باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
قۇنىكامنىڭ كېۋىزى
2008- 07- 21 11:57 شىنجاڭ گېزىتى

  (ھېكايە) 

ئۆركەش جاپپار

   ئەتىيازنىڭ ئىللىق، يېقىشلىق ئاپتىپى كەنت كومىتېتىنىڭ باراڭلىق ھويلىسىنى ئىللىتىپ تۇراتتى. باراڭغا يېڭىلا ئېلىنغان ئۈزۈم تاللىرى تېخى  يوپۇرماق چىقارمىغاچ، باراڭ ئاستى سايىسىز ئىدى. دېھقانلار داق يەردە  ھەر قىسما ئولتۇرۇشاتتى. كەنت مۇدىرى ئاغزىنى مىكروفونغا يېقىن تۇتۇۋېلىپ زىرائەت پەرۋىشى ھەققىدىكى قايسىبىر مۇھىم ھۆججەتنى ئوقۇماقتا ئىدى. كەنت مۇدىرىنىڭ يېنىدا ناھىيىدىن كەلگەن تېخنىك سەمەتجان ئولتۇراتتى.

   يېنىمدا ئولتۇرغان قۇنىكامنى جەينەكلەپ، بوش شىۋىرلىدىم:

  ––– قۇنىكا، خورەكلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ، بۇخاراغا كەتتىلىما؟

  ––– ياقەي، مەن ئۇخلىمىدىم، –– دەپ كۈلدى قۇنىكام گۈرۈچتەك ئاق، ئۇششاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجىيىپ، –– ئاپتاپ خۇشيېقىپ مۈگدەپ قويدۇم شۇ.

  ––– قۇنىكا، ئاۋۇ مەخىتاخۇننىڭ سمېنتال كالىسى قوشكېزەك موزايلاپتۇ، ئاڭلىدىلىمۇ؟

  ––– ھېلىقى يېزا مالىيىسىدىن ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرگەن كالىما؟

  ––– ھە شۇ، مەخىتاخۇننىڭ دادىسىدىن ھېيتلىق ئالغان كىچىك بالىدەك ھىجىيىپلا يۈرگىنىنىڭ سەۋەبى شۇ.

  ––– خۇيمۇ ئوبدان ئىش بوپتۇ. خۇدايىم بېرىپتۇ مەخىتاخۇنغا. مالىيە ياردىمى ئارقىلىق يۆلەيمىز، تېخنىكا ئارقىلىق يۆلەيمىز دېسە، چىنپۈتمىدىڭىز ئۆزىڭىز. بېقىپ ئاينىتىۋال دەپ ساغلىق ئېلىپ بەرسە، گالنى ياغلىۋېلىپلا قاراپ ئولتۇرمىغان بولسىڭىز، بۇ چاققىچە ئىككى ساغلىق تۆت بولار بولغىيتى مانا.

   گەپ قىلغىنىمغا زۇۋانىمغىچە تويدۇم. ‹‹ھەجەپ دەۋالدى ماۋۇ قۇناخۇن قۇمىلاق، خۇددى ساغلىقنى ئۆزى ئېلىپ بەرگەندەك. ئەجەپ قاتتىق گەپ قىلدىيا ئادەمگە...››

   كەنت  مۇدىرى ئۇنى سەنلەپ، بۇنى سىزلەپ يۈرۈپ دىققەتنى يىغدى.  دېھقانلار ئۇنىڭ ئاغزىنى بۇزۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ، تىك ئولتۇرۇپ قۇلاق سالدى:

   ––– ماۋۇ سەمەتجان سىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، –– كەنت  مۇدىرى يېنىدىكى يىگىتكە مەغرۇر قاراپ قويدى، –– ئۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كەنتىمىزگە نۇقتىدا تۇرۇپ چېنىقىشقا كەلگەن. ئۇنىڭ تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسى كېۋەز ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشىمىزغا ئەمەلىي نەپ بەرگەن. شۇنداقمۇ قۇنىكا؟

   ––– شۇنداق، سەمەتجان يېرىمىزنىڭ خۇي – پەيلىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭ دورىسى بىلەن مېنىڭ كېۋىزىمنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 50 كىلوگرام ئېشىپ كەتكەن ...

   ––– گەپ ئۇنىڭدا ئەمەس، قۇنىكامنىڭ ئوغۇتى ياخشى، –– دېدى  كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا يارمىغان كۆتەكتەك ئولتۇرغان ئىبراھىم داڭقان گەپكە لوقما سېلىپ.  كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.

   ––– دىققەت يولداشلار، دىققەت! بۇ قېتىم سەمەتجان كەنتىمىزدە كېۋەزلىكتە مۇزىكا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش سىنىقى قىلماقچى. بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلىپ بېرىدىغان ئىشىمىز...

   ––– كېۋەزلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ بېرەمدۇق؟–– ئىبراھىم داڭقان يەنە گەپكە لوقما سېلىپ ئۈنلۈك توۋلىدى. يىغىن تەرتىپى يەنە بۇزۇلدى. ئەزالار ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىلەردەك غوڭشۇپ كەتتى.

   ––– ئۈچ پەدىگە ئوينامدۇق ياكى نازىركومغىمۇ؟ –– توپنىڭ ئالدىدىراق ئولتۇرغان ھاشىم ساراڭ مايماق شىلەپىسىنى قولىغا ئېلىپ، بوينىنى غازدەك سوزدى.

   ––– ھاشىماخۇن خالىساڭلا پىرە ئوينىساڭلىمۇ مەيلى، ھا ھا ھا، –– كەنت باشلىقى قاملاشتۇرۇپ قىلغان چاقچىقىدىن سۆيۈنگەندەك مىكروفوننىڭ بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ قويدى، –– سەمەتجاننىڭ سىناق قىلىشىغا قوشۇلىدىغانلار يىغىندىن كېيىن كەنت ئىشخانىسىغا كىرىپ تىزىملىتىڭلار، سىلەردىن جىق دەسمايە كەتمەيدۇ، بىر ياڭراتقۇ بىلەن ئۈنئالغۇ ياكىVCD بولسىلا بولىدۇ...

   بۇ قېتىم ھېچكىم چاقچاق قىلمىدى. لېكىن كۆپچىلىك چۈشەنمىگەندەك نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ، غودۇڭشۇپ تارقىلىشقا باشلىدى. پەقەت قۇنىكاملا سەمەتجانغا ئەگىشىپ كەنت ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

      *             *                *

   كەنت غول ئۆستىڭىنىڭ ئېچىق بېشىدا بېتون كۆۋرۈك بار ئىدى. بېتون كۆۋرۈكنى قېرى ئۈجمىنىڭ سايىسى تولۇق ياپاتتى. كەنت ئاھالىلەر رايونىدىن ئېتىزلىققا بارىدىغان يولنى ئېچىق بېشىدىكى مۇشۇ بېتون كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇپ تۇرغاچ، بۇ يەر ئۆتكەن – كەچكەنلەرنىڭ سالاملىشىپ، ئەسرارلىشىدىغان سورۇنى ئىدى. ئۈجمىنىڭ غول شاخلىرىغا مايمۇندەك مىنگىشىۋېلىپ ئۈجمە يەۋاتقان بالىلارغا ‹‹ئاۋۇ شاخنى قايرى، ماۋۇ شاخنى ئىرغىت›› دەپ، يەرگە چۈشكەن ئۈجمىلەرنى تېرىپ يەپ تۇرسام، قۇنىكام ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئېتىز تەرەپتىن كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ ھارۋىسىدا VCD  بىلەن يوغان ياڭراتقۇ ساندۇقى تۇراتتى.

   ––– ئوبدان تۇردىلىمۇ قۇنىكا، ئەتىگەندە كېۋەزلىرىنى ئۇسسۇلغا سېلىپ كەلگەن ئوخشىماملا؟ ––– دېدىم قولۇمدىكى ئۈجمىنى ئاغزىمغا سېلىپ.

   ––– ئوبدان تۇردۇم ئۇكام، ئۆزىڭىزمۇ ئوبدان تۇرۇپسىز مانا، –– چىرايىدىن سەل خاپىغان ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان قۇنىكام ئېشەكنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، ھارۋىدىن چۈشتى، –– تۆت تال توڭ ئۈجمىگە گول بولۇپ، ئېچىق بېشىنى بېقىپ ياتقىچە، كېۋەزلىكىڭىزنى يوقلاپ كەلسىڭىز بولمامدۇ جېنىم ئۇكام. ئېتىزلىرىڭىزنى ئوت بېسىپ كېتىپتۇ، ئەتە – ئۆگۈن شاخ پۇتايدىغان گەپ، ئىش قاپسىلىپ قالسا يېتىشىپ بولماق تەس...

   ––– ئا... قۇنىكا، ئەتىگەندە قاينىماي ئۈجمە يېسىلە، –– قولۇمدىكى بىر چاڭگال ئۈجمىنى ئۇزاتتىم، –– ئۆلەپ كېتىدىغان جان بۇ، ئىش دېگەننى قىلىپ تۈگەتكىلى بولامتىكى.

  ––– مېنىڭ كېۋىزىمنى كۆرۈپ باقمىدىڭىز ئۇكام، خويمۇ بۇلۇق ئۆسۈۋاتىدۇ. ئۆتكەندە سەمەتجان سىزگە شۇنداق يالۋۇردى، كەنتنىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇسىنى ئېلىپ بېرەي، ئەتىگەندە ئىككى سائەت، چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت  كېۋەزلىككە بېرىپ مۇزىكا قويۇپ بېرىشكە كېپىللىك قىلسىڭىزلا بولىدۇ دېسە، يەل قوڭلۇق قىلىپ ئۇنىمىدىڭىز. بېرىپ قاراپ بېقىڭە، مېنىڭ كېۋىزىم بەلگە كەلدى ئۆسۈپ، سىزنىڭ كېۋەزلىرىڭىز تىزغا يەتمەپتۇ تېخى، –– قۇنىكام ئۈجمىدىن بىر نەچچە تالنى كاپ ئەتكەندىن كېيىن، –– ھەجەپ شېرىن   پىشىپتۇ بۇ ئۈجمە،  –– دەپ ھېجايدى.

     *             *                *

   ئاۋغۇستنىڭ باشلىرى ئىدى. ئاشۋاقتى بولماي تۇرۇپلا قىزىپ كەتكەن چوغدەك قۇياش ئېتىز – قىرلارنى ئوتتا تاۋلىماقچى بولغاندەك كۆيدۈرۈپ تۇراتتى. ئەتىگەن ئېلىۋالغان چىلگە قوغۇن بىلەن بىر گىردىنى يەپ بولۇپ،  باغقا كىرىپ، ئۆرۈك سايىسىدا ياتتىم. لېكىن نىمىشقىدۇر ئۇيقۇم كەلمەيتتى. يىراقتىن تولىمۇ مۇڭلۇق مۇقام مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ‹‹قۇنىكامنىڭ كېۋەز ئۆستۈرۈش مۇزىكىسىكەندە›› دەپ ئويلاپ، بىردەم تىڭشاپ ياتتىم. ساتار بىلەن ئورۇنلانغان مۇقام مۇزىكىسى تۈگەپ، ئەتراپنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. يەنە بىر دەمدىن كېيىن تەمبۇر بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا باشلاندى. بۇ مۇزىكىلار ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئاخىر بولماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كەتمەننى دولامغا سالدىم – دە، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئاياغ تەرەپتىكى ئېتىزلىققا ––– قۇنىكامنىڭ كېۋەزلىكىگە قاراپ ماڭدىم.

   قۇنىكامنىڭ كېۋەزلىكى مېنىڭ يېرىمنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە  ––– تاشلاندۇق تۈگمەننىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى. ۋادەك تاملىرىنى مۇخ ۋە يۆگىمەچلەر قاپلاپ كەتكەن تاشلاندۇق تۈگمەننىڭ يېنىغا كەلگىنىمدە مۇزىكا تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاندى. بايىدىن بېرى ئىسسىقتا ئېزىلىپ، ئىش خۇشياقماس بولۇپ قالغان بولساممۇ، مۇزىكىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك بولدۇم. شاخاراپ ئېگىز ئۆسكەن كېۋەزلىكتە قۇنىكام كۆزۈمگە پاكارلاپ قالغاندەك كۆرۈندى.

   ––– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇنىكا، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟

   ––– ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى ئۇكام، ئۆزىڭىزمۇ سالامەت تۇرغانسىز؟–– قۇنىكام ئالدىمغا كېلىپ قول ئۇزاتتى، كەتمەننى قىرغا قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قوش قوللاپ كۆرۈشتۈم. ياڭراتقۇدىن كېۋەزلىككە تاراۋاتقان تەمبۇر مۇزىكىسى بىر چاغدا شەھەردىكى تىياتىرخانىدا ئاڭلىغان مۇزىكىنى ئېسىمگە سالدى.

   ––– كېۋەز مايسىسىغا مۇزىكا چېلىپ بەرسە راستلا تېز ئۆسەمدۇ نېمە قۇنىكا، كېۋەزلىرى ساقالغا تاقاشقىدەك بوپتۇ مانا...

   قۇنىكام قولىدىكى بىر تۇتام ئوتنى قىر، ھارۋا شوتىسىغا باغلاقلىق تۇرغان سۈر ئېشەكنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئالدىرىماي جاۋاب بەردى:

   ––– راست گەپنى قىلسام ئۇكام، سەمەتجاننىڭ ھۈنىرى قالتىسكەن،كىتاب ئوقۇغان ئادەم بۆلەكچە بولىدىكەن. ئۇنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، بوپتىلا، مۇشۇ بالىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ باقاي، ناھايىتى كەتسە ئازراق توك پۇلى كېتىدىكەنغۇ دەپ، مۇزىكا چېلىشقا باشلىغانتىم، مانا مېنىڭ كېۋەزلىرىم كەنت بويىچە ھەممىدىن بەك ئوخشىدى...

   ––– مەنمۇ قاراپلا بىلدىم قۇنىكا، مۇشتۇمدەك غوزىلاپتۇ كېۋەزلىرى، ئەتىيازدا سەمەتجاننىڭ گېپىگە كىرىپ،  مەنمۇ مۇزىكا چالسام بوپتىكەن، –– دېدىم خىجالەتچىكىمنى تەن ئېلىپ.

   ––– لايغەزەللىكنى تاشلاڭ ئۇكام، سىز ياش ھەم تېمەن، ھەممە ئىشنى قىلالايسىز. مەن مۇنداق زەڭ سالسام، كېۋەزگە ساز چېلىپ بەرگەن بىلەنلا كېۋەزلەر ئۆسۈپ قالمايدىكەن، شۇ سازنى ئاڭلىغاچ بىلىپ، بىلمەي قولىڭىز ئىشقا كېتىپ قالىدىكەن، ھېلى كېۋەرنىڭ ئوتىنى ئوتايدىكەنسىز، ھېلى تۈۋىنى يۇمشىتىكەنسىز، ئىشقىلىپ، ساز ئاڭلاپ ئىشلىسىڭىز ھارغىنىڭىزنى بىلمەيلا، بىر تالاي ئىش قىلىۋېتىدىكەنىسىز...

   شۇ تاپتا قۇنىكامنىڭ ئاپتاپتا قارايغان دۈپدۈگىلەك يۈزى كۆزۈمگە ئاسماندىكى قۇياشتەك نۇرلۇق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ، ئاق ئارىلاشقان ساقىلى ئارىسىدىن گۈرۈچتەك ئاپئاق، ئۇششاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. مەن  شۇندىلا سەمەتجاننىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم...

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ