىنالمايتتۇق . دادام كىتابقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئادەم ئىدى . كىچىكىمدە ئۆيىمىزدە ناھايىتى چوڭ بىر كىتاب ئىشكابى بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا دادامنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرى يەنى ئۇ توپلىغان ھەر خىل ژانىردىكى كىتابلار لىق تىزىلغان ئىدى . ئائىلىمىزدىكى ئەدەبىي مۇھىتنىڭ قويۇقلۇقى تۈپەيلىدىنمىكىن ، مەنمۇ كىچىكىمدىن باشلاپ يېزىقچىلىققا قىزىقاتتىم . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يازغان ئەسەرلىرىم دائىم مەكتەپ گېزىتلىرى ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىرقى ئىدارەمدە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلىدىم . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسى دادامنىڭ مېنى ئۆزىگە ئوخشاش يېزىقچىلىققا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيىلەپ چىققىنىدىن بولدى . مەن دادامدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن . چۈنكى ئۇ ماڭا كەسپىمنىڭ ، مەنىلىك ھاياتىمنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگۈچى ، ئەدەب–ئەخلاق ئۆگەتكۈچى ، نۇرغۇن ئېسىل خۇلقلارنى ھەدىيە قىلغۇچى زات . ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە چوڭ بولدۇم ، تەربىيىسىنى ئالدىم ، ياشلىقىمنىڭ بەڭباش چاغلىرىدا دادام ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ماڭا ئۇنتۇلماس تەربىيە ساۋاقلارنى قالدۇرغان ئىدى . ئەنە شۇ تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئىچىدە بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى مۇنداق بىر ۋەقە ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ .
ئۇ يىلى كۈز بەك بالدۇر كەلدى . گەرچە كۈز پەسلىنى ئىنتايىن ياقتۇرساممۇ ، شۇ يىلقى كۈز باشقا يىللاردىكىگە قارىغاندا سوغۇق ۋە كۆڭۈلسىز تەسىر بېرەتتى . كۈن ئاتلاپ دېگۈدەك يامغۇر يېغىپ تۇراتتى . شۇنداق يامغۇرلۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادامنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن چوڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم . قىسقىغىنە ھال–ئەھۋال سورىشىشتىن كېيىن ، ئۇ ماشرەڭ چاپىنىنى يېپىنچاقلىغىنچە ئاستا قەدەملىرى بىلەن يېزىقچىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . مەن مومام بىلەن بىر دەم گۇڭۇر–مۇڭۇر پاراڭلاشقاچ چاي دەملىدىم . بىر پىيالە قىزىق چاينى ئېلىپ دادامنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئىتتىردىم . دادام دېرىزىگە تورۇكلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتكەندەك قىلاتتى .
— دادا ، چاي ئىچكىن،– دېدىم مەن پەس ئاۋازدا قولۇمدىكى چاينى ئۈستەلگە قويغاچ . دادام ماڭا ئاستا قايرىلىپ قارىدى .
— بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭ ؟
— ھە ؟ ،–ئۇشتۇمتۇت سورالغان بۇ سوئالدىن سەل مەڭدەپ قالدىم ،–30 ياشقا .
—تازا قىران ۋاقتىڭ ئىكەن .
— ھىم .
ئۇ ماڭا بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى . كۆڭلىدىكى بىر گەپنى ئېيتالمايۋاتقاندەك تۇراتتى .
— ساڭا دەخلى قىلماي ، مومامنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇراي ،–دېدىم مەن بۇ بۇرۇقتۇرمىلىققا خاتىمە بەرمەكچى بولۇپ .
—توختا بالام ! ساڭا بېرىدىغان بىر سوۋغىتىم بار،–دېدى دادام ۋە تارتمىنى ئاختۇرۇپ ئەپچىلگىنە بىر قەغەز كۇرۇپكىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى .
—بۇ نېمە دادا ؟ بۈگۈن ھېچبىر ئالاھىدە كۈن بولمىسا سوۋغات بەرگۈدەك ؟
—بۇنى ئەسلى ساڭا بۇرۇنلا بەرمەكچى ئىدىم ، زادى پۇرسىتى كەلمىدى ، بۈگۈن نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ .
كۇرۇپكىنى ئاستا ئاچتىم ، ئىچىدە پارقىراقلىقىنى يوقاتقان ، يۈزى ئانچە–مۇنچە جىجىلىپ كەتكەن كونا بىر چاقماق تۇراتتى .
— چاقماققۇ بۇ ؟،—دېدىمدە ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ ياندۇرماقچى بولدۇم .
—توختا !،–توۋلىۋەتتى دادام ،– ئۇنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ .
—ھە!–دادامنىڭ تۈرۈلگەن تەرىگە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم .
— ئۇنى مەن توپتوغرا 30 يىل ياندۇرماي ساقلاپ كەلدىم ، ئۇنى ھەرگىزمۇ سېنى ياندۇرسۇن دەپ سوۋغا قىلمىدىم ، بەلكى سېنى ماڭا ئوخشاش ياندۇرماي ساقلىسۇن دەپ سوۋغا قىلدىم .
— بۇ ، بۇ ، بۇ.....،–دادامنىڭ گەپلىرى مىنى گاڭگىرىتىپ قويغان ئىدى،–ئىشلەتكىلى بولمايدىغان نەرسىنى ساقلاپ نېمە قىلىمەن ؟
— 30 يىل بۇرۇن سەن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىڭدا ، خۇشاللىقتىن بېشىم كۆككە يەتكەن ، ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنگەن ئىدىم . مېنىڭ بۇ ھاياتىم يالغۇز ئۆزەمگىلا ئەمەس ، پۈتۈم ئائىلەمگە ، ساڭا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھەمدە ئۆز ھاياتىم بىلەن سېنى ، سىلەرنى بەختلىك قىلىشىم كېرەكلىكىنى تولۇق ھېس قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاياتىمغا ئېكەك بولىدىغان بارلىق يامان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش ھەققىدە قەسەم ئىچكەن ئىدىم . ھاياتىمنى قەدىرلىگىنىم سىلەرنى قەدىرلىگىنىم ئىدى . شۇ ۋاقىتتىلا ھاراق ، تاماكا دېگەنلەردىن ئۈزۈل–كېسىل قول ئۈزدۈم . مانا بۇ چاقماقنى ئاشۇ ۋەدەمنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە 30 يىلدىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن .
قولۇمدا ئەينى يىللىرى ئىشلەنگەن بېنزىن ئارقىلىق يانىدىغان كونا چاقماق ، يۈزۈم خىجالەتتە ئوت بولۇپ يانماقتا . دادام ۋەزىنلىك گەپلىرى بىلەن ، ئاشۇ كونا چاقمىقى بىلەن يۈزۈمگە ئوت قويىۋەتكەن ئىدى . دادامنىڭ يېنىدىن قانداق قايتىپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن . كوچىدا چوڭقۇر خىياللارغا ئەسىر بولۇپ مېڭىۋاتىمەن . بايا دادام قويغان ‹‹ئوت›› نى شۇنچە كۈچلۈك يېغىۋاتقان يامغۇر سۇلىرىمۇ پەسلىتەلمەيۋاتاتتى . دېمىسىمۇ ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ دادامنىڭ بىرەر تال تاماكا چەككىنىنى ، بىرەر رومكا ھاراق ئىچكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . ئەمما مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن يىلى ، يەنى 18 يېشىمدا تاماكا چېكىشنى باشلىۋالغان پېتى تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە يىل ھەپىلەشتىم . ئالدىنقى ئايدا ئۆپكەمنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىدا 20 كۈندىن ئارتۇق يېتىپ داۋالىنىپ چىقتىم . خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن كەسىپداشلار ۋە ئەل–ئاغىنىلەر جەم بولساق ھاراق بۇتۇلكىلىرىنى تىكلەپ پەيزىمۇ قىلىپ قوياتتۇق . دادامنىڭ شۇ كۈندىكى سوۋغىتى ماڭا دەل ۋاقتىدا بېرىلگەن سوۋغات بولدى . شۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ بىرەر تال تاماكا چېكىپ باقمىدىم ، دادامنىڭ كۈتكىنىدەك ئۇنىڭ چاقمىقىنى ياندۇرۇپ باقمىدىم ھەم ياندۇرمايمەن .
|