|
مەسئۇد ئابدۇراخمان
ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقىنىمدا ئۈرۈمچىلىك بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئۇ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى باشقا يۇرتتىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىنى ‹‹ئۆي تامىقى سېغىنىپ قالغانسىلەر›› دەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلاتتى، بەزىدە ئۆيىدە قوندۇرۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇق – يورۇق، مەرد، ئاق كۆڭۈل بولغاچقىمۇ دوستلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نەشە چېكىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇ بەزىدە شۇلار بىلەن بىللە نەشە چېكىپمۇ قوياتتى. مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان يىلى ئۇنىڭ شۇ دوستلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچىسىنىڭ خروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم. بىز مەكتەپ پۈتكۈزۈپ يۇرتلىرىمىزغا قايتتۇق. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ شۇ ساۋاقدىشىمنىڭ خروئىننىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.
ئارىدىن نۇرغۇن يىل ئۆتتى. بۇ ئارىدا بىرقانچە تونۇشۇم، ساۋاقدىشىم شۇ زەھەر تۈپەيلى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. يېقىندا باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىمنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشتىم. ئۇ تۈگەپ كېتىشتىن بىر ئاي ئىلگىرى مەن ئۇنى كوچىدا ئۇچراتقانىدىم. شۇ چاغدا ئۇ بىر تېرە، بىر ئۇستىخانلا بولۇپ قالغان بولۇپ، ئالدىغا ئېڭىشىپ ئارانلا ماڭاتتى. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا پۇت – قولىنىڭ چاققانلىقى، شوخلۇقىغا قاراپ ئۇنى ‹‹خو يۈەنجا›› دەپ ئاتايتتۇق. ياشلىقنىڭ نەۋقىرانلىق پەيزىنى سۈرۈشكە تېگىشلىك يېشىدا ‹‹ئاق ئالۋاستى››نىڭ زەربىسىدە تېنى ئاجىزلاپ تىترەپلا قالغان بۇ ساۋاقدىشىم قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ، ئەينى چاغدىكى ساۋاقداشلارنى سورىغانىدى... ئەينى چاغلاردا بۇ ساۋاقدىشىمنىڭمۇ نۇرغۇن دوستلىرى بار ئىدى، ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىدىلا بىر قانچە دوستى بىلەن مەكتەپ ھاجەتخانىسىدا تاماكا چېكەتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ نەشىگە ئۆگەندى. كېيىن ئۇ دوستلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن خروئىنغا ئۆگىنىپ قاپتۇ، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ مېيىت نامىزىدا ئۇنىڭ ‹‹شېرىكلىرى››نىڭ بىرىنىمۇ كۆرمىدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈرمىدە، بەزىلىرى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئىدى.
بىزدە ‹‹ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بولار››، ‹‹دوستۇڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ تاپ›› دەيدىغان ھېكمەتلەر بار. ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق ‹‹دوست››لىرى بولمىسا، تەقدىرى باشقىچىرەك بولاتتىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارنى بەكمۇ ئۇلۇغ ئارزۇ – ئارمانلار بىلەن چوڭ قىلغانىدى، بىراق ئۇلار ياخشى – ياماننى پەرقلەندۈرگىدەك بولغىنىدا ‹‹جان – جىگەر دوستۇم››، ‹‹قەدىنىسىم›› دېگەن كىشىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى، ئۆزىنى نابۇت قىلدى، ئاتا – ئانىسى، قەۋم – قېرىنداشلىرىنى قان يىغلاتتى.
مەن دوستلۇق توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان:
‹‹بىر يىگىت باغچىنىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىدا يالغۇز ئولتۇراتتى. نېرىسىدا ئولتۇرغان بىر بوۋاي بۇرۇلۇپ يىگىتتىن سورىدى:
يىگىت، قانچە دوستۇڭ بار؟
ناھايىتى كۆپ، دېدى يىگىت.
ناھايىتى بەختلىك ئىكەنسەن، دوستۇڭ كۆپ ئىكەن بالام، لېكىن سەن دوستنىڭ تەبىرى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسەن؟ سورىدى بوۋاي.
يىگىت بۇنىڭغا ئۈندىيەلمىدى، بوۋاي يىگىتكە قاراپ:
دوست دېگەن سەن خالىغان چاغدا چاقىرىدىغان ئادەم ئەمەس، دوست دېگەن سەن دەرد – ئەلەمگە ئۇچرىغاندا يۆلىنىپ تۇرۇپ يىغلىۋالساڭ بولىدىغان مۈرە؛ دەرد – ئەلەملىرىڭنى قىلچە ھېيىقماستىن تۆكسەڭ بولىدىغان غار؛ ھاياجانلىرىڭنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغان غايەت زور دولقۇن؛ قاراڭغۇلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن تارتىۋالالايدىغان بىر جۈپ قول؛ ھەممە كىشى سېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ نامىڭنى توغرا ۋە جاراڭلىق چاقىرالايدىغان ئاۋاز؛ تېخىمۇ مۇھىمى، دوست مەزمۇت بىر تام، ئوتتەك قىزغىن بىر قەلب، چىن دوستنىڭ قەلبىدىن بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۆيگۈدىن بەھرىمەن بولالايمىز. ئەمدى دېگىنە، زادى قانچە دوستۇڭ بار ئىكەن؟ يىگىت بۇنى ئاڭلاپ چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆمدى...››.
ئەپسۇسكى، بىزدە ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىدىغانلار ئاز. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، بىر قىسىملار ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇ دوستلىرى بىلەن قانداق ئوينىغانلىقى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. توغرا، دوستنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشى ئىش، بىراق دوستلارنىڭ ھەممىسىنى چىن دوست دېيىشكە بولمايدۇ. شۇڭا دوستىمىزنىڭ كۆپلۈكىدىن ئەمەس، بەلكى ساغلام، توغرا نىيەتلىك، ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەن ھەقىقىي دوستلىرىمىزدىن سۆيۈنەيلى، دوستلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىز، خىزمىتىمىزدىكى ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنايلى.
|