|
دۆلەت قۇربان
تەڭداشسىز، نۇرانە تارىخ ياراتتىڭ، ئەل كۈتكەن ئۈمىدنى ھەر زامان ئاقلاپ. ئۆرلىدىڭ ئارمىيەم يۈكسەك پەللىگە، بۇرچۇڭنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭدە ساقلاپ.
قايىلدۇر خەلقىمىز جاسارىتىڭگە، ساڭا باش ئەگكەچكە ھەيۋەتلىك تاغلار. قوغدىغاچ سەن ئەلنىڭ بەختىنى ھارماي، خۇش پۇراق گۈللەرگە تولماقتا باغلار.
پارتىيە، خەلققە بولغاچ ۋاپادار، ئارمىيەم تەڭداشسىز شۇڭا ھۆرمىتىڭ. دىللاردا ھاياجان قوزغايدۇ چەكسىز، ھەر ۋاقىت جەڭلەردە قۇچقان شۆھرىتىڭ.
قۇترىسا قەيەردە كۆرەڭلەپ ئاپەت، شۇ ھامان شۇ يەردە بولدۇڭ سەن پەيدا. خەتەردىن قۇتقۇزدۇڭ تالاي ئادەمنى، بولغاچ سەن ئەل – يۇرتقا بىھېساب شەيدا.
بار سەندە تۈگىمەس، چەكسىز كۈچ – قۇۋۋەت، ئارمىيەم شان قۇچۇپ يەنىمۇ ئۆرلە. شەرەپلىك ئەنئەنە ئەڭگۈشتەر ساڭا، تا ئەبەد ئەل – ۋەتەن بەختىنى كۆزلە.
|