|
ئابلىز ئۆمەر ھاجى
كۆركى سىلەر تىرىكلەرنىڭ، سورۇنلارنىڭ، ياشانغانلار، دانىشمىنى چوڭلاۋاتقان بوغۇنلارنىڭ، ياشانغانلار. سىلەر سىز ھېچ تەمى بولماس يېگەن – ئىچكەن ئاش – تائامنىڭ، چىلان، ئۈزۈم، تاۋۇز، جىگدە، قوغۇنلارنىڭ، ياشانغانلار.
سىلەر بىلەن ئويناق يۈرەك، قوۋناق ھايات، بەردەم قانات، سىلەر دېگەن ئەجدادلارنىڭ ۋارىسلىرى، چىراغلىرى. سىلەر بىلەن ياشناپ تۇرار ئېتىز – باغلار، چىمەن – تاغلار، ئۆرنەك سىلەر، ئەينەك سىلەر، ئەلۋەك ئەقىل قىرغاقلىرى.
قىرغاقلارنى بويلاپ ئاقار ئېقىن سۇلار يىراقلارغا، ۋارس بولۇش ئەھدىمىزدۇر ئەۋلادسېرى ئىزىڭلارغا. قەلبىڭلاردا تالاي ئىستەك، نىشان، ئارمان، مىراسلار بار، پۇلنى ئەمەس قالدۇرۇڭلار شۇنى ئوغۇل – قىزىڭلارغا.
تەمەسىز مەن مال – دۇنيادىن، ماڭا پەقەت ئەقىل كېرەك، ئەقىل بىلەن ئىز قالدۇرسام دەيمەن شۇڭا سىلەر ئوخشاش. ئەقىل ئىزى قالغانلارنى مەڭگۈ ئەزىز، ئۇلۇغ دەر ئەل، سىلەرنىڭ ئىز – روھىڭلار بىز بوغۇنلارغا ئۆچمەس قۇياش.
قەدىرلەيلى، ئۇلۇغلايلى بوۋايلارنى، مومايلارنى، سالامەتلىك، ئۇزاق ئۆمۈر ھەمراھ بولغاي ئۇلۇغلارغا. تۆھپە، ئەجىر ئۇنتۇلمايدۇ مەڭگۈ ياشار يۈرەكلەردە، قەسەميادكىم ۋارىستۇرمىز مۇبارەك ھەر ئىزىڭلارغا.
|