باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
كاككۇك نەزمىسى
2008- 06- 30 12:48 شىنجاڭ گېزىتى

  مۇھەممەد شاۋۇدۇن

  كاككۇك

كاككۇكلار ياز كۈيچىسى، جاكارچىسى،
ئەگىشىپ يازغا بىللە كېلەر سايراپ.
سۈرىدۇ يازنىڭ پەيزى، ھۇزۇرىنى
كاككۇكنىڭ سايرىشىدىن كۆڭۈل يايراپ.

سايرىدى قويۇق شاخلار ئارىسىدىن
تارقىتىپ كاككۇك يازنىڭ ئۇچۇرىنى.
چىرايلىق پەسىل كەلدى يايرايدىغان،
دېگەندەك، سۈرۈڭلار ياز ھۇزۇرىنى.

شىرىقلاپ ئاقار ئەنە بۇلاق سۈيى،
قاراڭغۇ باغلار تولدى ناۋاسىغا.
بەك شېرىن ھىدىن چاچتى كىشمىش ئۆرۈك
گۈل پۇراپ تۇرغان باغنىڭ ھاۋاسىغا.

سەزگۈلەر سەزگۈر، ھۇزۇر لەززەتنى تېز
سېزىدۇ كىچىككىنە شەپىدىنمۇ.
يۈرەكلەر ھۇزۇرلانسا جاھان پاتقان
كۆڭۈللەر تارلىق قىلار كەپىدىنمۇ.

كاككۇك ياز مەستانىسى، يازغا كۆيۈك،
سايرىشى شۇ كۆيۈكنىڭ ياڭرىغىنى.
سايرىسا بىكار ئەمەس يازغا ئاشىق
كۆڭۈلنىڭ باشقىچىلا يايرىغىنى.

 كاككۇك بىلەن ياز

ياز كەلسە بىللە كېلىپ، بىللە كېتەر،
ئاشىقى كاككۇك يازنىڭ، ۋاپادارى.
بىرەر كۈن كېچىكىشكە تاقىتى يوق،
ياز بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئېتىبارى.

يولىماس چۆلدەرىگەن قاقاسلىققا،
باراقسان دەل – دەرەخلەر تاجۇ تەختى.
ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا
كۆرۈنمەي سايرىغىنى ئۇنىڭ بەختى.

باغلاردىن ئىز – دېرەكسىز بولسا غايىب،
بىلىمىز كەتكىنىنى خوشلىشىپ ياز.
كەڭ زېمىن ئالتۇن توننى كىيسە، قالار
كاككۇكتىن قۇلاقلاردا شۇ خۇش ئاۋاز.

 يەنە تاتلىق

ئىلغىماي قونۇۋەرمەس دەرەخلەرگە،
پەشتىقى ئېگىز تېرەك، ئۈرۈك ئۇچى.
سايرايدۇ، سايرىغىلى كەلگەچ تىنماي
ئۆزىنى ھېسابلىماس بەخت قۇشى.

دىلكىشى ئادەملەرنىڭ، بېغىشلايدۇ –––
تىلەيدۇ كۆڭۈللەرگە ھۇزۇر، شادلىق.
سايرىشى ئاددى، بىر خىل كونا پەدە،
نىچۈككى، ئاڭلىنىدۇ يەنە تاتلىق.

شۇڭا كىم ئاۋازىدىن بوپتۇ بىزار؟!
نەدە يوق ھېرىسمەنلەر، زوقمەنلىرى؟!
خاتاسىز ئايرىيدىكەن كۆڭۈللەرنىڭ
يېقىملىق، يېقىمسىزلىق ئۆلچەملىرى.

 سايراۋېرەر

ئىزدىمەيدۇ ياردەم، ھېمايە،
يانغا شېرىك، بېشىغا سايە.
تايانمايدۇ ئۆزگىگە ئەسلا،
سايراۋېرەر يەككە – يېگانە.

ئۆزگە قۇشلار سايرىسا قانداق،
كەمسىتمەيدۇ، قىلمايدۇ ھەۋەس.
ئۆزگەرمەيدۇ ھاۋاغا بېقىپ،
چاغلىمايدۇ ئاۋازىنى پەس.

چانمايدۇ ئۆز ئەنئەنىسىدىن،
خاسلىقىنى بىلەر مۇقەددەس.
يۇقتۇرمايدۇ غەيرىي رەڭ، پۇراق،
قىلىپ كەلدى خۇش ئاۋازى مەس.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ