|
توختى قاسىم (خۇشال)
يەتمىش يىلدا چۆلنى قىلدىم لالىزار، ئاياغىمدا تىكەنلىرى خارۇ زار. مۈشكۈللىرى تاپىنىمدا يەنجىلىپ، توۋلىغىنىم كونا غەزەل يارۇ يار.
مەن زېمىننىڭ، زېمىن مېنىڭ نېسىۋەم، تېتىپ كەلدىم ئاچچىق – چۈچۈك تەمىنى. تۆككەن تەرلەر قاندۇرمىسا چاڭقاشنى، دېيىشەمتى ئاۋام كۈلۈپ، ئەر مېنى.
شېرىننى دەپ پەرھاد تاغنى تەشكەندەك، ۋۇجۇدۇمدا تاشقىنلايدۇ جاسارەت. ماڭمامدىمەن چىللاپ تۇرسا ئالدىمدا، جاپالارنى يېڭىپ دىلبەر ئادالەت.
سېزەر ئىدىم شەپىسىنى باھارنىڭ، سايرىغاندا ھۆپۆپ، كاككۇك مەلىدە. قالامدىمەن تا ئۆلگىچە دەرد تارتىپ، توزاڭنى دەپ يۈگۈرمىسەم بەيگىدە.
قېرىلىقىم قالدى نەدە بىلمىدىم، يۈگۈرىمەن بەيگىلەردە سوڭدىشىپ. ئارمىنىم يوق مەن خۇشالنىڭ، بىلسىڭىز، ئۆتەر يىللار ياشلار بىلەن قوغلىشىپ.
|