باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
ئونسۇ گۈزەل
2008- 07- 15 10:55 شىنجاڭ گېزىتى

 ئابدۇرېھىم زاھىدى

سەيلە قىلغىن، كەل، ھۇزۇرلان، ئۈستى تاغ، ئونسۇ گۈزەل،
ئۇ گۈزەل ئاقسۇغا قوشماق، ئارقا باغ، ئونسۇ گۈزەل،
بايلىقى چەكسىز – ھېسابسىز، ئاستى ياغ، ئونسۇ گۈزەل،
باغلىرىدا شاھ ھۇزۇرى، كەيپى چاغ، ئونسۇ گۈزەل،
سان – ساناقسىز سەيلىگاھلار، كەڭرى باغ، ئونسۇ گۈزەل.

خۇددى سىرلىق بىر رىۋايەت، زەپ گۈزەل ‹‹قىرمىش ئاتا››،
مۆجىزەكى بىر بۇلاق ئوخچۇپ تۇرار تاغ باغرىدا،
بۈك – باراقسان گۈلگە تولغان چۆل – باياۋان قوينىدا،
نەچچە يۈز يىللىق دەرەخلەر شاھىد – گۇۋاھ تارىخىغا،
شۇڭا سەيياھلار تولا باسار ئاياغ، ئونسۇ گۈزەل.

تاغلىرى تىلسىم گويا، گۆھەرگە تەڭ ھەربىر تېشى،
كۆرۈنەر تىك چوققىدىن ھاۋا ئانامنىڭ ئاق بېشى،
ئۆكسىمەي ئاققاچ ئۇنىڭ شادلىقتا تۆككەن كۆز يېشى،
ياپيېشىل يايلاققا ئەنداز تاغۇ تاشنىڭ ئىچ – تېشى،
ئات، كالا چاپچىپ تۇرار، يايلار ئۇلاغ، ئونسۇ گۈزەل.

چۆلنى بوستان ئەيلىگەچ كۆپ تەر تۆكۈپ دېھقانلىرى،
كۈزدە بەرىكەتلىك ھوسۇلدىن تاغ بولار خامانلىرى،
ئاپىرىدە قىلدى ياقۇتتەك گۈرۈچ ئىشچانلىرى،
ماختىشار بۇ جايدا پولۇ شاھى دەپ مېھمانلىرى،
كەلدى دېھقان ئەجرىدىن بۇ نام – ئاتاق، ئونسۇ گۈزەل.

مەرد – سېخىيلىقتا بۇ يۇرتنىڭ خەلقى بىر ھاتەم گويا،
ھاجىتىڭ چۈشسە بۇ يەردىن تېپىلادۇر تۇتىيا،
تەرىپىنى تۈگىمەيدۇ يازسىمۇ داستان گويا،
ئوخشىتىپ سىزغان رەسىم بۇ ماي بوياق، رەسسام گويا،
كۆر، ھۇزۇرلان، دىللىرىڭ يايرار شۇ چاغ، ئونسۇ گۈزەل.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ