|
ئابدۇغېنى ھامۇدى
1
ئەلنى سەن يولباشچى قىلغىن، ئەل ساڭا غەمخانىدۇر، ئەل بىلەن ماڭغان يولۇڭمۇ زەپ گۈزەل نۇرانىدۇر.
ئەل بىلەن بولغاندا ھەمدەم ھەر ئىشىڭ تاپقاي رۇناق، سەن ئۈچۈن ئەلنىڭ قۇچاقى بىباھا گۈلزارىدۇر.
ئەل بىلەن بىرگە ياشاشنى شان – شەرەپ، ئامەت دېگىن، ئۇ ساڭا بولغاي قۇياش ھەم تۈنلىرىڭنىڭ ماھىدۇر.
كۈن كېلىپ باشىڭغا، ئەي دوست، جەبرىلەر چەكسەڭ ئەگەر، ئەلگە ئېيتقىن دەردى – ھالىڭ، ئۇ ساڭا دەرمانىدۇر.
دەپتىكەن ئەجدادلىرىممۇ ئىش بولار ئۆملۈكتە دەپ، ئويلىساڭ ئۇشبۇ پىكىرنى زەپمۇ ھەق دۇردانىدۇر.
2
زەر قۇياش يەڭلىغ ئېرۇرسەن، مۇڭدىشىم، يارىم كىتاب، خىرە دىلنى يورۇتارغا سەن چىراغ – شامىم كىتاب.
ھەر قېتىم ئالسام قولۇمغا مەن سېنى ھۆرمەت بىلەن، ھېسلىرىم ئالەم كېزەر، پەن – بىلىم كانىم كىتاب.
سەندە بار ئالەمچە قۇدرەت، سەندە بار ئەخلاق – پەزىل، ھەر قۇرۇڭ، ھەر بەتلىرىڭدىن بال تامار دائىم كىتاب.
كىم سېنى كۆرسە قەدىرلىك، ئۇ بىلۇر ئالەم سىرىن، ھەر قاچان ئۆرلەشكە ئالغا سەن مەدەتكارىم كىتاب.
مەن سېنى باغرىمغا باستىم، قىل ماڭا ئىقبال ئاتا، سەن بىلەن بەختىم كۈلەر، ھەر زامان – چاغىم كىتاب.
|