باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
پارچىلار
2008- 07- 29 10:41 شىنجاڭ گېزىتى

 سالى ئىبراھىم خالس

ئادەمنىڭ بايلىقى ئادىمىي خىسلەت،
خسلەتتۇر ئادەمگە بىباھا سۈپەت.
ئادىمى خىسلەتتىن مەھرۇم بولغانلار
ھايۋاندىن پەرقسىز پەقەت ۋە پەقەت.
×     ×     ×
سۆيۈملۈك بولىسەن سۆيۈشنى بىلسەڭ،
سۆيگۈگە سادىق بوپ، كۆيۈشنى بىلسەڭ.
سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ مەنىلىك ياشا،
چىن سۆيگۈ قەدىرىنى ھەقىقي بىلسەڭ.

ئىنسانىي خىسلەتتۇر ھەقنى سۆزلىمەك،
ھەم يەنە ھەر ئىشتا ئەلنى كۆزلىمەك.
ئۆزىنى چىن ئىنسان دېگەن ھەر كىشى،
ئەل بىلەن تەقدىرداش بولمىقى كېرەك.
×     ×     ×
ئۆملۈكتۇر ئۇل تېشى زەپەر قۇچۇشنىڭ،
ھەم يەنە گۈللىنىپ رۇناق تېپىشنىڭ.
گەر ئەلدە بولمىسا ئۆملۈك  –  ئىناقلىق،
ئايىغى چىقمايدۇ ھىچقانداق ئىشنىڭ.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ