باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
ئىپتىخار
2008- 07- 15 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

 مامۇت زايىت

يېشىپ دەۋران تالاي سىرلىق ئەسىرلەرنىڭ گۇمانىنى،
قۇياش كۈلدى قەدىم ئەلدە سۈرۈپ تارىخ تۇمانىنى.
بۇ مەھمۇد قەشقەرى بوۋام ياشاپ روھەن ھايات مىڭ يىل،
سۈزۈلدۈردى غۇرۇر – شاندىن كۆڭۈللەر ئاسمانىنى.
تارالدى نەچچە خىل تىلدا ئۇنىڭ ئەجرى ––– بۈيۈك قامۇس،
جىمى ئىقلىم گۆھەر بىلدى ئۇنىڭ شۇ شاھ دىۋانىنى.
‹‹ئۇلۇغ مەھمۇد يىلى بۇ يىل››① دېبان قىلدى جاكار دۇنيا،
كۆرۈپ لايىق شۇ ھۆرمەتكە ئۇلۇغ ئەل ئوغلانىنى.
پەخردىن تەڭرىتاغ، ئالتاي، كوئېنلون ئۆستى ئونمىڭ گەز،
مۇبارەكلەر ۋەتەن – يۇرتۇم ئۆزىنىڭ قەدىردانىنى.
چۈشەندۈردى بۈگۈن ئەلگە زامان داناسى بىر ھېكمەت:
ئىجادكار دۇلدۇلى ئاشقاي ئەسىرلەرنىڭ داۋانىنى.
بىلىپ تارىختىكى يۈكسەك ئىلىم، مەدەنىيەتنى،
بۈيۈك قامۇس بىلەن ئەۋلاد چۈشەندى ئەسلى زاتىنى.
ئۆگەندىم ئىجتىھات  –  زوقتا، ئىرالار ئۆتتى ئالدىمدىن،
گويا بولدۇمكى كۆرگەندەك قەدىم ئەجداد ھاياتىنى.
شۇ چاغ ئاقىل، جەسۇر ئەجداد كەشىپ قىپتۇ ھۈنەر، ئىرپان،
ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ سانسىز ھۈنەرلەر چولپانىنى.
سۆيۈندۈم تىل ۋە سەنئەتتە ياراتمىش تۆھپىكار خەلقىم،
رىقابەت – بەيگىدە غالىب چەۋەندازلىق زامانىنى.
چۈشەندىم، ئەيلىگەن جەۋلان دىۋاندا كۈن سۈپەت مەھمۇد،
غەنىي تىلنىڭ جاۋاھىرى، پاساھەت، دەۋرانىنى.
ئەۋج ئالماقتا دۇنيادا بۇنى تەتقىق قىلىش ھازىر،
سېلىپ پەن ئەھلى قەلبىگە بىلىم – كەشىپ پىلانىنى.
بوۋاڭدىن ئىپتىخارلاندىڭ ئىجادكار زاھىدى، ئەمدى
ئۆزۈڭمۇ ياز ئەسىرلەرنىڭ كۆمۈلمەسكە دىۋانىنى.


     ① بۇ يىل ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت  كومىتېتى قارار ماقۇللاپ، 2008 – يىلىنى ‹‹مەھمۇد قەشقەرى يىلى›› دەپ بېكىتىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق 67 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەشكە چاقىردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ