|
ئادىل ئابدۇراخمان
‹‹كېچىكىش››كە مۇجەسسەملىگەن مەنە تولىمۇ چوڭقۇر، ئاقىۋىتى تولىمۇ خەتەرلىك. بىر پەيلاسوپ:‹‹دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان، بىز ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئەقلى – ھوشىمىزنى تاپقان ۋاقىتتا تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز›› دېگەنىكەن. ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق، بىراق بىز دائىم ‹‹ۋاقتىم قىس، سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس...›› دېگەندەك باھانىلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، شان – شەرەپ ۋە تۆھپىنى ۋاقىتنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتالايدىغان، ئۈمىدۋارلىق ۋە تىرىشچانلىقنى سۇنماس قانات قىلغان غالىبلىق ساھىبلىرىغا تارتقۇزۇپ قويىمىز.
مەلۇم بىر مەكتەپتىكى بىر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇزاق يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە پەن تەتقىقاتى جەريانىدا فىزىكا پېنىدىكى مەلۇم بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ۋە فورمىلانى بايقاپتۇ، قايتا – قايتا سىناقتىن ئۆتكۈزۈپتۇ. بىراق دەرھال رەتلەپ چىقىپ مەتبۇئاتقا سۇنماي، مەغرۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ يۈرۈپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي مەلۇم بىر ژۇرنالدا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەزكۇر تېمىسىغا ئوخشاش تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئەمگەك مېۋىسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپتۇ. مانا بۇ كېچىكىش!
بۇنىڭدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن بىر كەشپىياتچى ئۆزى كەشىپ قىلغان تېلېفوننى پاتېنت ئىدارىسىگە ئېلىپ بارغاندا، بىر سائەت بۇرۇن باشقا بىرەيلەننىڭ تېلېفون كەشپىياتىنى پاتېنت ئىدارىسىگە يوللاپ بولغانلىقىنى بىلگەن. بىر سائەتلىك كېچىكىش ئۈچ يىللىق ئىزدىنىشنىڭ مېۋىسىنى كېرەكسىز قىلغان. مانا بۇ كېچىكىش!
كېچىكىشنىڭ ئاچچىق ساۋىقى مەندىمۇ بار. يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك توڭلاتقۇ سېتىۋېلىشقا قادىر بولالماسلىق مەسىلىسىنى ئويلىنىپ، يەرلىك ئۇسۇلدا ساپال ئارقىلىق توكسىز توڭلاتقۇ ياساشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. لېكىن كىم بىلسۇن، مەن بۇ ئىشقا قول تىقماستىنلا، ھىندىستاندا بۇ خىل توڭلاتقۇنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى گېزىت ئارقىلىق ئاشكارىلاندى. دېمەك، مەن كەشىپ قىلىشقا ئەمەس، ئويلاشتىمۇ كېچىكىپ قالغان ئىكەنمەن.
شۇنداق، تۇرمۇش رەھىمسىز، ئۇ تۇرمۇش رىتىمىغا جۆر بولالىغانلارغا كۈلۈپ قارايدۇ. تۇرمۇش ‹‹ئالدىغا بار، كەينىگە يوق، ئىلدامغا بار، لايپاسقا يوق››نى ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى قىلغان. بۇنىڭغا سەل قارىغان كىشىنى كېچىكىشنىڭ تۇغۇندىسى ئازاب ئۆز چاڭگىلىغا ئالىدۇ.
‹‹ھەرقانداق خىزمەت باھانىگە يول قويماي ئىجراغا كىرىشىدىغانلارنى شەرت قىلىدۇ. بىز نېمە ئىش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، قانداق ئىش ئورنىدا بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىمىزگە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. ئىجرا باھانىگە يول قويمايدۇ، شۇڭا باھانە ئارقىلىق ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك›› دەيدۇ ‹‹مۇۋەپپەقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە››نىڭ ئاپتورى فرور.كىيىف.
توغرا، باھانە كېچىكىشنىڭ سەۋەبچىسى، كېچىكىش بولسا مەغلۇبىيەتنىڭ تۇنجى سەۋەبچىسى. مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلارنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ھايالسىزلا ئاتلىنىش.
كېچىكىشكە تۇتقان پوزىتسىيە ۋاقىتقا سالغان يۈگەنگە ئوخشاش. كېچىكىش پوزىتسىيە مەسىلىسى، ئۇ سەۋەب – نەتىجە بىلەنلا خۇلاسىلەنمەيدۇ. باشقىلاردىن بىر سائەت، بىر مىنۇت، بىر سېكونت، بىر قەدەم... بۇرۇن مۇكەممەللىككە ئىگە بولغاندىلا، كېچىكىش ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئەجىرلىك تۆھپىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلانغىلى بولىدۇ.
|