باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
ئادەملىرىم،باغرىڭ ماڭا ياز
2008- 07- 15 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

باتۇرجان ئاتاخان (تاجىك)

ئادەملىرىم، باغرىڭ ماڭا ياز،
بەخت يەنە سېلەر بىلەن تەل.
ھاياتىمغا بولار پەرۋىشكار،
مەن قەلبىمدىن سۆيگۈن يۇرتۇم، دەل.

ئادەم بولدۇم، خۇشاللىقىم شۇ
خەلقىم ئۈچۈن بولدۇم پايانداز.
ئېھ، سىلەرگە دوستمەن ئادەملەر،
يۈرىكىمدە سىلەر بىلەن ياز.
سىلەر بىلەن ھەركۈن مېھىردىن
ئاتا بولار چەكسىز خۇشاللىق.
قۇچاق ئېچىپ ياشىماق بەختىم،
كۈتسەم ھەرچاغ دوستلارنى ئىللىق.

تىلىكىم شۇ: بول ئالەمگە نۇر،
نۇر ۋەسلىدە يايرىسۇن جانلار.
ئەي، ئادەملەر باغرىڭ ماڭا ياز،
قول تۇتۇشۇپ كۈلسۇن ئارمانلار.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ