باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
سەپداشلار
2008- 08- 05 09:56 شىنجاڭ گېزىتى

(قىسىمدىن قايتقان سەپداشلارغا بېغىشلايمەن)

زوردۇن ئىمىر

بىللە بېرىپ قىسىمغا، ئەسكەر بولدۇق سەپداشلار،
تەڭ ھىدلىنىپ بىر باغدا ئەنبەر بولدۇق سەپداشلار.

شان – شەرەپلىك تارىخنى يازدۇق مېھنەت – تەر بىلەن،
بىرىمىز رەڭ، بىرىمىز دەپتەر بولدۇق سەپداشلار.

ئورۇن ئالدى دىللاردا ئېسىل خىسلەت، ئەنئەنە،
زەر ئۈزۈكتە چاقنىغان گۆھەر بولدۇق سەپداشلار.

بىر قازاندا تاماق يەپ، بىر كۆلچەكتىن سۇ ئىچتۇق،
كۆك ئۆزرە تەڭ پارلىغان ئەختەر بولدۇق سەپداشلار.

مەرىپەتتە نۇرلاندى قەلبىمىزنىڭ ئاسمىنى،
تۈندەك دىلنى يورۇتقان ئەنۋەر بولدۇق سەپداشلار.

قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ، مەنزىللەرگە ئاتلىدۇق،
قەدەملىرى رىتىملىق سەپەر بولدۇق سەپداشلار.

بىللە يەڭدۇق جاپانى، ياڭرىتىپ تەڭ ناۋانى،
تاۋلىدۇق بىز بەدەننى قەيسەر بولدۇق سەپداشلار.

تەڭ ئۆسۈپ تەڭ يېتىلدۇق، مېۋە بېرىپ ئېچىلدۇق،
جەڭچى، كادىر، ئوفىتسېر، رەھبەر بولدۇق سەپداشلار.

ئىناقلىقنىڭ مارشىنى تەڭ ياڭراتتۇق كۈي تۆكۈپ،
دوستقا قالقان، رەقىبكە خەنجەر بولدۇق سەپداشلار.

بەھرىمىزدىن دوستلارغا ھۇزۇر بەردۇق، زوق بەردۇق،
چاڭقاقلارنىڭ قەلبىگە كەۋسەر بولدۇق سەپداشلار.

نەقىشلىدۇق قۇت بىلەن ھاياتىمىز بېتىنى،
ھېكمەتلەردىن پۈتكەن توم، ئەسەر بولدۇق سەپداشلار.

بۈگۈن قايتىپ قىسىمدىن ئۈزمەكتىمىز سەپلەردە،
دېمەك ھەممە سەپلەردە چېۋەر بولدۇق سەپداشلار.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ