|
(ياش ئاتا–ئانىلارغا بېغىشلايمەن)
ئەخمەت كىبىر
ئاجراشماڭلار ئاتا – ئانىلار، ئاۋۇماقتا يېتىم بالىلار. جۇدالىقتىن مۇجۇلۇپ يۈرەك، دىلنى ئېزەر پەرياد – نالىلەر.
ئاتا نەدە، بالىلار نەدە؟ ئانا نەدە، بالىلار نەدە؟ ئاتا قاۋاق، رېستوراندا مەست، ئانا يۈرەر باش قايغان يەردە.
ئاتا نەدە، بالىلار نەدە؟ ئانا نەدە، بالىلار نەدە؟ سەرسان بولسا يۈرەك پارىسى، بولمامدىكىن باغرى خۇن زېدە؟
بالام دېسەڭ يايرايتتى دىلىڭ، بۇلبۇل كەبى سايرايتتى تىلىڭ. ئەمدىلىكتە ئۇنتۇپ بالاڭنى، ئەي، بىئەقىل قانداق چىدىدىڭ؟
ئاتىسى بار قالدى ئاتىسىز، ئانىسى بار قالدى ئانىسىز. توي قىلغاندا تۇزتەم يېيىشىپ، ئۆي تۇتقاندا كىمدىن چانىسىز؟
شۇ سەبىيلەر قالسا قاراقسىز، كىيىم يىلىڭ، يىرتىق، ياماقسىز. تام تۈۋىدە تېنەر – تەمتىرەر، قورسىقى ئاچ غىزا – تاماقسىز. گالدىن تاماق ئۆتكەندۇر قانداق، ئۆيۈڭ زۇلمەت، ئۆچسە شام – چىراغ. جان، ئاتاجان، بۇرچۇڭ ھەققىدە قىل ئۆزۈڭنى ۋىجدانەن سوراق.
يامان ئازاب ۋىجدان ئازابى، ئاتا – ئانا، ئەھلى جانابى. پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلەش بىلسەڭ ئەسلى ئىشنىڭ ساۋابى.
|