باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
ئەجرىمىزدىن بەخت يارىتايلى
2008- 07- 14 16:58 شىنجاڭ گېزىتى

ئەكرەمجان رۇسۇل ئۈمىدى

   بەخت ھەققىدە گەپ بولسىلا، مۇنداق بىر ھېكايە يادىمغا كېلىدۇ: بىر كىشىنىڭ ئامىتى ئوڭدىن كېلىپ، ھەم يوغان، ھەم چىرايلىق بىر مەرۋايىت تېپىۋاپتۇ. ئەمما مەرۋايىتنىڭ يۈزىدە كىچىككىنە داغ بار ئىكەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بوپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە ‹‹ئەگەر مەرۋايىت يۈزىدىكى بۇ داغنى قىرىپ چىقىرىۋەتسەم، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىگە ئايلانماسمۇ؟›› دەپ ئويلاپ، مەرۋايىتنىڭ سىرتقى بىر قەۋەت يۈزىنى قىرىپتۇ، ئەمما داغ يوقىماپتۇ. ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، داغنى يوقىتىش ئۈچۈن مەرۋايىتنى قىرىۋېرىپتۇ، داغ ئاخىرى يوقاپتۇ، بىراق مەرۋايىتمۇ قىرىلىۋېرىپ، ھېچنېمىسى قالماي، كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپتۇ.

   شۇنداق، ھايات ئەسلىدىنلا گۈزەل، تۇرمۇش بەختىيارلىق جىلۋىسىگە چۆمگەن. ئەمما بىزدىكى قانائەتسىزلىك ھەمىشە بىزنى بەختتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بەختنى بايقاش، قەدىرلەش، ئۇنىڭدىن قانغىچە بەھرىمەن بولۇش يەنىلا ھەر بىر كىشىنىڭ قەلب گۈزەللىكىگە، تۇرمۇشنى قانائەتچانلىق بىلەن قىزغىن سۆيۈش – سۆيەلمەسلىكىگە باغلىق. بەخت ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىشىمۇ، بىر نەچچە قېتىم كېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما بەخت كەلگەندە ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى بەختكە چۆمدۈرەلمىگەنلىكىمىز تولىمۇ نادانلىقىمىزنى، بەختنى ئۆزىمىزدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقىمىزنى ئاشكارىلايدۇ.

   بەختى كەلمىگەنلەر يوق دېيەرلىك، بەخت ھەممىمىزنى يوقلايدۇ، ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، قەدرىگە يەتكەنلەرگە بەخت كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ،  تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ؛ قەدرىگە يەتمىگەنلەرگە شامالدەكلا سالام قىلىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەممە ئادەم بەختكە ئىنتىلىدۇ، بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ، بىراق كۆپىنچە ئىرادىلىك، غەيرەتلىك، بىلىملىك كىشىلەرلا تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ھالال ئەمگىكى بىلەن بەختنىڭ قەنتىنى چاقالايدۇ. ئىرادىسىز، چىدامسىز، نادان كىشىلەر ھەمىشە بەختىم كەلمىدى، دەپ ئاغرىنىپ، خۇددى بىر كۈنى بەخت ئاسماندىن ئالدىغا چۈشىدىغاندەك، تەقدىرگە تەن بېرىپ ياشايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى بەختمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەخت ئۆزلۈكىدىن كەلمەيدۇ، ئاسماندىنمۇ چۈشمەيدۇ، ئۇ سەۋىرچان، تىرىشچانلارغا مەنسۇپ. شۇڭا باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ساپايىمىزنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئەجرىمىزدىن بەخت ھاسىل قىلايلى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ