|
(ھېكايە)
جۇ شىڭ شى
خەن ئىدارە باشلىقى ئادەتتە بېلىق يېيىشكە ئانچە ئامراق ئەمەس ئىدى ، يەنە كېلىپ ئۇنى پەقەتلا بېلىق يېمەيدۇ دېسىمۇ بولىدۇ . ئەمما ئۇ بۈگۈن مېھمانخانا ئۆيىگە قويۇلغان بېلىق ئىدىشى ئالدىدىن ئايلىنىپ كېتەلمىدى . قارىماققا ئۇ ئىدىش ئىچىدىكى بۇ ئۈچ تال بېلىققا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىدارە سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىردى . چىن چىڭ ئىسىملىك بىر قۇرۇلۇش سودىگىرى خەن ئىدارە باشلىقىغا ئەگەر بۇ قۇرۇلۇشنى ئۆزىگە ھۆددىگە بەرسە ئۇنى چوقۇم رازى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى خەن ئىدارە باشلىقىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالدى . بۇ بېلىقلار دەل ئاشۇ چىن خوجايىننىڭ خەن ئىدارە باشلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئەۋەتكەن ‹‹ئالاھىدە سوۋغىسى›› ئىدى .
‹‹چىن خوجايىننىڭ بۇ سوۋغىسى بەكلا ئاددى بولۇپ قالدىمۇ–قانداق؟ ياق ! ئۇ ھەرگىز بۇنداق ئاددى سوۋغا ئەۋەتمەيدۇ . بەلكىم ئۇ ئەۋەتمەكچى بولغان نەرسىنى بۇ بېلىقلارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن››،–خەن ئىدارە باشلىقى ئەنە شۇ خىياللار بىلەن ئورنىدىن تۇردى–دە ، ئىدىشتىكى بېلىقلارنى ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ قورسىقىنى بىر–بىرلەپ ياردى . ئەپسۇس ئۇلارنىڭ قورسىقىدىن ھېچنىمە چىقمىدى . ئۇ چىن خوجايىننى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغىنىچە بېلىقلارنى ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلىۋەتتى .
ئىككى ئايدىن كېيىن چىن خوجايىنغا ھۆددىگە بېرىلگەن قۇرۇلۇشتا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلدى ، قۇرۇلۇش پۈتمەي تۇرۇپلا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، ئون نەچچە قۇرۇلۇش ئىشچىسى يارىلاندى . چىن خوجايىنمۇ تۈرمىگە كىردى . خەن ئىدارە باشلىقى بۇ خەۋەرنى باشتا ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ چىن خوجايىندىن ھېچقانداق نەرسە ئالمىغانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا خاتىرجەم بولدى . ئەمما بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىپ ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىگە بېرىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ چىن خوجايىندىن پارا ئالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتتى . خەن ئىدارە باشلىقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئۇۋال قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ چىن خوجايىندىن ھېچقانداق پارە ئالمىغانلىقىنى ئېيتتى . تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرچىن خوجايىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ تال زىخچە ئالتۇننى ئۈچ تال بېلىقنىڭ ئاغزىغا يوشۇرۇپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ پۇت–قولى تىترەپ ، كۆزى بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|