|
مۇھەممەد مۇسا
ئەلنى ئامان ساقلىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار، ئۈمىدلەرنى ئاقلىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار.
ئەلگە ئاتاپ بارىنى، چېكىپ دىللار تارىنى، چولپان بولۇپ چاقنىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار.
تۇتۇپ مەھكەم قورالنى، جەڭگە چۈشكەن مەردانە، داۋانلاردىن ئاتلىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار.
پۈكۈپ دىلغا ۋەتەننى، تارمار ئېتىپ دۈشمەننى، دىلغا سۆيگۈ باشلىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار.
بولۇپ ئەلگە يار – يۆلەك، تۇتۇپ دائىم گۈل چېچەك، بىللە قەدەم تاشلىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار.
بۈگۈن بايرام، بۈگۈن توي، خۇددى كۆككە يەتتى بوي، زەپەر قۇچۇپ يايرىغان جەڭچىلەرگە سوۋغام بار.
|