باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
مەشئەل
2008- 06- 30 12:49 شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

ياقۇپ ئىسمائىل

    ئەتراپ جىمجىت، تاڭ تېخى يورۇمىغانىدى. بايان تاغا كۆزىنى تەستە ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى. باشقا كۈنلەر بولسا ئىدى، ھەممە ئىشنى قايرىپ قويۇپ ئۇخلاۋەرگەن بولاتتى. لېكىن بۈگۈن ئۇنداق قىلالمايتتى.

     ئۇ چىراغنىمۇ ياندۇرماي سىرتقا چىقتى. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاراقلايتتى. بايان تاغا ئېغىر خۇرسىندى. ئۇنىڭ بۇ خۇرسىنىشىغا بىر خىل قىيماسلىق يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ ئويلىناتتى، ئويلىغانسېرى ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي قاتتىق ئازابلىناتتى. خالمۇھەممەتنى كېتىدىكەن دېگەننى ئاڭلاپ ئۇ قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەيلا قالدى. بالدۇرراق بۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغىنىغا ئۆكۈنۈپ ئۆز – ئۆزىگە كايىدى. كەنت ئىشخانىسىنىڭ قۇلۇپلاقلىق دەرۋازىسى ئالدىغا نەچچە قېتىم بېرىپمۇ باقتى.

    دۇنيادا كادىر دېگەن تولا گەپ، بولۇپمۇ مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە شۇنداق. ئەمما خالمۇھەممەت بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇ دېگەن يۇقىرى ئەۋەتكەن كادىر. دېھقان دېگەن شۇنداق خەق، ياخشىلىقنى قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ. پاك ھەم سەمىمىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ياخشىلىق قىلغان ئادەمنى ئەۋلىيا بىلىدۇ. خالمۇھەممەت كەنتتىكى دېھقانلار ئۈچۈن راستىنلا ئەۋلىيادەك قەدىرلىك. ئۇ پەيدا بولۇۋېدى، دېھقانلارنىڭ قەلبى ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. تۇنجۇققان ھېسسىياتلىرى يېڭىباشتىن جانلىنىپ، كۆزلىرى ئۈمىدۋارلىققا تولدى. يالغان مەلۇماتلار تۈزىتىلىپ، ئۆچىرەتكە تىزىلغان سېلىقلار شامالدا قالغان قامغاقتەك توزۇپ كەتتى. ‹‹كۆرىمىز تېخى، موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە›› دەپ ئويلىغان دېھقانلار يەلكىسىدىن تاغ ئاغدۇرۇلغاندەك يەڭگىل نەپەس ئالدى. خالمۇھەممەت گويا مۇشۇ زېمىن ئۈچۈن يارالغان ياقۇتتەك جۇلالىنىپ كەتتى.

     بايان تاغا چۆچۈپ كەتتى. ئالدىدىن ئۆتكەن لالما ئىت توغرا كوچىغا كىرىپ كۆزدىن غايىب بولدى. سەھەرنىڭ سوغۇقى ئۇنىڭ يېڭىدىن، ياقىسىدىن كىرىپ، بەدىنىگە سانجىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ سەزمەيتتى. ئۇ ئالدىراپ كېتىپ بىر نەرسىگە پۇتلاشتى، مۆدۈرۈپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزى كەنت ئىشخانىسى قورۇسىدىن چىرىغىنى ياندۇرۇپ چىقىپ كەلگەن جىپقا چۈشتى. بايان تاغا ئەندىكىپ كەتتى، ئۇ غولىچىنى كېرىپ يۈگۈردى. ئۇنىڭ خالمۇھەممەتكە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرى، بېرىمەن دەپ بايا ئۆيدىن چىققاندا ئېلىۋالغان سوۋغاتلىرى بار ئىدى.

    بايان تاغا مۆدۈرۈپ يىقىلدى. ئۇ قەددىنى رۇسلاپ تۇرغىنىدا ھەيران قالدى. پىلىلداپ يانغان شامدىن ھاسىل بولغان مەشئەللەرگە كۆزى چۈشتى. بۇ كۈنى ئۇلا ئەمەس، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقانلار ئۇخلىمىغانىدى. ئۇلار شۇنداق، ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مانا ھازىر ئۇلار ئۆزىگە ياخشى باشلامچىلىق قىلغان، قولىدىن كېلىشىچە دەردىگە دەرمان بولۇپ، يىغىسىنى يىغلىشىپ بەرگەن، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قەددىنى كۆتۈرۈپ قويغان بۇ كادىرنىڭ كەنتتىن كېتىشىگە چىدىماي، تاڭ سۈزۈلمەستىلا ئۇنى ئۇزاتقىلى كېلىشكەنىدى.

    بايان تاغا چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتتى. لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ بىر نېمىلەرنى دېگىنىچە سان – ساناقسىز شاملاردىن ھاسىل بولغان غايەت زور مەشئەل تامان يۈگۈرۈپ كەتتى...

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ