باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
بۈگۈن ئايەم، قۇتلۇق كۈن
2008- 06- 30 12:46 شىنجاڭ گېزىتى

 ياقۇپ قۇربان

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

سالام ئۇلۇغ پارتىيەم، شەپقىتىڭگە ئاپىرىن،
كۈيلىگەنگە پۈتمەس شان – شەۋكىتىڭگە ئاپىرىن،
تەرەققىيات، يۈكسىلىش، ئىسلاھاتقا تۇغ بولغان،
‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› غەيرىتىڭگە ئاپىرىن.

يوقىلامتى ئېلىمدىن ئەسىرلەرنىڭ زۇلمىتى،
سەن دۇنياغا كۆز ئېچىپ، زۇلۇمغا ئوت ئاچمىساڭ؟!
ئەل بەختىچۈن جەڭ قىلىپ، ‹‹ئۈچ چوڭ تاغ››نى ئاغدۇرۇپ،
ھۆر – ئازادلىق نۇرىنى ئەل قەلبىگە چاچمىساڭ؟!

چاقنار تارىخ بېتىدە ئۆچمەس، شانلىق ئىزلىرىڭ،
تۈگىمەيدۇ تۆھپەڭنى كۈيلىسەكمۇ ھەر قانچە.
ئىجادكارى، قۇياشى، سەردارى دەپ خەلقىمنىڭ،
مىڭلاپ داستان، قوشاقتا سۆزلىسەكمۇ ھەرقانچە.

ئېھ، مېھرىبان پارتىيەم، نىجادكارلىق قۇياشى،
سەن بولمىساڭ بۇ كۈنلەر بىزگە نېسىپ بولامتى؟!
رۇناق تېپىپ كۈنسېرى گۈللەپ، ياشناپ ئېلىمىز،
قەد كۆتۈرۈپ شەرقتە، كۈچ – قۇۋۋەتكە تولامتى؟!

ئىسپاتلىدى پاكىتلار: سەن دەۋرىمىز ‹‹سەركىسى››،
سەنسىز يوقتۇر بىزگە قۇت، گۈزەل، پارلاق كەلگۈسى.
ماڭدىڭ بىزنى يېتەكلەپ مىسلى پارلاق ئىقبالغا،
بۇ ئەتىكى نۇرانە بەختىمىزنىڭ بەلگىسى.

بۈگۈن تويۇڭ –– بايرىمىڭ، شەنىڭ كۈيلەپ، مەدھىيىلەپ
كۆكنى قۇچتى جاراڭلاپ، قۇتلۇق ئايەم ناۋاسى.
ھاياجاندا پارتىيە بەختىمىزگە ياشا! دەپ
دولقۇنلايدۇ دىللاردا ئېزگۈ تىلەك دەرياسى.

ساڭا بولغان ئەقىدە، ئىشەنچىمىز، سۆيگۈمىز
ناخشا بولۇپ پەلەكتە ياڭراپ تۇرار تا ئەبەد.
سەن بولغاچقا ئۆمرىمىز، ھاياتىمىز بېغىدا
بەختىمىزنىڭ بۇلبۇلى سايراپ تۇرار تا ئەبەد.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ