باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
يول
2008- 07- 21 12:01 شىنجاڭ گېزىتى

  زوردۇن ئىمىر

يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتىشىدۇ يول،
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە ئۈتىشىدۇ يول.
سېلىپ چىڭ دوست – بىرلىك ئاساسىغا ئۇل،
قەلبلەر رىشتىنى چىڭىتىدۇ يول.

ئاقىللار ئۆز ئارا بېرىشىدۇ يول،
بۇ مەرتنىڭ مەنزىلگە يېتىشىدۇر يول.
يول ئاچار يول دېگەن ئىزدىگەنلەرگە،
دەرماننىڭ ئارمانغا يېتىشىدۇر يول.

ئىشچاننىڭ ئەل – يۇرتنى گۈللىشىدۇر يول،
كارۋاننىڭ مەنزىلنى كۆزلىشىدۇر يول.
يول بىلەن يېتىمىز دېمەك پەللىگە،
باتۇرنىڭ يۈكسەككە ئۆرلىشىدۇر يول.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ