باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
ياز ئاخشىمى
2008- 07- 29 10:51 شىنجاڭ گېزىتى

مامۇت زايىت

ياشلىق، گۈزەللىك، سۆيگۈگە بايدۇر تۈگەل ياز ئاخشىمى،
ھەرياق پۇرايدۇ گۈل – ئىپار، ياڭراپ غەزەل ياز ئاخشىمى.

كەتمەيدۇ ئاي يۇرت ئۈستىدىن، ئالغاچ گۈزەللىك ھۆسنىدىن،
نۇرى كەلكۈن پەيزىدە يايرايدۇ ئەل ياز ئاخشىمى.

كۈيگە تولغاي بوز – دالا، تاشلايدۇ مەجنۇنتال جۇلا،
گۈل شېخى، قىز چېچىدا ئوينار زۇھەل ياز ئاخشىمى.

ئېھ! سەلكىنى چاچنى تارار، ئەر ئورمىدا، ياندا نىگار،
بولمايدۇ زايە ئىش ئۈچۈن بەرگەن بەدەل ياز ئاخشىمى.

خاماندا چال – نەۋرە بۈگۈن، دىلدىن ئازايغان غەش – تۈگۈن،
چەشلەنسە دان ئارزۇسىدەك، ئارمانى ھەل ياز ئاخشىمى.

ئۇز شۇنچە خامان ناخشىسى، سۆيگۈ  ئارمان ئەلچىسى،
بەرگەي ئۇ شائىر كۈيىگە ئالتۇندا ھەل ياز ئاخشىمى.

سازىمنى شوخ – شوخ چالىمەن، يارنى ئۇسسۇلغا سالىمەن،
ئەمگەك، مۇھەببەت مېۋىسى شېرىن  ھەسەل ياز ئاخشىمى...

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ