باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
غەزەللەر
2008- 07- 21 11:56 شىنجاڭ گېزىتى

  ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى

  1

ھۆرمىتىم، بەختىمنى سەن قىلدىڭ تەۋەللۇت ئەمگىكىم،
سەن بىلەن بولدۇم ھايات قەۋمىدە مەۋجۇت، ئەمگىكىم.

ياشلىقىم تاپتى ۋىسال، يىغدىم ئىجادتىن شىرنە – بال،
ئەيلىدىڭ ئۆمرۈمنى ھۆر ئىقبالغا مەھبۇب، ئەمگىكىم.

ئارزۇيۇم ئاچتى چېچەك، نۇرلاندى قەلبىم سۈبھىدەك،
يەشمىگەچ بەلدىن كەمەر باسقاندىمۇ جۇت، ئەمگىكىم.

ئۆرلىدىم ئىقبالسېرى، كۈلدى ھاياتىم مەنزىلى،
ئۇلغىيىپ ئىشقىڭ بىلەن قەلبىمدە بىر ئوت، ئەمگىكىم.

سەن ماڭا بولغاچقا يار، ئۆتمەس ھاياتىم خارۇزار،
ئىزلىرىم ئۆچمەس ئەبەد، بەردىڭ ماڭا قۇت ئەمگىكىم.

   2

ھۆرمىتىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر بىر ئەزىم دەريا يېزام،
ھۆر كەبى ھۆسنىڭگە پاك دىل بىر ئۆمۈر شەيدا يېزام.

كۆز ئېچىپ باغرىڭدا ئۆستۈم شەپقىتىڭ – مېھرىڭ بىلەن،
بولدى بۇ جىسمىمدا سۆيگۈ ھەم غۇرۇر پەيدا يېزام.

تەر تۆكۈپ بەختىمنى تاپتىم، تۇپرىقىڭ قىلدى ئەزىز،
خىسلىتىڭ ئۆمرۈمگە راستىن قوشتى بىر مەنا، يېزام.

گۈللىدى ئارمانلىرىممۇ ياشلىقىم تاپتى روناق،
مەن شۇڭا قوينۇڭنى دەيمەن مەردكە كەڭ سەينا يېزام.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ