|
مۇھەممەدروزى
قۇياش سۆيگۈسى
تاڭ سەھەر يالقۇنلۇق قۇياش بىلەن تەڭ، قەلبىمنىڭ سۈبھىسى ياسار نۇر ئېقىن. ئالەمنىڭ ئەركىسى نۇرلۇق زەر قۇياش، دىللارغا سۆيگۈدىن چاچىدۇ چېقىن.
قۇياشتىن كۈلىدۇ نۇرلىنىپ ئالەم، تۇرىدۇ تاڭ سۆيۈپ تاغۇ دەريالار. چاڭىلداپ سايرايدۇ گۈلشەنلەر ئارا تەلمۈرۈپ قۇياشقا بۇلبۇلگويالار.
ئەي قۇياش ئانىنىڭ مېھرى سەن گويا، ئالەمگە بېرىسەن ئۈن – تۈنسىز سۆيگۈ. گۈزەللىك كۈچ – قۇۋۋەت سەندە مۇجەسسەم، بۇ ئالەم نۇرۇڭدىن سۆيۈلسۇن مەڭگۈ!
ياز پەسلى
قۇياش كۈلەر ئۈنسىز، سېھىرلىك، تارام – تارام نۇرلىرى ھايات. يېشىل دۇنيا شۇنچە مېھىرلىك، ئۇزلىقىنى قىلىدۇ پارات.
دەريالارنىڭ ئۆركەشلىرىدىن تۇغىلىدۇ يېڭى بىر ئارمان. ئەزگۈ كۈيلەر باشلىنىپ ھەرتاڭ، زېمىن، كۆكتە قىلىدۇ جەۋلان. شاماللاردا يەلپۈنۈپ ئۇزاق، ئىغاڭلايدۇ بۈككىدە ئورمان. ساز چالىدۇ قۇشلار چاڭىلداپ، يۇلتۇزلارنى قالدۇرۇپ ھەيران.
ئېھ، ياز پەسلى ––– سۆيگۈنىڭ پەسلى، ھىدلىرىڭدىن تامچىلايدۇ بال. ھەر كىشىنىڭ چۈشۈپ نىگاھى، ئويغىتىدۇ يالقۇنلۇق خىيال.
كۆزلەردىكى سىر
بىر كۆزلەردىن مارىسا شۇملۇق، بىر كۆزلەردىن تارايدۇ نۇسرەت. بىر كۆزلەردە كۈلسە سۈزۈك تاڭ، بىر كۆزلەردىن تارايدۇ زۇلمەت.
بىر كۆزلەردىن ئاقىدۇ دەريا، بىر كۆزلەردىن يانىدۇ گۈلخان. ئاھ، بەك قىيىن، سېنىغۇ ئەسلا، كۆزۈڭنىمۇ چۈشەنمەك ئىنسان!
|