|
مۇھەممەدجان ئىسمائىل پۇناقى
دىيارىم قوينىدا ھەر چاغ ئىناق ئۆتمەكتە مىللەتلەر، ئاۋات قىلماق ئۈچۈن يۇرتنى ئەجىر تۆكمەكتە مىللەتلەر.
جىمى ئىشتا بولۇپ بىر تەن، قورقماي مۈشكۈلاتلاردىن، يەنە قىزغىن كۈرەشلەردە ھامان يەڭمەكتە مىللەتلەر.
بىرى دۇچ كەلسە مۈشكۈلگە، بىرى بوپ ھەمنەپەس – غەمخان، قېرىنداش، دوستلىرى بىرلە خۇشال ئۆتمەكتە مىللەتلەر.
ئىجاد ئەيلەپ كەسىپ، ئىشتا يېڭىچە كەشپىياتلارنى، قىيىن – مۈشكۈل، تۈگۈنلەرنىڭ سىرىن يەشمەكتە مىللەتلەر.
ئىناق – ئۆملۈك كۈچى بىرلە قىلىپ بەرپا گۈزەل دەۋران، بۈيۈك ئارزۇغا – مەقسەتكە يېتىپ كۈلمەكتە مىللەتلەر.
|