|
(ھېكايە)
جىن خې (كورىيە)
قىش. قار توختىماي ياغماقتا. ئىككى ئەر قېلىن قارلارنى كېچىپ تىك ھەم خەتەرلىك جىلغىنىڭ يېنىدىكى بىر قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى ئامېرىكىلىق، ياشراقى كورىيىلىك ئىدى.
قەبرىنى قېلىن قار قاپلىغان بولۇپ، قەبرە تېشىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ياشانغان ئامېرىكىلىق: ‹‹مانا بۇ ئاناڭنىڭ قەبرىسى، بېرىپ يۈكۈنگىن›› دېيىشىگە، يىگىت ‹‹گۈپ››لا قىلىپ قەبرە ئۈستىگە تاشلاندى...
چاۋشيەن ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، ب د ت 1952 – يىلى يەنە بىر تۈركۈم قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتكەن بولۇپ، ۋېلسون شۇ قوشۇندىكى بىر ئەسكەر ئىدى. شۇ چاغدا ئەڭ كەسكىن بىر مەيدان جەڭ مۇشۇ يەردە بولغانىدى.
چاۋشيەن پىدائىيلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا ب د ت ئارمىيىسى چېكىنىش يولىدا ۋېلسون قوشۇندىن خېلىلا ئارقىدا قالدى. دەل شۇ چاغدا ئۇ بىر بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. يىغا ئاۋازى بىر ئازگالدىن چىقىۋاتاتتى، ئۇ ئازگالغا دۆۋىلىنىپ كەتكەن قارلارنى قولى بىلەن ئاچتى – يۇ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالدى.
بىر ئانىنىڭ قۇچىقىدا بوۋاق چىرقىراپ يىغلاۋاتاتتى، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى ئانا يالىڭاچ ئىدى. ئەسلىدە ئانا بالىسىنى ئېلىپ ئۇرۇش ئىچىدىن قاچقاندا، قار قاتتىق يېغىپ بۇ قارلىق جىلغىدا توسۇلۇپ قالغان. ئانا بالىنى سوغۇقتىن ساقلاش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سېلىپ بالىنى يۆگەپ، باغرىغا چىڭ بېسىۋالغانىدى. گەرچە يالىڭاچ ئانا ئاللىقاچان تىنىقتىن قالغان بولسىمۇ، قۇچىقىدىكى بوۋاق تېخى ھايات ئىدى.
ۋېلسون بۇ مەنزىرىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ئانىنى بۇ يەرگە كۆمۈپ قويغاندىن كېيىن، يىغلاۋاتقان بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قوشۇنغا ئىز بېسىپ يېتىشىۋالغانىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئۇ بالىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىپ بېقىۋالدى. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋېلسون ئۇنىڭغا ئەينى يىللاردىكى ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە ئانىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇنى بۇ جىلغىغا ئېلىپ كەلدى.....
قەبرە ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ كۆزىدىكى ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ قەبرىنى قاپلىغان قارلارنى تازىلاشقا باشلىدى. ئۇ قارلارنى تازىلاپ بولغىچە چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلدى. يىگىت كىيىملىرىنى بىر – بىرلەپ سېلىپ قەبرىنىڭ ئۈستىگە ياپتى، ئاندىن قەبرە ئالدىدا يۈكۈنگىنىچە ئولتۇرۇپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قەلبىدە ساقلاپ كەلگەن گېپىنى دېدى: ‹‹ئانا، شۇنچە يىللاردىن بۇيان قانچىلىك توڭلىغانسىز – ھە!››
ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى
|