باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
نېمە دېگۈلۈك
2008- 07- 29 10:42 شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

ئەركىن سابىر

   يامغۇر باشتا بوش، ئارقىدىن شارقىراپ يېغىشقا باشلىدى. تورۇستىن خۇددى نۇرغۇن ئادەم ئۆگزىگە چېلەك بىلەن سۇ قۇيۇۋاتقاندەك ئاۋاز كېلەتتى. بىزنىڭ بۇ تاغلىق رايوندا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، ئەمما مەن يامغۇرنىڭ بۈگۈنكىدەك ياغقىنىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغانىدىم.

    ۋەي، سىيىت،  دېدىم مەن كەنت مۇدىرغا تېلېفون بېرىپ،  كەنت كادىرلىرىنى يىغايلى، جىددىي يىغىن بار...

     نېمە يىغىن؟  مەن تۇرۇپكىنى قويۇشۇمغا ئايالىم مەندىن سورىدى.

    يۇقىرى ساينىڭ توسمىسىنى ئېگىزلىتىش تېخى تۈگىمىگەنىدى، جىددىي تۇتۇش قىلمىساق، تاسادىپىي يار ئېلىپ كەتسە، شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلغان ئەمگىكىمىز بىكار بولىدۇ...

    سىز كەتسىڭىز، بىز قورقمامدۇق؟

    نېمىگە قورقاتتىڭ؟ قورقما، بۇ ئۆتكۈنچى يامغۇر،  دېدىم مەن گەپنى بۆلۈپ. ‹‹مەھەللىگىمۇ خەۋپ يېتىدۇ›› دېگەن گەپنى قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ قورقۇنچقا سېلىشنى خالىمىدىم.

    شۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، ئادەم ئەنسىزچىلىكتە قالىدىكەن...

    ۋاي – ۋۇي، سېنى – زە!  مەن چاپىنىمنى كەيگەچ غۇدۇڭشىدىم،  قولچىراغ نەدە؟

    ئايالىم ماڭا قولچىراغنى تېپىپ بېرىپ، ئۆيدە قېپقالدى.

   كەنت ئىشخانىسىغا كەلسەم ئۆيى يېقىنلاردىن بىر نەچچەيلەن كېلىپ بولغان ئىكەن. مەن سەل ساقلاپ ھەممەيلەن  يىغىلغاندا قىسقىلا يىغىن ئاچتىم. يىغىندىن كېيىن ھەممىمىز جىددىي ھەرىكەتلەندۇق. مەن ئاكام بىلەن ئىككى ئىنىمنى، كەنت مۇدىرى تاغىسىنى ۋە ئىككى نەۋرە ئاكىسىنى چاقىردى. قالغانلارمۇ ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنى يىغدى. بىردەمدىلا كەنت ئىشخانىسىغا يىگىرمە نەچچە ئادەم يىغىلدى. يىغىلغانلار تاغار ۋە بوش ئۇن خالتىلىرىنى قولتۇقلاپ كېلىشكەنىدى. 

     ھەممىنى تىزىملاپ قويۇڭ،  دېدىم مەن بوغالتىرغا،  كىم قانچە تاغار، قانچە خالتا ئەكەلگەن بولسا شۇ بويىچە سانىنى تىزىملاڭ، ئىش تۈگىگەندە پۇلىنى بېرىمىز.

    مەن ئاكامنىڭ بىر چەتتە قۇرۇق قول تۇرغىنىنى كۆرۈپ سورىدىم:

     قېنى سېنىڭ تاغىرىڭ؟

    ھەدەڭ قەيەرگە قويۇۋېدىكىن...؟  دەپ باش تاتىلىدى ئۇ.

   سەنمۇ – زە!  دېدىم – دە، ئۇنىڭ ئۆيىگە يۈگۈردۇم.

     ھەدە، ھاي ھەدە!  توۋلىدىم مەن ئاكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپلا،  ئۆيدىكى خالتا، تاغارلاردىن ئەپچىقىپ بېرىڭ، تېز بولۇڭ.

     تاغارلارغا بۇغداي قاچىلاقلىق ئىدى.

     بۇغدايلىرىڭىزنى سۇپىغا تۆكۈپ قويۇپ، تاغىرىڭىزنى بېرىڭ، تېز، ھېلى بىكار توسمىنى يار ئېلىپ كېتىدۇ...

   مەن يەڭگەمنى ئالدىرىتىپ يۈرۈپ ئۈچ تاغار ۋە بىر نەچچە خالتا ئەپچىققۇززۇپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئارقا ھويلىدىن زىۋىرىكام چىقىپ:

     نېمە ئەنسىزچىلىك بۇ – ھە! بايا بىر قېتىم ۋارقىراپ – جارقىراپ ئادەمنى بىسەرەمجان قىلدىڭ، ئەمدى يەنە نېمە ۋار – ۋۇر، خۇددى ماۋۇ يامغۇرنىڭ ئەنسىزچىلىكى يەتمەيدىغاندەك!  دەپ قايناپلا كەتتى.

     خاپا بولما زىۋىركا، بىزمۇ شۇ يامغۇرنىڭ ئەنسىزچىلىكىدە، ھەممە ئادەم يۇقىرىساينىڭ توسمىسىغا ئاتلاندى...

     يوغان ئىش قىپسەن، ئادەمنى ئۇخلاتماي...

    زىۋىركام بىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك بىر مۇنچە غوتۇلدىغىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بايا ئاكامنى چاقىرىپ قويۇپ، ئىنىمنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىۋاتسام، ئۇ دەرۋازىسىنىڭ شادىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ: ‹‹جەددى – جەمەتىڭنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشمىسۇن دەپ چارلاپ يۈرەمسەن؟›› دەپ تەنە قىلغانىدى.

    مەن ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندە چۆپ – چۆپ بولۇپ كەتكەنىدىم. يامغۇردا ئىچ – ئىچىمگە تىترەك ئولىشاتتى. قالغانلارمۇ چاپانلىرىغا تۈگۈلۈۋېلىشقانىدى.

    توسما بار يەر مەھەللىدىن بىر كلومېتىرچە يىراقتا ئىدى. بىز ھايال بولمايلا ئۇ يەرگە باردۇق. بۇ چاغدا يۇقىرىساينىڭ سۈيى خېلىلا ئۇلغىيىپ قالغانىدى. بىز نېرى تەرەپتىن خالتىلارغا قۇم – شېغىللارنى ئۇسۇپ كېلىپ تاغارلارغا تۆكتۇق، تاغارلارنى توشقۇزۇپ، قىرغا تىزدۇق. ئارقىسىغا يەنە شېغىل تۆكتۇق. بۇ جەرياندا ھەممەيلەن سۇدىن سۈزۈۋالغاندەك بولۇپ كەتتى، قاراڭغۇ ۋە شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردا نەچچە مۆدۈرۈپ، نەچچە يىقىلىپ كىملەرنىڭدۇر پۇت – قوللىرى سۈرۈلدى، ماڭلايلىرى يېرىلدى، تېخى كەنت مۇدىرىنىڭ تاغىسىنىڭ پۇتى قايرىلىپ دەسسىيەلمەي قالدى. شۇنداق بولسىمۇ بىز توسمىنى ئاخىر ئېگىزلىتىپ ئۈلگۈردۇق.

   ئەتىسى سەھەردىلا ناھىيە ۋە يېزا رەھبەرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان مەھەللە، كەنتلەرنى تەكشۈرۈشكە كەلدى. بۇ چاغدا بىز ئەمدىلا مەھەللىگە قايتىپ كەلگەنىدۇق. باشلىقلار بىزنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى.
 شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە توسمىنى قايتا تەكشۈرۈشكە كېتىۋاتسام، زىۋىركام ئۇچراپ قالدى.

    خوش، قەھرىمان، دەنشىگە چىققانلار ئىچىدە ئەجەب بىزنىڭ تۇغقانلار كۆرۈنمەيدا؟  دەپ سورىدى ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ.

     نېمە ئۇ دەنشى دېگىنىڭ، زىۋىركا، تېلېۋىزور دېگىنە،  دېدىم ئۇنىڭغا تەنە قىلىپ، ئۇنى تېلېۋىزىيە ئستانسىسىدىكىلەر ئىشلىگەن، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ يوليۇرۇقىمۇ شۇنداق، كىم جاپا تارتقان بولسا، شۇنى تېلېۋىزورغا ئالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى كۈنكى يامغۇردا سېنىڭ تۇغقانلىرىڭ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان تۇرسا...

    شۇنداقمۇ، باھانەڭ كۆپقۇ سەن خەقنىڭ! رەھبەرلەر قانچىلىك قۇتقۇزۇش پۇلى ئېلىپ كەپتۇ؟ بۇنى بەرىبىر دېمەيسەن، بىزنى دەنشىگە چىقىرىشنى خالىمىغان ئادەم، پۇل بېرەمتىڭ! دەنشىدە ئىشلەيدىغانلار ‹‹بۇ يەردە زىۋىركامدەك كەمبىغەل دېھقانلار يوقمۇ؟›› دېمەي قالامتى، شۇلارغىمۇ دېمىگەن نېمە سەن! لېكىن بىلىپ قال، ھەرقانچە يوشۇرغىنىڭ بىلەن ھامان سورىقى بولىدۇ...!

    زىۋىركام بىر تاغار قارغاپ – قاقشاپ ئېتىزلىقىغا كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدىم. دېگەنلىرىگە تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە، تۇرۇپ كۈلگۈم كېلەتتى. ئەتىيازدا ھە – ھۇ بىلەن كەنتتىكىلەر يېرىنى تېرىپ بەردۇق، ئۇنىڭ يېرى ھەممە يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەرنىڭ كۆزى دېسەكمۇ بولىدۇ. بىراق يېرىگە ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا ئوغۇت بەرمەيدۇ، ھوسۇل ئالالمىسا ‹‹ئۈنۈمسىز يەرنى ماڭا بەرگەن! ›› دەپ بىزگە گۆلىيىدۇ. شۇنچىلىك ساۋاتسىزمىكىن دېسەك، ھېلىقى يىللاردا ئەترەتكە باشلىق بولغان ئىكەن، توۋا...

    شۇ كۈنى مەھەللىدىكىلەرنى يىغىپ توسمىنى باشقىدىن يەنە بىر پۇختىلىدۇق. لېكىن زىۋىركامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئۇ ئادەمنى بىرەر يەرگە كەتكەنمىدۇ ياكى ئاغرىپ يېتىپ قالغانمىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئەكسىچە ئەتىسى ئۆزى ئىشخانامدا پەيدا بولدى. بۇ كۈنى بىز كەنت مالىيىسىدىن پۇل ئاجرىتىپ، قايسى كۈنى ئىشلەتكەن تاغار ۋە خالتىلارغا پۇل تۆلەۋاتاتتۇق. زىۋىركام نەدىن ئۇققان، خۇددى ئادەمنى ئۇرىدىغاندەك دېۋەيلەپ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى.

   قانداق، كۆز بويامچى، قۇتقۇزۇش پۇلىنى قوينۇم ئوغرى – قونچۇم ئوغرى قىلغىنىڭ بىلەن، بىز بەرىبىر ئۇقۇپ قالىمىز جۇمۇ!  دېدى ئۇ ماڭا ۋارقىراپ،  رەھبەرلەر سېنىڭ، كەنت مۇدىرىنىڭ، يەنە ئاۋۇ بوغالتىرنىڭ تۇغقانلىرىغا تارقىتىڭلار دەپ ئەكەپتىما ئۇ پۇلنى! ياتلارغا، بىزدەك كەمبىغەللەرگە بىر پۇڭمۇ تەگمەپتا!

    نەدىكى قۇتقۇزۇش پۇلىكەن ئۇ، زىۋىركا، خەقنىڭ خالتا – تاغارلىرىنى توسمىغا ئىشلەتكەن، شۇنىڭ پۇلىنى تۆلەۋاتىمىز،  چۈشەندۈردۈم مەن.

     ۋاھ، ۋاھ...ھەممىسى ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىڭنىڭما! خەققە سېلىق سېلىپ يىغقان تاغارلارغۇ ئۇ!

     كىم شۇنداق دەيدۇ؟  مەن ئۇنىڭ كۆزىگە مىختەك قادالدىم،  نېمە دېسەم ئاقامدىكىن دېمە، ھېلىمۇ ئاز يۆلىمىدۇق سېنى، يەنە رازى بولمىساڭ، بۇ يەردە ۋالاقلاپ ئىشىمدىن قويماي، كوچىغا چىقىپ ۋالاقلا، ئاغزىڭ بىكار بولغاندىكىن، نېمە دېسەڭ بولۇۋېرىدۇ.

   مېنى شۇنداق قىلمايدۇ دەمسەن،  دېگىنىچە چىقىپ كەتتى ئۇ. ئۇنى چىقىرىۋېتىپ، ئاچچىقىمنى ئاران بېسىپ ئولتۇرسام ئاكام تىرناق تاتىلاپ كىرىپتۇ.

  ماڭا پۇل بەرمەيدىكەن- دېدى ئۇ.

    نېمىشقا؟

     خالتىلارنى تىزىملاتماپتىكەنسەن...

    شۇندىلا ھېلىقى كۈندىكى پاتپاراقچىلىقتا ئاكامنىڭ ئۆيىدىن ئەكەلگەن خالتا – تاغارلارنى تىزىملىتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى.

     بولدى ئاكا، سەن قايتىپ تۇرغىن، خالتاڭنى مەن ئۆزۈم تۆلەپ بېرىمەن، يەڭگەمگە شۇنداق دەپ جاۋاب قىلغىن.

    ئاكامنى شۇنداق دەپ يولغا سالدىم، لېكىن تۇرۇپلا ئۇنىڭ ياۋاشلىقىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. چۈشتىن كېيىن يەڭگەمگە پۇلنى بېرىۋېتەي دەپ ئۇلارنىڭ ئۆيى تەرەپكە ئۆتسەم ھويلىسىدا قىيا – چىيا بولۇۋېتىپتۇ. قارىسام زىۋىركام ئاكامنىڭ ھويلىسىدا ئۇنىڭ توخۇلىرىنى چالما – كېسەك قىلىپ قوغلاپ يۈرۈپتۇ. ئاكام بىر ياقتا قول قوۋۇشتۇرۇپ ئۈندىمەي تۇرۇپتۇ، يەڭگەم مىچىلداپ يىغلاۋېتىپتۇ.

    نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن، ھوي!  دەپ ۋارقىرىدىم مەن زىۋىركامنىڭ قولىغا ئېسىلىپ،  بۇ توخۇلار نېمە گۇناھ قىلدى؟

     ھويلامغا بويۇنداپ قاراۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش دېنىنى يەيدىغان بولغاندىكىن بۇ يەردە نېمە بار بۇ نېمىلەرگە، كەنتنىڭ ئىشخانىسىغا بارسۇن، دەپ قوغلاۋاتىمەن!  دەپ قولۇمنى سىلكىدى زىۋىركام.

     ئۇنداق تەتۈرلۈك قىلما زىۋىركا، ھەر قانچە ساراڭ بولساڭمۇ ئاق – قارىنى بىلىپ ساراڭ بول!

     نېمە؟ شۇجى تۇرۇپ ئادەم تىللامسەن؟ ئاڭلاپ قويۇڭلار خالايىق، شۇجى ئادەم تىللاۋاتىدۇ، كەمبىغەللەرنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ھۆكۈمەت يوقمۇ!...

    مەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالماقچى بولدۇم – يۇ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىم. ئاڭغىچە قولۇم – قوشنىلار كىرىپ زىۋىركامنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

    بىر كۈن چىۋىن يەۋالغاندەك يۈردۈم. كەچتە كەنت مۇدىرىنىڭمۇ زىۋىركامدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ياقامنى چىشلىدىم، توۋا، بۇنداق تەتۈرلەرگە نېمە دېگۈلۈك ...!

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ