|
مارىگۈل تۇداخۇن
‹‹قەدىرلىكىم، بىر ئائىلىدە تۇرۇپ سىزگە خەت يازغىنىمدىن ئەجەبلەنمەڭ. يۈرەك سۆزۈمنى يەنىلا خەت ئارقىلىق دېيىشنى لايىق تاپتىم.
يازىدىغانلىرىڭىز تۈگىمەيدىكەنغۇ سىزنىڭ، كۈندۈزى يېزىپ بولالمىغان قانداق خەت ئۇ؟ ئادەمنى ئارامىدا ئۇخلىغىلى قويماي! دېدىڭىز تازا خەت يېزىۋاتقىنىمدا.
بۇ ئۆي، بالىلار لازىم ئەمەسمۇ سىزگە؟ بىر ئوبدان خىزمىتىڭىزنى ئىشلەۋەرمەي، مۇخبىرلىق قىلىمەن دەپ كوچىمۇ كوچا پالاقشىپ يۈرسىڭىز، خەق نېمە دەپ ئويلايدۇ؟ يا مەن سىزنى باقالمايۋاتامدىم؟ دېدىڭىز خاپا بولۇپ.
تاماق تېخى پىشمىدىما؟ ئىدارىڭىزدىكىلەر ئىشتىن چۈشكىلى نەۋاق، دېدىڭىز بىر ماقالىنى مەتبۇئاتقا يوللايمەن، دەپ ئۆيگە كېچىكىپ كەلگىنىمدە ھومىيىپ تۇرۇپ.
نېمە! بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىشكە بارىدىكەنمەن دەمسىز؟ بالىلار بىلەن قانداق قىلىمەن؟ كادىر خوتۇن ئالغانغا تويغۇزىدىغان ئوخشىمامسىز؟ دېدىڭىز ماڭا گۇمانىي تىكىلىپ.
بۇ گەپلىرىڭىزنىڭ كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بەرگەنلىكى، ئىچىمدە نېمىلەرنى ئويلىغىنىم ئۆزۈمگىلا ئايان. راست، بەزىدە ئاشنى ۋاقتىدا ئېتەلمىدىم، بەزىدە ئۇيقۇڭىزغا دەخلى قىلدىم، بەزىدە چۈشتە ئۆيگە قايتالمىغان، يەنە بەزىدە سىلەرگە بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلالمىغان چاغلىرىممۇ بولدى. بىراق ئائىلىدىكى مۇقەددەس بۇرچۇمنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارغىنىم يوق. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيدە بولالمىغان ۋاقىتلىرىمدا سىلەرنى ئىسسىقسىز قالغانمىدۇ؟ ئاخشىمى بالىلار ۋاقتىدا ئۇخلىغانمىدۇ؟ ئەتىگەندە ئويغىنالماي مەكتەپكە كېچىكىپ قالغانمىدۇ؟ تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇق ئىشلىگەنمىدۇ؟... دېگەنلەر كاللامدىن چىقمىدى.
مېنىڭ ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانا بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، ھەر تەرەپلىمە پىشقان ساپالىق، قابىلىيەتلىك ئايال بولغۇم بار. يازغان ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغاندا، سىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن دەقىقىدەك، تۇنجى ئانا بولغان چاغدىكىدەك ھاياجانغا، شادلىققا چۆمۈمەن. مېنىڭ توختىماي ئۆگەنگۈم، ئىزدەنگۈم، يېڭىلىق ياراتقۇم كېلىدۇ. جىسمىمدىكى بارلىق ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، قاشاڭلىق، راھەتپەرەسلىكتىن خالاس بولۇپ، ئەجرىمدىن يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى ياراتقۇم كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە يەنىلا سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا، ياردىمىڭىزگە، ئىشەنچىڭىزگە، مەدەت بېرىشىڭىزگە موھتاج بولىمەن. سىزنىڭ مەدىتىڭىز بولسىلا، كۆڭلۈمگە پۈككەن ئارزۇ – ئارمانلىرىمغا يېتەلمەيمەن.
بىر دانا <ئۆز جۈپتىنىڭ خۇشاللىقى ۋە شان – شەرىپىدىن ھەقىقىي پەخىرلىنەلەيدىغان ئادەم بەخت ئىشىكىنى ئاچالايدۇ> دېگەن ئىكەن. قەدىرلىكىم، ئارزۇ – ئارمانلىرىمغا ئورتاق بولۇشىڭىزنى، تويدىن ئاۋۋالقى ۋەدىلىرىڭىزنى ئۇنتۇماي، مېنى ئاخىرغىچە قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئايالىڭىزدىن››
|