|
ئەخمەتجان ھەسەن
ۋەتەن چىن سۆيگۈنۈم دىلدىن، ئاڭا ئىشقىم گويا گۈلخان، شۇڭا ئوتلۇق يۈرىكىمدىن كۈيۈم مىسرالىرى ۋولقان. ۋەتەننى بىر ئۆمۈر سۆيمەك ئۇنىڭ پەرزەنتىگە پەرزدۇر، ئورۇنلايمەن شۇ پەرزىمنى بولۇپ لەۋزى ھالال ئوغلان. جاھان بىر زەر ئۈزۈك بولسا ۋەتەندۇر دەل ئۇنىڭ كۆزى، ئېكىنزار ۋادىلار پۈتكۈل ئېرەم باغ، ياپيېشىل ئورمان. شىپادۇر ھەر گىياھى، بىباھا چىمدىم تۇپا – خاكى، تېغى گۆھەر، تېشى مەر – مەر، دېمەك بايلىققا كان ھەريان. كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلغان بېھىش يەڭلىغ گۈلىستاندا تىلىدىن بال تۆكۈپ بۇلبۇل ناۋا ئەيلەر ئۇرۇپ خەندان. زېمىنغا ئاي بىلەن يۇلتۇز تەبەسسۇم ئەيلىسە سىرلىق، قۇياشنىڭ زەر نۇرىدىن يېپيېڭى تۈسكە كىرەر ئاسمان. بېرىپ ئاق سۈت بۇ جىسمىمغا مېھىر – شەپقەت بىلەن باققاچ، ئۇنىڭ مېھرى گويا ئاقتى ۋۇجۇدۇمدا بولۇپ ساپ قان. ۋەتەن بەختى مېنىڭ بەختىم، چىگىلگەن رىشتىمىز مەھكەم، ۋەتەن كۈلگەچكە مەن كۈلدۈم، كۈلۈشكە بەردى كەڭ ئىمكان. ۋەتەن سۆيمەك ئۇلۇغ ئەجداد مىراس قىلغان ئېسىل روھتۇر، ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ كەلگەچ ئاۋام يۈكسەك روناق تاپقان. تۇغۇلغان ئانىجان يۇرتنى بۈيۈكتۇر تۇتىيا بىلمەك، شۇ يۇرتنى سۆيمىسە كىمكى سوراقلايدۇ ئۇنى ۋىجدان. دېمەك ئۆز يۇرتىنى ھەركىم پەخىرلىك ئىلكىدە سۆيسە، ئۆمۈرۋايەت تېپىپ قۇدرەت قۇچار ئىشلىرىدا قۇت – شان. ۋەتەننى ھەر قاچان گۈللەش ئۇلۇغ خەلقىم ئۈمىدىدۇر، ئۈمىد بىرلە تىرىشقانلار جىمى جايدا روناق تاپقان. ۋەتەننىڭ شۆھرىتى شانى، بۈيۈكلۈك قىسسىسى، شەنى، ئادا بولمايدۇ مەدھىيىلەپ يېزىلسا بىھېساپ داستان.
|