|
(ھېكايە)
خالىدە ئىنايەت
ھەپتە ئاخىرى ، يېقىن دوستلار بىلەن يىغىلىپ ، قىزىق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق . گەپ ئارىلىقىدا بىر دوستىمىز تۇيۇقسىزلا :
— ‹‹توۋا ، دۇنيادا ئاجايىپ ۋاپاسىز پەرزەنتلەرمۇ بولىدىكەن ، ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ ، مېھر–مۇھەببىتى بىلەن قاتارغا قوشقان ئاتا–ئانىسى بىلەن كارى بولماي ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ ئەتىۋارلايدىكەن››،–دېدى .
بۇ دوستىمىزنىڭ ئۆزى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بىر ئىشقا قورسىقى كۆپكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندۇق . دوستىمىز ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ ، گەپ باشلىدى .
— ‹‹ ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى ئۆيدىكىلەر بىلەن بازار ئايلىنىپ ، «شاھانە» بالىلار كىيىم–كېچەكلىرى دۇكىنىغا كىرگەن ئىدۇق . بۇ دۇكاندا ئېرىمنىڭ بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق . شۇ ئارىلىقتا ئېرىمنىڭ بۇ دوستى 280 يۈەنگە بىر قۇر بالىلار كىيىمى سېتىۋېلىپ ، بىز بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى . مەن ئېرىمگە ‹‹بۇ دوستىڭىز بەك پۇلدارمۇ نېمە ؟ ئۈچ ياشلىق بالىسىغا شۇنچىلىك قىممەت كىيىمنى باھا تالىشىپمۇ قويماي سېتىۋالدى›› دېسەم ، ئېرىم مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ « پۇلىنى خەجلەيدىغان جاي تاپالماي قالغان بولسا كېرەك» دەپلا گەپنى تۈگەتتى . ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندە ، مەھەللىمىزدىكى بىر ئامبولاتورىيىگە ئاسما ئاستۇرغىلى كىرىپ ، ئۇ يەردە ئېرىمنىڭ ھېلىقى دوستىنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم . ئۇ چوڭ ئاپىمىزنىڭ چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ ، ھالسىرىغىنىدىن تىنىقى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ . قارىماققا كېسىلى خېلىلا ئېغىردەك قىلاتتى. بۇ ئايال دوختۇرغا دورا يېزىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسا كېرەك . دوختۇر ئۇنىڭغا ‹‹ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىرى دورا ئىچكەنگە ساقايمايدۇ . ياتاقتا يېتىپ ۋاقتىدا داۋالانمىسىلىرى پالەچ بولۇپ قېلىشلىرى مۇمكىن !›› دېسە ، ئۇ ئايال ‹‹ئۇنداق قىلماي دورا يېزىپ بەرسىلە دوختۇر ، يانچۇقۇمدا بار پۇل مۇشۇنچىلىك ئىكەن ، دورا ئىچىپ ساقىيىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس›› دېدى . دوختۇرنىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى بولغاي ، قوپالراق ئاھاڭدا «نىمانداق جانلىرىغا ئىچلىرى ئاغرىمايدۇ سىلىنىڭ ؟ دورا بىلەن ساقايتقىلى بولسا ، مەن سىلىگە ئاللىقاچان دورا يېزىپ بەرگەن بولاتتىم ، چوقۇم بالنېستتا ياتمىسىلىرى بولمايدۇ ! سىلىگە پۇل مۇھىممۇ ، سالامەتلىكلىرىمۇ ؟ سىلىنىڭ بالا–چاقىلىرى ياكى ئۇرۇق–تۇغقانلىرى باردۇر ؟ » دەپ سۆزلەپلا كەتتى . دوختۇرنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئۇ ئايال يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى .
—‹‹ئېرىم رەھمەتلىك ئۇ دۇنياغا كەتكىلى بەش يىل بولدى . ئىككى ئوغلۇم بار ئىدى ، ئۆيلۈك–ئوچاقلىق بولۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئىككىدىن بالىسى بار ، ئۇلار بالىلىرىنى باقمىسا بولمايدۇ!›› .
—‹‹ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ئۇلارنىڭ سىلىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى يوقمىكەن ؟ سىلى كېسەل بولۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالسىلىرىمۇ بىرەر بالىلىرى بىللە ھەمراھ بولۇپ كەلمەپتۇ . بۇمۇ ئىشمۇ ؟››
—‹‹ مەنغۇ بالىلىرىمنى يالغۇز جېنىم بىلەن مىڭبىر جاپادا قاتارغا قوشقان ئىدىم ، قېرىغىنىمدا جېنىمغا ئەسقاتارمىكىن دەپتىكەنمەن . بىراق ، پىشانەم تەتۈر چېغى ئۇلار ئۆيلۈك–ئوچاقلىق بولۇۋېلىپلا مېنى تاشلىۋەتتى . خوش ياقسا 4–5 ئايدا بىرەر قېتىم كېلىپ كېتىدۇ ، بولمىسا يوق! ››
—‹‹ئۇنداقتا ، ئۆزلىرى نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزىۋاتىلا ؟ ››
—‹‹ كوچىدا نان سېتىپ ، بىكار بولسام باشقىلارنىڭ كىر–قاتلىرىنى يۇيۇپ جېنىمنى جان ئېتىۋاتىمەن . نەچچە كۈندىن بېرى ، سوغۇق تېگىپ قالغان بولسا كېرەك ، ھېچ ھالىم يوق ، ئۆيدە بىر ھەپتە مىدىرلىماي ياتتىم . ئاخىرى بولماي يانلىرىغا كىرىشىم . ئولتۇرىۋاتقان ئۆيۈمنىڭ ئىجارە ۋاقتىمۇ توشۇپتىكەن ، شۇنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قولۇمدا ئاشقىنى مۇشۇ ئون نەچچە سوم ئىدى ، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن ؟››
—‹‹ھۆكۈمەت تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بەرمەمدۇ ؟ ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىمۇ يولغا قويدىغۇ ؟››
—‹‹نەدىكەن ماڭا ئۇنداق ئامەت ؟ ئاڭلىسام ئىككى ئوغلۇم تىجارەتچى بولغانلىقتىن شەرتىم توشماپتىمىش! ›› .
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويدى . ھەممىمىز بۇ بىچارە ئانىغا ئىچ ئاغرىتىشىپ ، ئۇنىڭ ۋاپاسىز ، كۆيۈمسىز بالىلىرىنى ئەيىبلەشتۇق . بۇ چاغدا مېنىڭ كۆز ئالدىمغا بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن مەيدىسىنى كېرىپ ، 280 يۈەنگە بالىسىغا كىيىم سېتىۋالغان ھېلىقى سۆلەتۋاز ئادەمنىڭ يەنى كۆز ئالدىمدىكى بۇ بىچارە ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ سىماسى پەيدا بولغان بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى›› .
دوستۇمنىڭ سۆزى تۈگىدى . بىز بىر تەرەپتىن بۇ بىچارە ئانىغا ئىچىمىزنى ئاغرىتساق ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا–ئانىسىنىڭ جاپاسىنى ئۇنۇتقان ئاشۇ ۋاپاسىز بالىلارغا نەپرەتلىنىپ ، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇق .
شۇنداق ، ئەتراپىمىزدا ئۆز ئاتا–ئانىلىرىنى خارلىغان ، تاشلىۋەتكەن ، قاقشاتقان ، خانىۋەيران قىلىۋەتكەن «بالا»لار يوق ئەمەس . يەنە ئاتا–ئانىسىغا بۇ دۇنيانىڭ راھەت ۋە مەئىشەتلىرىنى تېتىتىۋاتقان ، ئاتا–ئانىسىغا پەرزەنتلىك ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزۈۋاتقان ئىنسابلىق پەرزەنتلەرمۇ ئاز ئەمەس . نېمە ئۈچۈن ئۆز نەسەبىمىزگە ، غورۇرىمىزغا ، ئۆرپ–ئادەت ۋە ئەخلاق–پەزىلىتىمىزگە زادىلا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ۋاپادارلىق ، مېھرىبانلىق ، كۆيۈمچانلىقنى ئۇنۇتقان ، ئەقەللىي ئادىمىگەرچىلىكنىمۇ بىلمەيدىغان ، ئەقەللىي مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلمايدىغان بالىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىزغا قىلىپ بېرەلىگەننى ئاتا–ئانىمىزغا قىلىپ بېرەلمەيمىز ؟ بىر ئاتا ، بىر ئانا نەچچە بالىنى ھېچكىمگە يېلىندۇرماي بېقىپ ، قاتارغا قوشالايدۇ–يۇ ، نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە بالا بىر ئاتا–ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايمىز ؟ بۈگۈنكى پەرزەنتنىڭ ئەتىكى ئاتا–ئانا ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان ، بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم ، ھازىر سىز ئاتا–ئانىڭىزنى رازى قىلسىڭىز ، كېيىن بالىلىرىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق رازى قىلىشى ، ناۋادا سىز ئاتا–ئانىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز ، ئاخىرقى ھېسابتا بالىلىرىڭىزمۇ سىزنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن . چۈنكى بىزدە‹‹نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن›› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟
ئاتا–ئانا يېقىلماس ۋە تەۋرەنمەس ئۇلۇغ تاغ ، ئۇلار بار يەردە پەقەت جەننەتنىڭ راھىتىلا بار . ئاتا- ئانا پەرزەنتلەر ئەركىن يايلايدىغان بىپايان يايلاق ، ئۇ ۋاپادارلىق ، مېھرىبانلىق ، كۆيۈمچانلىقنىڭ مەڭگۈلۈك ۋەكىلى ۋە يېقىلماس ھەيكىلى . دوستلار ، ھەممىمىز ئاتا–ئانىلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى ، ئاسرايلى ، كۆڭلىنى ئالايلى ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايلى ، مۇڭداش بولايلى ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ئارامبەخش شارائىت يارىتىپ بېرەيلى . پەقەت شۇنداق قىلالىساقلا ، بىز ئاندىن ھەقىقى بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئاددىي ھەم چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالىغان بولىمىز ، ئاندىن يەتتە قېتىم ھەرەمگە يۈدۈپ ئېلىپ بارغاندىنمۇ كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشەلەيمىز . سەمىمىزدە بولسۇنكى ، بازاردىن بىزگە كېرەكلىك نۇرغۇن نەرسىنى سېتىۋالالىساقمۇ ، ئاتا–ئانىنى ۋە ئۇلارنىڭ مېھرىنى سېتىۋالالمايمىز ، كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىمىزگە دۈشمەن بولۇپ قالمىسۇن . ئاتا–ئانىلارنى قەدىرلەيلى !
ئاپتور: (قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتى سىياسىي بۆلۈمدە)
|