|
(ھېكايە)
ئىككى ئادەم بار ئىكەن . بىرى ناھايىتى پۇلدار ، ئەمما كېسەلچان ئىكەن ؛ يەنە بىر ساغلام ، ئەمما ئىنتايىن نامرات ئىكەن . پۇلدار نامراتنىڭ سالامەتلىكىگە ھەۋەس قىلسا ، نامرات پۇلدارنىڭ بايلىقىغا ھېرىسمەن ئىكەن .
ئۇلار ئىككىسى ئامال قىلىپ ئۆز ئارزۇسىدىكى نەرسىگە ئېرىشىشكە كېلىشىپتۇ .
ئىنتايىن ئۇستا بىر دوختۇر ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ . دوختۇر مېڭە ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىپ ، ئىككى ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇلدار ئادەم ساغلاملىققا ، نامرات بولسا پۇلغا ئېرىشىپ ، ھەر ئىككىسى مەمنۇن بوپتۇ .
بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەپتۇ . نامرات راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىن كېيىن ، مالىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاچقا ، بەتخەجلىك قىلىپ ، قالايمىقان مەبلەغ سېلىپ ناھايىتى تىزلا بۇرۇنقى نامراتلىقىغا قايتىپتۇ . ئەمما ئۇ ھېچبىر ئەندىشىدە ۋە قايغۇدا بولماي ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن خۇشال–خۇرام ياشاۋەرگەچكە ، تەن سالامەتلىكى ياخشى تۇرىۋېرىپتۇ .
ھېلىقى پۇلدار ئادەم ساغلام تەنگە ئېرىشكەندىن كېيىن پۇل تېپىشتىكى مول تەجرىبىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ، ناھايىتى تىزلا نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ ، ئەمما ھەددىدىن زىيادە بېسىم ۋە قاتتىق ھېرىپ–چارچاش دەستىدىن ئۇ يەنىلا دورىدىن ئايرىلالمايدىغان كېسەلچان ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ .
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىككىسى يەنە ئۆز ئەسلىگە كېلىپ قاپتۇ . بۇنداق بولۇشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟
ئەقلىمە ئابدۇللا تەرجىمىسى
|