باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
مېھماندارچىلىقتا دىدار غەنىمەت
2008- 07- 30 11:12 تەڭرىتاغ تورى

      قۇربانجان توختى ھۆرمىتى

    بىزدە ‹‹داش قازان كۈندە قاينىماس›› دېگەن گەپ بار . مېنىڭچە بۇ دانا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھازىرقى باياشاتلىق ، توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يېتەيلى ، ئەتراپىمىزغا ئوبدان نەزەر سېلىپ ، ئۆزىمىزنى باشقىلارغا ياخشى سېلىشتۇرۇپ ، قېيىنچىلىق كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي ، ئۆزىمىزدىن كىچىكلەرنى ئىسراپچىلىق قىلىشتىن ئىمكانقەدەر توسۇپ ، ئۇلارغا ‹‹ئىسراپچىلىق نەدە ، پىشانىسى تەرلىمىگەن يەردە››دېگەننى ھەقىقىي تونۇتايلى دېگەنلىكى بولسا كېرەك .

      بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن بىللە شەھەردىكى بىر رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلدۇق . بۇ سورۇننى ئەسلى بىر قۇرۇلۇش ھۆپىگىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن(سورۇندىكى مەلۇم دوستىمىزنىڭ بۇرۇن بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئىكەن) . بىز كىرىپ قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ، تېزلا تونۇشۇپ ، كەڭ–كۇشادە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقا باشلىدۇق . شۇنچە چوڭ ئايرىمخانىدا ئاران تۆتەيلەنلا بار ئىدۇق . مەن كۆڭلۈمدە يەنە مېھمانلار بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ بۇ ھەقتە گەپ قىلمىدىم . لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تاماق تىزىملايدىغان قىز كىرىپ‹‹ ئەمدى تاماق بۇيرۇتامسىلەر؟››،–دەپ سورىغاندىلا مۇشۇ تۆت ئادەمدىن باشقا ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى جەزملەشتۈردۈم . ھېلىقى قۇرۇلۇش ھۆپىگىرى ئاغىنىمىز تاماق تىزىملىكى بار دەپتەرنى ئېلىپ بىزگە تەڭلەپ ، كۆڭلىمىزدىكىنى بۇيرۇشقا دەۋەت قىلدى . بىز ئىككى تەخسە گۆشسىز قورۇما ، بىر تەخسە گۆشلۈك قورۇما بۇيرۇتتۇق . بىراق ھېلىقى ئاغىنىمىز بىزدىن خاپا بولغاندەك ئاھاڭدا :

 —‹‹تۈزۈكرەك تاماق بۇيرۇتۇڭلار ، مال يەيدىغان ئوت–خەسنى بۇيرىماي!››،—دېدى .

      بىز باشقا قورۇما بۇيرۇغىلى ئۇنىمىدۇق . لېكىن ئۇ ئاغىنىمىز ھەش–پەش دېگۈچە ئون ئادەممۇ يەپ بولالمايدىغان قورۇما ، تائاملارنى بۇيرۇتۇپ ، ئايرىمخانىنىڭ يوغان تاماق ئۈستىلىنى لىق توشقۇزىۋەتتى . تاماق تىزىملايدىغان قىز ھېلىقى ئاغىنىمىزنىڭ قېشىغا كېلىۋېلىپ ، بىكار ۋاقىتلىرىدا يادلىۋالغان قورۇمىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر–بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ ، ‹‹ئۇ قورۇمىنى يەپ بېقىڭلار ، بۇ قورۇمىنى يەپ بېقىڭلار›› دەپ زورلاپ يۈرۈپ يەنە تۆت–بەش تەخسە سەينى ئارتۇق بۇيرۇتقۇزدى . ئۇلارغا بىرمۇنچە ئەجىر قىلىپ ئاران ئەتكەن تامىقى يېيىلمەي تۆكۈلۈپ كەتسىمۇ بەرىبىر ئوخشايدۇ ، ئامال قىلىپ بىزگە سېتىۋالسىلا بولىدىغان ئوخشايدۇ ؟ تاماق ئۈستىلىدىكى قورۇمىلارنىڭ باھاسىنى ھېسابلاپ باقسام ، تۆت ئادەمنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىنىڭ پۇلى مېنىڭ يېرىم ئايلىق مائاشىمدىن ئېشىپ كېتىپتۇ . بۇ ئىسراپچىلققا قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى ، شۇڭا ئۆز پىكرىمنى دېدىم :

— ‹‹بۇ ئىش تازا قاملاشمىدى ، ئۆزىمىز يەپ بولغۇدەك بۇيرۇتۇپ تۇرۇپ ، يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە بۇيرىساقمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بەك چوڭ ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇۋاپتىمىز ، بىز تۆت ئادەم بولغاندىن كېيىن كىچىكرەك ئۆي بولسىمۇ بولار ئىكەن››

— ‹‹ھېچقىسى يوق ، سىلەرنىڭ ھۆرمىتىڭلار بۇ ، يەنە كېلىپ بۇ سىلەرنى تۇنجى قېتىم مېھمان قىلىشىم ، بىزنىڭ بۇنداق ئولتۇرۇشىمىزمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ›› .

— ‹‹ئۇغۇ شۇنداق ، لېكىن ئۇنى سەۋەب قىلىپ ئاش–تاماقنى بېھۇدە ئىسراپ قىلساق بولمايدۇ–دە؟ ‹‹مېھمان ئاش دەپ كەلمەس›› دېگەن گەپ بار ، سورۇندىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچسە بولدى ئەمەسمۇ؟ دوستلار ئارا ئارتۇق كايىپ كەتسەك ئادەم خىجىل بولىدىكەن›› .

— ‹‹ۋاي–ۋۇي ، بولدى–بولدى ! نىمانچە جىق گەپ بۇ ؟ كۆپ ئىشلارنى ئويلىماي ئېچىلىپ–يايراپ ئولتۇرايلى ، ئۆلىدىغان جانغا بىر كۈن بولسىمۇ ياخشى ياشىساق دەيمەنغۇ! قېنى ، تاماققا باقايلى ، سوۋۇپ قالسا تەمى كېتىدۇ!......›› . 

      تۆت ئادەم قانچىلىك تاماق يېيەلەيدۇ دەيسىز؟ بىردەمدىن كېيىن ھاراق ئىچىش باشلاندى . قارىسام ، ئاز–تولا يېيىلگەن سەيلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، تېخى چوكا تەگمىگەن قورۇمىلارمۇ تۇراتتى . سورۇن ئاخىرلاشقاندا بۇيرۇلغان قورۇمىلار شۇنداقلا ئېشىپ قالدى . بۇ ئاشقان قورۇمىلارنى كىم ئەكىتەتتى؟ يۇندىخانىلارغا ، ئەخلەتخانىلارغا تۆكۈلىدۇ شۇ ! تۆت كىشىگە لايىق تاماق بۇيرۇتساق ، قالغان پۇلىمىز تېجىلىپ قالسا يانچۇقىمىزغا پاتماي قالارمىدى؟  نېمىشقا قولىمىزغا تۆت تال پۇل كىرسىلا ئەقلىمىزدىن ئادىشىپ ، ئىسراپچىلىق قىلىپ يۈرۈيمىز؟ بۇ چوڭچىلىقنى بىزگە كىم قويۇپتۇ؟ ئەتراپىمىزدا خېلى ئېغىر قېيىنچىلىقى بار قوشنىلىرىمىز ، تونۇشلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمايمىز؟ بۇزۇپ–چېچىش قانداقمۇ مېھماندوستلۇق ھېساپلانسۇن؟ ئويلىسام ، بۇ خىل ئىسراپچىلىق ھازىر بىزدە ئومۇمىي ھادىسىگە ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ . ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، مېھماندارچىلىقتا ئەڭ مۇھىمى—دىدار غەنىمەت .      

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ