باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
ئولىمپىك سوۋغىسى
2008- 08- 05 09:53 شىنجاڭ گېزىتى

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم، ئەيساجان مۇھەممەد

   مارتنىڭ باشلىرى ئىدى، كەنتتە ئېچىلغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن يانغان قاسىم بوۋاي ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلدى. سۇپىدا ئوغلى ئوسمانجان بالىسى مەرداننى قۇچىقىغا ئېلىپ ئوينىتىپ ئولتۇراتتى. دادىسىنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، ئوسمانجان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىنى يەرگە قويدى – دە،  ئۇنى سۇپىغا باشلىدى.

    يىغىن ئەمدى تۈگىدىما؟ ئەجەب ئۇزاق ئېچىپ كەتتىغۇ بۈگۈن؟  ئىچكىرى ئۆيدىن چەينەك بىلەن داستىخان كۆتۈرۈپ چىققان كېلىنى گۈلنىساخان چاي قۇيغاچ قاسىم بوۋايدىن سورىدى.

   بۈگۈنكى يىغىن بەك مۇھىم يىغىنكەن، شۇڭا ئۇزاقراق ئېچىلدى، ئەسلى سەن بارغان بولساڭ بوپتىكەن، بالام،  قاسىم بوۋاي ئوسمانجانغا بۇرۇلۇپ سۆزلىدى، كەنت مۇدىرىنىڭ بەزى سۆزلىرىنى مەن تازا ئۇقالماي قالدىم، نېمە دەيدۇ، 2008 – يىلى بېيجىڭدا بىر كاتتا يىغىن ئېچىلىدۇ، دەمدۇ نېمە، يەنە تېخى شۇ يىغىننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تېرىقچىلىقنى ئوبدان قىلىشىمىز كېرەككەن...

    ھە، بىلدىم دادا،  دېدى ئوسمانجان چايدىن بىر ئوتلاپ،  مۇدىرنىڭ دېگىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى.

   ھە، شۇ... شۇ...،  قاسىم بوۋاي بىردىنلا جانلاندى،  توغرا، ئولىمپىك دېدى، ئەمما – زە، بالام مەن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى تازا بىلەلمەي قالدىم، يىغىندا ئادەم جىق، ياندۇرۇپ سوراي دېسەم خىجىل بولدۇم.

   بۇ مۇنداق گەپ دادا،  ئوسمانجان دادىسىغا ئولىمپىكنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،  ئۇ دېگەن تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان، دۇنياۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئېلىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە ئولىمپىكنى قارشى ئېلىش دولقۇنى قوزغالدى، ھەممە ئادەم ئۆز قۇربنىڭ يېتىشىچە ئولىمپىك ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. مۇدىرنىڭ دېگىنى  بىز يەرنى ياخشى تېرىپ، ئالغان مول ھوسۇلىمىز بىلەن ئولىمپىكنى كۈتۈۋالايلى، دېگەن گەپ دادا..

   ھە...قارىغاندا بۇ ئوبدان ئىشكەن – دە، بالام،  قاسىم بوۋاي ئوغلىنىڭ سۆزىدىن خېلى كۆپ نەرسىنى بىلىۋالغاندەك بېشىنى توختىماي لىڭشىتىپ سۆزلەشكە باشلىدى،  بولسا بىزمۇ ئولىمپىكقا ئازراق سوۋغات تەييارلاپ قويامدۇق – يا؟

   قۇرۇق خىيال قىلمىغىنە دادا،  دېدى ئوسمانجان،  جۇڭگو دېگەن شۇنچە چوڭ دۆلەت تۇرسا، بىزگە سوۋغات تەييارلاشنى كىم قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدەك گاداي دېھقاننىڭ تەييارلىغان سوۋغىسى بېيجىڭغا يارامتى؟

   گەپ سوۋغاتنىڭ قىممەت – ئەرزانلىقىدا ئەمەس، بالام، كۆڭۈلدە،  دېدى قاسىم بوۋاي بىر پەس ئويلىنىشتىن كېيىن،  كونىلار ‹‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ›› دەپتىكەن، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزدىن سوۋغات قىلساڭ، بېيجىڭلىقلارغا يېڭىلىق بىلىنمەسما؟

    ئەمىسە، نېمە سوۋغات قىلساق بولار، دادا؟

   قوغۇن – تاۋۇز، ئۆرۈك – ئامۇت دېسەڭلار ھازىر ھەممە يەردە بار، مېنىڭچە ئۆزىمىز تېرىغان قاپاقلاردىن سوۋغات قىلساق بولامىكىن؟  باياتىن بېرى گەپكە ئارىلاشماي ئولتۇرغان گۈلىنساخاننىڭ بۇ سۆزى قاسىم بوۋاينىڭ ئويى بىلەن بىر يەردىن چىققانىدى.

   توغرا، شۇنداق قىلايلى بالام، سېنىڭ قولۇڭدا ھۈنەر بولغاندىن كېيىن، قاپاقلارنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ، نەقىشلەپ، بېيجىڭغا سوۋغات قىلمايمىزمۇ؟

    قاپاققا نېمىنى نەقىشلەيمىز دادا، ھۆسىنخەت يازايلى دېسەك، يا بېيجىڭدا ئۇنى ئوقۇيالايدىغان ئادەم بولمىسا؟

   بۇنى ئاۋۋال كەنت مۇدىرىغا مەسلىھەت سېلىپ باقايلى، ئۇ بىرەر يول كۆرسەتسە ئەجەب ئەمەس،  قاسىم بوۋاي ئەمدى راستىنلا بىر قارارغا كەلگەنىدى،  بول بالام، ھازىرلا ئۇنىڭ قېشىغا بارايلى.

   ئوسمانجان دادىسىنىڭ بىر سۆزلۈك مىجەزىنى بىلگەچكە، گەپ قىلمايلا ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ئۇلار كەنت مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەقسىتىنى بايان قىلدى.

   ۋوي، قاسىمكا، تولىمۇ ئوبدان ئويلاپلىغۇ، بۇ بولىدىغان پىلانكەن جۇمۇ،  دېدى كەنت مۇدىرى،  مېنىڭچە ياخشى قاپاقتىن 56 نى تەييارلاپ، بۇنى ۋەتىنىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئولىمپىكقا سوۋغا قىلساق بولغۇدەك، سىلە ئەتىدىن باشلاپ قاپاقلارنى تەييارلاشقا تۇتۇنسىلا، مەن يېزىغا مەلۇم قىلىپ، يۇقىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەي.

   ئۇلار ئەنە شۇنداق كېلىشتى – دە، ھەممىسى ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىشتى. قاسىم بوۋاي شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ قاپاقلىرىغا ئالاھىدە پەرۋىش قىلىدىغان، كۈندە قاپاقلارنى ئەگىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما، قاپاقلار تازا ئاينىپ، بوغماق بولغان كۈنلەرنىڭ بېرىدە، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پىلەكلىرى قۇرۇپ، يوپۇرماقلىرى سولىشىشقا باشلىدى، قاسىم بوۋاي بىر قاراپلا بۇنىڭ چاڭقاقلىقتىن بولغانلىقىنى، ئەگەر قاپاقلارنى ۋاقتىدا سۇغارمىغاندا، خام پېتىلا قۇرۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈردى، ئەمما، ئۇنىڭغا سۇغىرىش نۆۋىتى كېلىشكە يەنە بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىدى. قاسىم بوۋاي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى ۋە ئۇدۇل كەنت مۇدىرىنىڭ قېشىغا چاپتى.

   تېخى سىلىنى ئىزدەي دەپ تۇراتتىم، قاسىمكا،  دېدى كەنت مۇدىرى قاسىم بوۋاينى يىراقتىن كۆرۈپلا سالام قىلغاچ،  يېزا، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن سىلىنىڭ قاپاقلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئولىمپىكقا تەقدىم قىلىشقا تاللاندى، دەرھال تۇتۇش قىلىپ، قاپاقلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ نەقىشلەپ، ئۈرۈمچىگە يوللىمىساق بولمايدۇ...

    چاتاق بولدى، مەمەت مۇدىر، چاتاق بولدى، سۇ كەلمەي، قاپاقلار قۇرۇپ كېتەي دەپ قالدى...

    نېمە، ئۆتكەندە ئوبدان سۇغارمىغانمىتىلە؟

   سۇغارغان، ئەمما سىزمۇ بىلىسىز مۇدىر، مېنىڭ ئۇ يېرىم ئېگىزدە بولغاننىڭ ئۈستىگە، تۇپرىقى قۇرغاق، قۇمساڭغۇ، باشقىلار بىرمو يەرنى سۇغارغان سۇدا مەن ئاران يېرىم مو يەرنى سۇغىرىمەن، ئۆتكەندە سۇ نۆۋىتى كەلگەندە مىجەزىم يوق، ئېچىق بېشىغا ئۆزۈم چىقالمىغانىدىم، بالىلار چالا سۇغىرىپلا بولدى قىپتۇ.

    ئۇنداق بولسا، دەرھال كەنتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، چېلەك بىلەن سۇغىرايلى!

   كەنت مۇدىرى شۇ ھامان كەنت كادىرلىرىنى يىغىپ جىددى يىغىن ئاچتى، ئاندىن كەنتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قاسىم بوۋاينىڭ قاپاقلىرىنى سۇغىرىشقا ئاتلاندى. يېرىم كۈن داۋاملاشقان سۇغىرىشتىن كېيىن، قاسىم بوۋاينىڭ قاپاقلىرىغا قايتىدىن جان كىرىپ، سارغايغان يوپۇرماقلار، قېنىق يېشىل رەڭگە ئۆزگەردى.

   كۆپچىلىككە رەھمەت،  دېدى قاسىم بوۋاي قاپاقلىرى سۇغىرىلغاندىن كېيىن كۆپچىلىككە قاراپ،  كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى ياردىمى ئۈچۈن بىر قوي سويۇپ چاي بەرمەكچىمەن، قېنى كۆپچىلىك ھازىرلا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ، چايغا داخىل بولۇشقايلا...

   كۆپچىلىك قاسىم ئاكىنىڭ بۇ قاپاقلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاز – تولا جاپا تارتقان بولساقمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ  قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ئىش. بۇ قاپاقلارنىڭ ئولىمپىكقا سوۋغا قىلىنىشى يالغۇز قاسىمكامنىڭ شەرىپىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى كەنتىمىزنىڭ شەرىپى!  دېدى كەنت مۇدىرى شىمىنىڭ ھۆللەشكەن پۇچقاقلىرىنى قېقىشتۇرۇپ.

   كۆپچىلىكنىڭ ھاياجان بىلەن ئۇرغان چاۋاكلىرى كەنت مۇدىرىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. 

    ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە قاسىم بوۋاينىڭ قاپاق ئەۋرىشكىسىنىڭ باھالاشتىن ئۆتۈپ، بېيجىڭغا سوۋغات سۈپىتىدە تاللانغانلىقى، قاپاقلارنى تېزدىن تەييارلاپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خەۋەر كەلدى.

    مانا، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى، قاسىم بوۋاينىڭ ھويلىسىدا ناغرا – سۇناي، داقا – دۇمباق سادالىرى ياڭرىدى. ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشكەن كەنت ئەھلى قاسىم بوۋاينىڭ ھويلىسىغا توپلانغانىدى. 56 مىللەتنىڭ ئوبرازى نەقىشلەنگەن 56 قاپاق 56 يەشىككە قاچىلىنىپ، گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ئاپتوموبىلغا سېلىنىپ، ئۇزىتىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ