|
ئابلىز ئۆمەر ھاجى
باھاردىكى بالىلار
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك تارتقان بىر نەچچە پارچە بەدىئىي سۈرەتنى كۆرگەنىدىم. سۈرەتتە باشلىرىغا تال چىۋىقتىن ئۆرۈلگەن ‹‹تال چاچ››، ئۇچىسىغا نەپىس ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيگەن بىر توپ قىزنىڭ بىر– بىرىدىن يوغان سۆگەتنىڭ ئاستىدا ھەر خىل ئويۇنغا مەشغۇل ھالىتى ئەكىس ئەتكەنىدى. باھاردىكى بۇ شادىمان بالىلارغا مەسلىكىم كەلگەن ھەم بالىلىقىمنى ئەسلىگەنىدىم. ھەر يىلى باھاردا بالىلىقنى ئەسلەيمەن، سەھرا بالىلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. سەھرايىمغا بېرىپ ئاشۇ بىغۇبار، غەمسىز، شوخ بالىلار بىلەن بىللە ئوينىغۇم كېلىدۇ.
سەھرا بالىلىرى باھاردىلا ئەمەس، باشقا پەسىللەردىمۇ تولىمۇ ئەركىن – ئازادە بولۇپ، چوڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، ئويۇن ئىچىدە ماھارەت ئۆگىنىدۇ، ئەقىل – پاراسەت يېتىلدۈرىدۇ. شەھەردىكى بالىلار تەبىئىي مەنزىرىلەرنى، پەسىللەرنىڭ تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، تەبىئەتتىكى گۈزەللىك ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيدۇ، كوچا – كويلاردا سەھرا بالىلىرى يېزا يوللىرىدا بىخۇدۈك يۈرگەندەك يۈرەلمەيدۇ، ئاخشاملىرى يۈرەكلىك تالاغا چىقالمايدۇ، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ رۇخسەت – ئىجازىتىسىز بىنادىن چۈشەلمەيدۇ، تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تېلېۋىزوردىنلا كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ‹‹باھاردىكى بالىلار››دىن بولالمايدۇ.
‹‹بالىلار ئويۇنغا قېنىشى كېرەك››. بۇ بىر جۈملە ھېكمەتتە نۇرغۇن مەنە بار. بالىلارنىڭ ھەرقاندىقى ئويۇنخۇمار. ھالبۇكى، كۆپىنچە بالا ئويۇن خۇمارى قانماي چوڭ بولىدۇ. ناۋادا مەكتەپلەر يۇقىرىقى ھېكمەتنىڭ روھىي ماھىيىتىنى مۇۋاپىق شەكىل – ئۇسۇللاردا ئوقۇش – ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولار ئىدى. چۈنكى ھاياتنىڭ ماھىيىتى ھېكمەت، ھېكمەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر.
يىغلىغاندىن كۈلگەن ياخشىراق
ياش ئالىم، دوكتور ئەسئەت سۇلايمان 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇرنىلىدا ‹‹جەننەت ۋۇجۇدىڭىزدا›› دېگەندەك تېمىلاردا بىر قاتار ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. دەرۋەقە، جەننەتمۇ، دوزاخمۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا.
بىر كۈنى بىر ئايالنىڭ باشقىلارغا ئېرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ قايناپ – كۆپچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېقىنلىرىدىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلاردىن نارازى بولىدىغان، ھاياتنىڭ ئازارىنى كۆپرەك ئويلاپ، ئۆزىگە روھىي يۈك ئارتىۋالىدىغانلارنى دائىم ئۇچرىتىمىز. لېكىن ھاياتقا پاسسىپ مۇئامىلە قىلغاندىن ئاكتىپ – قىزغىن، ئۈمىدۋار مۇئامىلە قىلغان، يۈزلەنگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ‹‹يىغلىغاندىن كۈلگەن ياخشىراق››. ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز. ھاياتنىڭ قىسقا، قىممەتلىك دەملىرىنى قاقشاپ – ئاغرىنىپ زايا قىلىپ، ئۆزىمىزنى بىھۇدە ئۇپراتقىنىمىزدىن كۆرە، ئۇنىڭ ئادەمگە خۇشاللىق، روھىي ئازادىلىك، ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆپرەك ئويلىساق، ھەر بىر تاڭنى قىزغىن روھىي كەيپىياتتا كۈتۈۋېلىشقا ئادەتلەنسەك، كۆڭۈل ئاسمىنىمىزدىكى قارا بۇلۇتلار ئۆزلۈكىدىن تاراپ كېتىدۇ. مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ مۇنداق بىر رۇبائىيسى بار:
ئۆلۈمدىن غەم يېمە، ئۆلۈم بار نېمە، تېنىڭدىن جان چىقسا تۈگەيدۇ ھەممە. شۇ ئۆلۈش پەيتىنىڭ ئالدى مەۋجۇتلۇق، ئۆلمىگەن ئىكەنسەن نان يە، غەم يېمە.
چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇنغا تويۇنغان بۇ رۇبائىي بىزنى ھەر بىر كۈن، ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەشكە ئۈندەش بىلەن بىللە، بىھۇدە غەملەرنى تەرك ئېتىشكە چاقىرىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتشۇناس دالىي.كارنېگ ‹‹تەنھا بۈگۈن ئىچىدە ياشاش››تىن ئىبارەت ھاياتلىق تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىدىيە – قاراشلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتلىق يولىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ‹‹يىراقتىكى غۇۋا مەنزىرىلەرگە مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرماي، كۆز ئالدىڭدىكى رېئال ئىشلارنى قىل›› دېگەن. بۈگۈننى، ھازىرنى قەدىرلەش ئېڭى ھەممىمىزگە ھەمراھ بولسا، بىھۇدە غەم – غۇسسىلەر، پۇشايمان – نادامەتلەر كۆڭۈل ئالىمىمىزنى مالىمان قىلالمايدۇ. ‹‹يىغلىغاندىن كۈلگەن ياخشىراق›› دېگەن ھايات ھېكمىتىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ھەر بىر كۈنىمىزنى خۇشال كەيپىيات، ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنسەكلا، ئۆمرىمىزدە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق ھاسىلاتلارغا، نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.
ياشانغانلار –– خەزىنە
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش –– ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئېسىل ئادەمگەرچىلىك، ھاياتلىق ئۇدۇمى. ياشانغانلار –– بوۋاي – مومايلارنىڭ روھىي دۇنياسى قېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان خىسلەتلىك خەزىنە. ھالبۇكى، بەزىلەر ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئۇلارغا كۆيۈنۈشكە، ئۇلارنى ئاسراشقا، ئۇلارنىڭ روھىيىتىدىكى خەزىنىنى قېزىشقا ئەسلا ئېتىبار قىلماي، ياشانغانلارنى قاتمال، مۇتەئەسسىپ دەپ، ئۇلارنىڭ ئۈگۈت – نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىمايدۇ. ياشانغانلار جىسمانىي جەھەتتە ئاجىز بولىدۇ، ھەر خىل كېسەل ئۇلارنى ئەگىپلا يۈرىدۇ. بۇ، ياشانغانلاردىكى جىسمانىي ئاجىزلىق. ئەمما ياشانغانلار روھىي جەھەتتە ئەۋلادلاردىن كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى ئەقىل نېمەتلىرىگە تويۇنغان .
‹‹ياشانغانلار –– خەزىنە››. بۇ ‹‹خەزىنە››گە نۇرغۇن ھېكمەتلەر، ھاياتلىقنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرى، ئەقىل – پاراسەت جاۋاھىراتلىرى يوشۇرۇنغان. ‹‹ئادەم قېرىغاندا ئادەم غېرىبى بولۇپ قالىدۇ›› دېگەن گەپ بار. لېكىن، ياشانغانلار يالغۇزلۇقنى، غېرىب – غۇربەتچىلىكنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئۇلار مۇڭداشقا موھتاج. يەنە كېلىپ ئۇلار ئىچىدىكى روھىي ھاسىلاتلارنى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇشنى خالايدۇكى، ھەرگىزمۇ لەھەتكە ئېلىپ كېتىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ياشانغانلارنى ‹‹خەزىنە›› دەپ چۈشەنسەك، ئۇلار بىلەن ئەقلىمىز بېيىيدۇ، ئۇلارنى ئاسراش – قەدىرلەشكە ئادەتلەنسەك، ئەجداد – ئەۋلاد مۇناسىۋىتى، ئائىلە ۋە جەمەت ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ، ئىجتىمائىي كەيپىيات تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
|